欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某诈骗案)_焉耆县人民检察院

2021-09-20 尘埃 评论0

焉耆县人民检察院

起 诉 书

焉检公诉刑诉〔2020〕1号

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ق ت ج ئەيىبلەش 1[2020]- نومۇرلۇق

 قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

جاۋابكار ئا نامەلۇم ئەر، 1984-يىلى 07-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى:6528011984XXXXXXXX،ئۇيغۇر، قاراشەھەر ناھىيلىك XX ئىدارىسىنىڭ پاراۋانلىق شىتاتى خادىمى، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: قاراشەھەر ناھىيە XX يولى XX ئولتۇراق رايونى 1-بىنا 1-كورپۇس،401-ئۆي،نۇپوس تۇرۇشلۇق ئورۇن:قاراشەھەر ناھىيە XX يېزىسى XXكەنتى 5-گۇرۇپ85-نۇمۇر، 2019- يىلى 5- ئاينىڭ 18- كۇنى قاراشەھەر ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلغان،2019-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ قولغا ئېلىشنى تەستىقلىشى بىلەن شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى قاراشەھەر ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان، ھازىر قاراشەھەر ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

جاۋابكار ئا نامەلۇمنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدە قاراشەھەر ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2019-يىلى7-ئاينىڭ 27-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىممىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىغى ، گۇناھىنى تونۇپ جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمى ئۇقتۇرۇلدى. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلونىڭ بارلىق ماتىريالى تەكشۈرۈلدى، مەھكىمىمىز 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى بىرىنچى قېتىملىق تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرغان، تەھقىقلەش ئورگىنى 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى قايتا يوللىغان، مەھكىمىمىز 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىككىنچى قېتىملىق تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرغان،تەھقىقلەش ئورگىنى 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى قايتا يوللىغان ، مەھكىمىز 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى سۈرۈك ئۇزارتقان. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:  

1)جاۋابكار ئا نامەلۇم 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى قاراشەھەر ناھىيلىك كەسپى ماھارەت تەربىيلەش مەركىزىنىڭ 3-بىنا 2-قەۋەتتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىسى ئانامەلۇم بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئا نامەلۇمنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى سوراپ ،ھەمدە ئۆزىنىڭ باشقا خۇيزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈش تىزىملىكىنى يوللىغانلىقىنى ،لىكىن يوقىرنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەنلىكىنى ،ھەمدە ئا نامەلۇمغا ياردەم قىلىپ ئوقۇش پۈتتۈردىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ قۇيدىغانلىقىنى دەپ 10مىڭ يۈەن تەلەپ قىلغان ،لىكىن ئا نامەلۇم 5مىڭ يۈەن تەييار قىلالايدىغانلىقىنى ئىيتقان ،ھەمدە ئا نامەلۇماىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن تەربىيلەش مەركىزىنىڭ 2-قەۋەتتىكى ئامىمىۋىي تېلفۇنىدا ئا نامەلۇمغا ئائىلسىدىكىلەرگە تېلفۇن ئۇرغۇزۇپ ئۆزىگە پۇل ئەكىلىپ بېرىشىگە بۇيرىغان ،ئا نامەلۇمنىڭ ئايالى ئا نامەلۇم بىلەن ئالاقىلشىىپ ئا نامەلۇم مۇدىرغا پۇل ئەكىلىپ بېرىشنى ئىيتقان ،2019-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ئا نامەلۇم 5مىڭ يۈەن پۇلنى تەييار قىلىپ ئا نامەلۇم دەپ بەرگەن نۇمۇرغا تېلفۇن قىلىپ ئا نامەلۇم بىلەن ئالاقىلاشقان ھەمدە 5مىڭ يۈەن پۇلنى ئېلىپ قاراشەھەر ناھىيە كەسپى ماھارەت تەربىيلەش مەركىزىنىڭ ئالدىدىكى خەيدۇ شىنيۈەن ئولتۇراق رايونىنىڭ ماشىن توختىتىش مەيدانىدا ئال نامەلۇم بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە 5مىڭ يۈەن پۇلنى ئا نامەلۇمغا بەرگەن ،ئالنامەلۇمئۆزىنىڭ مەكتەپكە جىددىي كىرىپ كېتىدىغانلىقىنى ،بۇ 5مىڭ يۈەن پۇلنى ئۆزىنىڭ قەرىز-ئامانەت كوپىراتىپى بانكا كارتا نۇمۇرىغا ئۇرۇپ بېرىشىنى ئىيتىپ قايتۇرۇپ بەرگەن ،2019-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاسىيە مەمەت ئالنامەلۇمنىڭ دىگىنى بۇيىچە قاراشەھەر تاشيول ئوچاستىكىسنىڭ ئۇدىلىدىكى قەرىز-ئامانەت كوپىراتىپىنىڭ ATMپۇل سېلىش ئۈسكىنىسىدە ئالنامەلۇمتەمىنلەپ بەرگەن بانكا كارتا نۇمۇرىغا 5مىڭ يۈەن پۇلنى سېلىپ بەرگەن،ئالنامەلۇمپۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن،دىلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋابكار ئالنامەلۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئابلاجان ئابلىزغا 5000 يۈەننى قايتۇرۇپ بەرگەن.

