博乐市人民检察院
起 诉 书
博乐市检一部刑诉〔2020〕22号
بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ب ش ت ب ب ج ئەيىپلەش خەتلىك (2020) 22-نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ئا**،ئايال، ئۇيغۇر،**ياش، 2000-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، مەدىنىيەت سەۋىيەسى: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق ، كەسىپى : ئۇقۇغۇچى ، ھازىر تۇرۇشلۇق ئادىرىسى : ئۇرۇمچى شەھىرى ** ئائىلىلىكلەر قوروسى **-بىنا **-كورپۇس **-نومۇر، سالاھيەت گۇۋاھنامىسى نومۇرى : 6529012000********، بۇرۇن جازالانمىغان . 2019-يىلى 03-ئاينىڭ 11-كۈنى ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇلۇپ قويۇلۇپ، شۇ يىلى 04-ئاينىڭ 10-كۇنى ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچى كىپىلگە بىرىلگەن، 2019- يىلى 12- ئاينىڭ 20- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن داۋاملىق كىپىلگە بېرىلگەن.
مەزكۈر دىلونى بورتالاشەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى (2019) 420-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار ئا**نى ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە سۇنغان، مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ھەم جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، پۈتۈن دىلو ماتىرىياللارنى تەكشۈردۇق، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىمىزچە تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئىنىقلاندى:
1.جاۋاپكار ئا** 2019- يىلى 1- ئاينىڭ باشلىرى(ئېنىق ۋاقتى نامەلۇم)، ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تىپىشنى ئويلاپ باشقىلاردىن 60يۈەنگە xayi**** نومۇرلۇق ئۈندىدارنى سېتىۋيلىپ، 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۇنىدىن باشلاپ دوستلار چەمبىرىكىگە(100يۈەندىن تۆۋەن ماللار بار، توپ باھاسىدىكى كيىملەر، قىزلار قۇشۇڭلار) دىگەن ئىلانغا ئۆزىنىڭ ئىككلىك كوت نومۇرىنى قۇشۇپ تارقىتىپ، ئۇندىدارىدىكى ھەقىقى تور سودىسى قىلىدىغانلارنىڭ ئۈندىدار دوسىتلار چەمبىرىكىگە چىقارغان كيىم –كىچەكلەرنىڭ رەسىمىنى ئۆزىنىڭ ئۇنداىدار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ ،باشقىلارغا كىيم –كىچەك سېتىپ بىرىشنى باھانە قىلىپ ئالدامچىلىق قىلىشنى باشلىغان . 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۇنى چۈش سائەت11لەر ئەتىراپىدا، بورتالا شەھەر چىندىل بازىرى ** كەنتى ** يولى **-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى س**، جاۋاپكار ئا**نىڭ ئۇندىدارىنى قوشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغان كيىم –كىچەكلەرنىڭ رسىمىنى كۇرۇپ ،كيىم –كىچەك سېتىۋيلىش ئۇچۇن جاۋاپكار ئا**نىڭ ئۈندىدار ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەرگەن ئىككىلىك كوردنى سكاندىرلاش ئارقىلىق ئا**گە جەمئي 630يۈەن پۇلنى ئەۋەتىپ بەرگەن. ئا** بۇ پۇللارنى ئالغاندىن كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى س**قا يالغان مال تالون قەغىزىنى ۋە ئ** نامىدىكى كىملىك گۇۋاھنامىسىنى يالغاندىن ئۆزەمنىڭ دەپ ئەۋەتىپ بەرگەن. ھەم ئالداپ ئىلىۋالغان پۇللارنى خەجلەپ تۇگەتكەن .
