شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۈ ش س ت ت 1- باشقارما [2020] يىللىق: **- نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئا**، ئەر، **–يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ******650104197406، **، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئادېرىسى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ئادېرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى ** رايۇنى ** يولى غەربىي **-كوچا **-نۇمۇر **-بىنا **-كورپۇس **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق. 2006-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى يىڭى شەھەر رايۇنلۇق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن ئوغىرلىق جىنايتى مۇددەتلىك سەككىز ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، قوشۇمچە 1000 يۈەن جەرىمانە قويۇلغان. بۇ قىتىم 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايى قىلمىشىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر چەكلەش ئەتىرىتى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويچە توختىتىپ قويۇلغان. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىز «زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش» جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، ئەتىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر چەكلەش ئەتىرتى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر چەكلەش ئەتىرتى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئا** نىڭ زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايى دېلوسىنى 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا بارلىق دەۋا ھوقوقى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىنكى كېلىپ چىقىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈردۇق، جاۋابكار ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت ئېچىش تەرتىپىگە قوشۇلدى.
مەزكۇر دېلو 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۇنى 1-قېتىم تەھىقلىگۈچى ئورگاننىڭ تولۇقلاپ تەھىقلىشىگە قايتۇرۇلدى ،1-قېتىم دىلۇ ئىشلەش مۇددىتى ئۇزارتىلدى ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۇنى 2-قېتىم تەھىقلىگۈچى ئورگاننىڭ تولۇقلاپ تەھىقلىشىگە قايتۇرۇلدى، 2-قېتىم دىلۇ ئىشلەش مۇددىتى ئۇزارتىلدى ،
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ئا** 2019– يىلى 12 –ئاينىڭ 13 – كۈنى سائەت 16 لەر بىلەن ئۈرۈمچى شەھەر ** رايونى ** يولى ئەتراپىدا، زەھەرلىك چىكىمىلىك سېتىۋالغۇچى ئا** بىلەن ئۈندىداردا ئالاقىلىشىپ ئا**غا قىزىل رەڭلىك تاماكا قۇتىسىنىڭ ئىچىگە سېلىنغان تىشى لاتارىيە بىلىتىگە ئورالغان ئىككى بولاق 0.41گرام ئىغىرلىقىتىكى زەھەرلىك بويۇم خىروئىننى ** يولى** يولى ئىغىزى يېنىدىكى توك ساندۇقىنىڭ ئاستىغا يۇشۇرۇپ قۇيۇپ، ئۈندىدار ئارقىلىق 600 يۈەن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ساقچىلار تەرپىدىن تۇتۇلغان، كىيىن ساقچىلار جىنايەت گۇماندارى ۋە جىنايەت گۇماندارىنىڭ قىز دوستىنىڭ تۇرالغۇسىنى ئاقتۇرش ئارقىلىق 8.84 گىرام ئىغىرلىقتىكى زەھەرلىك چىكىملىك خىروئىننى قولغا چۈشۈرگەن.
يۇقارقى پاكىت تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى:
(1) يازما ئىسپات: جاۋابكارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، دېلوغا كېلىش جەريانى، تۇتۇپ قىلىش قارارنامىسى، تۇتۇپ قېلىش تالونى، قايتۇرۇپ بىرىش تىزىملىكى، زەھەرلىك چىكىملىكنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تالونى، مەبلەغ مۇئامىلە راسچۇت تالۇنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تور بىخەتەرلىكنى قوغداش ئەتىرتىنىڭ ]2020[**-نۇمۇرلۇق ئىلكتىرونلۇق سانلىق مەلۇماتنى تەكشۈرۈش خاتىرسى، بانكا كىرىم-چىقىم ھېسابات تالونى، ئۈرۈمچى شەھەرى يىڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ [2006]**-نۇمۇرلۇق جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسمىلەر؛
(2) باھالاشنامە: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بويۇمنى تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىش مەركىزىنىڭ [2019] **-نۇمۇرلۇق تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىش دوكلاتى ۋە باھالاشنامىنى ئۇقتۇرۇشنامىسى؛
(3) ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى: زەھەرلىك بۇيۇمنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش خاتىرىسى، زەھەرلىك بۇيۇمدىن ئەۋرىشكە ئېلىش خاتىرىسى، ئاقتۇرۇش خاتىرسى، تونۇتۇش خاتىرسى ؛
(4) گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى؛
(5) جاۋابكارنىڭ ئىقرارى؛
(6) ئۈن-سېن ماتېرىيالى ؛
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار ئا**نىڭ دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، دۆلەتنىڭ زەھەرلىك بۇيۇملارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت تەرىپىدىن ئېلىپ-سېتىش چەكلەنگەن زەھەرلىك بويۇمنى ئېلىپ–ساتقان قانۇنسىز قىلمىشىدىن « زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ–سېتىش » جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 347-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا جاۋابكارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمەڭلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۈرمەت بىلەن:
تەپتىش: خۇرشىدە ئۆمەر
تەپتىش ياردەمچىسى: سەيپىدىن ئابدۇرېھىم
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
ئەسكەرتىش:
(1)جاۋابكار ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا.
(1)تەھقىقلەش دېلوسى 4 توپلام، 8 دانە سىن دېسكىسى، مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىبنامىسى، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپى، جازا ئۆلچەش تەكلىپى قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论