2) جاۋابكار ئالنامەلۇم2019-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى قاراشەھەر ناھىيلىك كەسپى ماھارەت تەربىيلەش مەركىزىنىڭ 3-بىنا 2-قەۋەتتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىسى مەنامەلۇم بىلەن پاراڭلىشىش ئۆيىدە پاراڭلىشىش جەريانىدا مەنامەلۇمغا« سىلەرنىڭ ئارخىۋىڭلار ئۆزىنىڭ قولىدائىكەنلىكىنى ،خۇيزۇ ئوقۇغۇچىلار يولىنى تەييار قىلىپ بولغانلىقىنى ،ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قالغانلىقىنى ،10مىڭ يۈەن پۇل تەييار قىلسا ئىشلىرىنى بىجىرىپ بېرىدىغانلىقىنى دەپ ئائىلدىكىلىرىگە تېلفۇن قىلىپ قىلغۇزۇش ئۈچۈن  ئامىمىۋىي تېلفۇندا مەنامەلۇمغا ئائىلىسىدىكىلەرگە تېلفۇن قىلىپ ئايالى ئانامەلۇمكە تېلفۇن ئۇرۇپ ئۆزىنىڭ مۇئەللىمى ئايالى  بىلەن ئالاقىلشىىدىغانلىقىنى 5مىڭ يۈەن پۇل تەييار قىلىپ ئالنامەلۇمغا ئەكىلىپ بېرىشىنى ئىيتقان ،ئايالى ئانامەلۇم ئۇرۇق-تۇغقان،تۇنۇش-بىلىشلىرىدىن قەرىز سوراپ 3500يۈەننى تەييار قىلىپ ،ئالنامەلۇمبىلەن ئالاقىلشىپ ئەكىلىپ بەرگەن ،2019-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ئايالى ئانامەلۇم 3500يۈەن پۇلنى قاراشەھەر ناھىيلىك تەربىيلەش مەركىزىگە ئېلىپ كىلىپ قاراشەھەر ناھىيە خەيدۇ شىنيۈەن ئولتۇراق رايونىنىڭ ئالدىدىكى ماشىن توختىتىش مەيدانىدا ئالنامەلۇمنىڭ ئاق رەڭلىك ماشىنىسغا چىقىپ ئالنامەلۇمنىڭ قولىغا 3500يۈەن نەق پۇلنى بەرگەن ،ئالنامەلۇم3500يۈەن نەق پۇلنى ئالغاندىن كىيىن ، بۇ پۇللارنى يولدىشىنى قانۇن سىنىپىغا چىقىرىپ قويدىغانلىقىنى ،قانۇن سىنىپىدا 20كۈن ئوقۇپ ئاندىن مەكتەپتىن چىقىپ كىتىدىغانلىقىنى ،بۇ ئىشلارنى باشقىلارغا دىمەسلىكىنى ئىيتىپ ئالداپ كەلگەن،ئالنامەلۇمپۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن،دىلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋابكار ئالنامەلۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مەنامەلۇمغا 3500 يۈەننى قايتۇرۇپ بەرگەن .

3) جاۋابكار ئالنامەلۇم2019-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى قاراشەھەر ناھىيلىك كەسپى ماھارەت تەربىيلەش مەركىزىنىڭ 3-بىنا 2-قەۋەتتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىسى سونامەلۇم  بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا سونامەلۇمنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى سوراپ بۇلۇپ ،ھازىر تەربىيلەش مەركىزىدە يېشى چوڭ ،ئېغىر كىسەل ئوقۇغۇچىلارنى مۇددەتتىن سىرىتقا قۇيۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى ،شۇڭا سونامەلۇمنى ياشتا چوڭ ئېغىر كىسەل ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ تەربىيلەش مەركىزىدىن چىقىپ كىتىشىگە ياردەم قىلدىغانلىقىنى دىگەن،ھەمدە ئائىلىسىدىكىلەرگە تېلفۇن قىلىپ ئالاقىلىشىپ 3000يۈەن پۇل تەييارلاپ ئۆزىگە تاپشۇرۇش كېرەكلىكىنى دىگەندىن كىيىن ،سونامەلۇم ئائىلىسدىكىلەر بىلەن تەربىيلەش مەركىزىنىڭ 3-بىنا 2-قەۋەتتىكى سىمسىز ئامىمىۋىي تېلفۇنىدا چوڭ قىزى سونامەلۇمغا تېلفۇن قىلىپ ،ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا جىددىي 3000يۈەن تەييارلاپ ئەكىلىپ بېرىشىنى ئورۇنلاشتۇرغان ،قىزى سونامەلۇم 3000يۈەن پۇلنى تەييار قىلىپ دادىسى سونامەلۇم دەپ بەرگەن نۇمۇرغا تېلفۇن قىلىپ ئالنامەلۇمبىلەن قاراشەھەر ناھىيە كەسپى ماھارەت تەربىيلەش مەركىزىنىڭ ئالدىدا كۆرۈشۈپ 3000يۈەن  نەق پۇلنى ئالنامەلۇمغا بەرگەن ،ئالنامەلۇمبۇ پۇلنى ئالغاندىن كىيىن سونامەلۇمغا بۇ پۇلنىڭ تەربىيلەش مەركىزىدىن چىقىشغا باشلىققا خەجلەيدىغانلىقىنى ،دادىسىنىڭ پات-ئارىدا تەربىيلەش مەركىزىدىن چىقىدىغانلىقىنى ،بۇ ئىشلارنى باشقىلارغا دىمەسلىكىنى دىگەن،لىكىن ئالنامەلۇمسونامەلۇمنى ئالداپ ،قىزى ئارقىلىق ئالغان 3000يۈەن پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن،دىلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋابكار ئالنامەلۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر سونامەلۇمغا 3000 يۈەننى قايتۇرۇپ بەرگەن.

4) جاۋابكار ئالنامەلۇم2019-يىلى 3-ئاي مەزگىلى قاراشەھەر ناھىيە كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ 3-بىنا 2-قەۋەتتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى تۇنامەلۇم بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا تۇنامەلۇمنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى ئەھۋالىنى سوراپ بولۇپ، ھازىر تەربىيەلەش مەركىزىدە ، يېشى چوڭ، ئېغىر كېسەل ئوقۇغۇچىلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن سىرتقا قويۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى شۇڭا ،تۇنامەلۇمنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىقىپ تەكشۈرتۈش قىلىپ، كېسىلى بولسا ياشتا چوڭ ، ئېغىر كېسەل ئوقۇغۇچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ تەربىيلەش مەركىزىدىن چىقىپ كېتىشكە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى دېگەن، ھەمدە ئائىلىسىدىكىلەرگە تېلېفون قىلىپ ئالاقىلىشىپ ، 10 مىڭ يۈەن پۇل تەييارلاپ ، ئۆزىگە تاپشۇرۇش كېرەكلىكىنى دېگەندىن كېيىن، تۇنامەلۇم ئاكىسى قۇنامەلۇم بىلەن ئالاقىلىشىپ بولغان ئەھۋاللاردىن دېگەندىن كېيىن،ئاكىسى بىلەن ئالنامەلۇمنىڭ ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى ھەمدە ئالنامەلۇمغا ئون مىڭ يۈئەن پۇل بېرىشنى دېگەندىن كېيىن ئالنامەلۇمقۇنامەلۇم بىلەن ئالاقىلىشىپ ، 10 مىڭ يۈئەننى ئۆزىنىڭ يېزا ئامانەت قەرز كوپىراتىپى كارتىسىغا ئۇرۇپ بېرىشنى دېگەندىن كېيىن قۇنامەلۇم ئالنامەلۇمتەمىنلەپ بەرگەن ، بانكا كارتا نومۇرىغا ،شىكشىن بازىرى يېزا ئامانەت قەرز كوپراتىپى بانكىسىدىن 10 مىڭ يۈەن پۇلنى ئۇرۇپ بەرگەن، لېكىن ئالنامەلۇمتۇنامەلۇمنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىقىپ تەكشۈرتۈش قىلمىغان، ھەمدە تىزىملىكنى ئاغرىق چوڭ كېسەللەرتىزىملىكىگە يوللاپ بەرمىگەن، ئالنامەلۇمپۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن،دىلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋابكار ئالنامەلۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تۇنامەلۇمغا 10000 يۈەننى قايتۇرۇپ بەرگەن.

5) 2019-يىلى 4-ئايدا تۇرنامەلۇم قاراشەھەر ناھىيلىك كەسپى ماھارەت تەربىيلەش مەركىزى C رايون 3-بىنا 2-قەۋەتتىكى پاراڭلىشىش ئۆيىدە ئانامەلۇم بىلەن پاراڭلىشىپ ئۆزىنىڭ كىسىلى بارلىقى، تىنىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى دوختۇرخانىغا چىقىپ تەكشۈرتۈپ ئامال بولسا تىز پۈتتۈرۈش سىنىپىغا يۆتكەپ قويسا ، تىزراق تەربىيلەش مەركىزىنى پۈتتۈرۈپ چىقىپ كەتكۈسى بارلىقىنى دىگەن، ئانامەلۇم ماقۇل بولۇپ تۇرنامەلۇمغا ئائىلىسىدىكىلەرگە دەپ 10 مىڭ يۈەن سېلىپ بىرىشىنى، ھەمدە ئۆزىنىڭ تۇرنامەلۇمنىڭ كىسەللىك تارىخى بار بىمارلار قاتارىغا كىرگۈزۈپ ئامال قىلىپ تىز پۈتتۈرۈش سىنىپىغا يۆتكەشكە ئامال قىلىپ باقىدىغانلىقىغا ھەمدە قىلالماي قالسا پۇلنى قايتۇرۇپ بىرىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلىپ تۇرنامەلۇم ئارقىلىق تۇرنامەلۇمنىڭ ئايالىنىڭ ئاكىسى ئەنامەلۇم بىلەن ئالاقىلىشىپ 10 مىڭ نەق پۇلنى ئالغان، لىكىن ئانامەلۇم تۇرنامەلۇمنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىقىپ تەكشۈرتۈش قىلمىغان،ئالنامەلۇمئالداپ ئالغان پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن،دىلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋابكار ئالنامەلۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تۇرغۇن سەيدۇلغا 10000 يۈەننى قايتۇرۇپ بەرگەن.

6)جاۋابكار ئالنامەلۇم2018-يىلى 9-ئايلاردا دانامەلۇم قاراشەھەر ناھىيلىك كەسپى ماھارەت تەربىيلەش مەركىزى C رايون 3-بىنا 2-قەۋەتتىكى پاراڭلىشىش ئۆيىدە ئانامەلۇم بىلەن پاراڭلىشىپ ئۆزىنىڭ كۆزىنىڭ قىچىشىپ كىتىپ بارغانلىقىنى، پۇتىنىڭ ئاغرىپ كىتىپ بارغانلىقىنى، رىماتىزىم كىسىلى بارلىقىنى دىگەن، ھەمدە ئانامەلۇمغا ئۆزىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىقىپ داۋالىنىشقا رۇخسەت ئېلىپ بېرىشىنى ئۆتۈنگەن، ئانامەلۇم دانامەلۇمغا داۋالىنىش پۇلىنى تەييار قىلىشنى دىگەندە دانامەلۇم ئوغلىغا تىلفۇن قىلىپ ئۆزىنىڭ دوختۇرخانىغا چىقىپ داۋالىنىدىغانلىقىنى 5000 يۈەن تەييار قىلىپ تەربىيلەش مەركىزىگە كىلىپ ئۆزى بىلەن ئالاقىلىشىشقا ئانامەلۇمغا پۇلنى بىرىشىنى ئېيتقان، دانامەلۇمنىڭ ئوغلى ئېنامەلۇم شۇ كۈنى 5000 يۈەن پۇلنى تەييار قىلىپ ئالىم تۇردى، زورىگۈل مەمەت قاتارلىقلار بىلەن قاراشەھەر ناھىيلىك كەسپى ماھارەت تەربىيلەش مەركىزىگە بېرىپ ئانامەلۇمغا دادىسىنىڭ داۋالىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان 5000 يۈەن پۇلنى بەرگەن، لىكىن ئانامەلۇم بۇ پۇلنى دانامەلۇمنىڭ داۋالىنىشىغا ئىشلەتمىگەن، ھەمدە دانامەلۇمنى دوختۇرخانىغىمۇ ئېلىپ چىقمىغان،ئالنامەلۇمپۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن،دىلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋابكار ئالنامەلۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر دانامەلۇمغا 5000 يۈەننى قايتۇرۇپ بەرگەن.

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى يازما ئىسپات،  زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ، بېكىتىشكە بولىدۇ. 

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ:جاۋابكارئا نامەلۇم قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە پاكىت ئويدۇرۇپ، ھەقىقى ئەھۋالنى يۇشۇرۇپ  باشقىلارنىڭ 36500 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ  266-ماددىسىنىڭ بەلگۇلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇلۇق بولۇپ ئالدامچىلىق جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. 

شۇڭا جاۋابكار ئانامەلۇمنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن»نىڭ  176-ماددىسىنىڭ  1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۇم قىلغايسىزلەر.

              تەپتىش: ياسىنجان ئىمىن 

          نۇراخۇن ئەيسا 

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى

قوشۇمچە:

 (1)جاۋابكار ئانامەلۇمقاراشەھەر ناھىيەلىك قاماقخانىدا قاماقلىق

 (2)بارلىق دېلو ئارخىۋى ئۈچ توپلام 

(3) گۇناھىنى تونۇپ جىنايىتىنى ئىقرار قىلىش كىپىللىك خېتى بىر پارچە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top