2. 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۇنى ،غۈلجا شەھەر ** يولى **-كوچا **-نومۇر ھۆكىمەت ئائىلىكلىكلەر قوروسى **-بىنا **-كورپۇس **-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى م**، جاۋاپكار ئا**نىڭ ئۇندىدارىنى قوشقاندىن كېيىن،ئۇنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغان كيىم –كىچەك ۋە چىنە قاچىلارنىڭ رەسىمىنى كۇرۇپ، سېتىۋېلىش ئۇچۇن جاۋاپكار ئا**نىڭ ئۈندىدار ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەرگەن ئىككىلىك كوردنى سكاندىرلاش ئارقىلىق ئا**گە جەمئي 1720يۈەن پۇلنى ئەۋەتىپ بەرگەن. ئا** ئالداپ ئىلىۋالغان پۇللارنى خەجلەپ تۇگەتكەن
3. 2019-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرلىرى، خوتەن ** ناھىيە ** بازار** كەنتى **-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھ**، جاۋاپكار ئا**نىڭ دوسىتلار چەمبىرىكىگە چىقارغان كيىم –كىچەكنىڭ ھەم ۋاكالەتچى قۇبۇل قىلىش توغىرىسىدىكى ئېلان تەشۋىقاتىنى كۇرۇپ، ئاياللارنىڭ كيىم –كىچەكلىرىگە ۋاكالەتچى بولماقچى بۇلۇپ ،كيىم –كىچەك سېتۋيلىش ئۇچۇن ، جاۋاپكار ئا**نىڭ ئۈندىدار ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەرگەن ئىككىلىك كوردنى سكاندىرلاش ئارقىلىق ئادىلە ئا** جەمئي 1625يۈەن پۇلنى ئەۋەتىپ بەرگەن. ئا** ئالداپ ئىلىۋالغان پۇللارنى خەجلەپ تۇگەتكەن
4. 2019-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرلىرى، خوتەن ** ناھىيە ** يېزا ** كەنىتى **-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ر**، جاۋاپكار ئا**نىڭ دوسىتلار چەمبىرىكىگە چىقارغان كيىم –كىچەكنىڭ ھەم ۋاكالەتچى قۇبۇل قىلىش توغىرىسىدىكى ئېلان تەشۋىقاتىنى كۇرۇپ، ئاياللارنىڭ كيىم –كىچەكلىرىگە ۋاكالەتچى بولماقچى بۇلۇپ، كيىم –كىچەك سېتۋيلىش ئۇچۇن، جاۋاپكار ئا**نىڭ ئۈندىدار ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەرگەن ئىككىلىك كوردنى سكاندىرلاش ئارقىلىق ئا**گە جەمئي 275يۈەن پۇلنى ئەۋەتىپ بەرگەن. ئا** ئالداپ ئىلىۋالغان پۇللارنى خەجلەپ تۇگەتكەن
5. 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۇنى، تۇرپان ** ناھىيە ** يېزا ** كەنت **-ئەتىرەتتە ئولتۇرۇشلۇق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مى**، جاۋاپكار ئا**نىڭ ئۇندىدارىنى قوشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغان كيىم –كىچەكلەرنىڭ رسىمىنى كۇرۇپ، كىيىم سېتىۋېلىش ئۈچۈن ، جاۋاپكار ئا**نىڭ ئۈندىدار ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەرگەن ئىككىلىك كوردنى سكاندىرلاش ئارقىلىق ئا**گە 95يۈەن پۇلنى ئەۋەتىپ بەرگەن. ئا** ئالداپ ئىلىۋالغان پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن .
6. 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۇنى، يوپۇرغا ناھىيىەسى ** يولى **- نومۇرلۇق قورۇ ** – بىنا **-كورپۇس **- ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى گ**، جاۋاپكار ئا**نىڭ ئۇندىدارىنى قوشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغان كيىم –كىچەكلەرنىڭ رسىمىنى كۇرۇپ، كىيىم سېتىۋېلىش ئۈچۈن جاۋاپكار ئا**نىڭ ئۈندىدار ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەرگەن ئىككىلىك كوردنى سكاندىرلاش ئارقىلىق ئا**گە 230يۈەن پۇلنى ئەۋەتىپ بەرگەن. ئا** ئالداپ ئىلىۋالغان پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن .
7. 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۇنى، يوپۇرغا ناھىيىەسى ** بازىرى ** شەقىي يولى **- نومۇرلۇق قورۇ ** - بىنا **- كورپۇس **- ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى م**، جاۋاپكار ئا**نىڭ ئۇندىدارىنى قوشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغان كيىم –كىچەكلەرنىڭ رسىمىنى كۇرۇپ، كىيىم سېتىۋيلىش ئۇچۇن، جاۋاپكار ئا**نىڭ ئۈندىدار ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەرگەن ئىككىلىك كوردنى سكاندىرلاش ئارقىلىق ئا**گە 345يۈەن پۇلنى ئەۋەتىپ بەرگەن. ئا** ئالداپ ئىلىۋالغان پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن .
8. 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۇنى، يوپۇرغا ناھىيىسى ** بازىرى ** شىمالي يولى **- نومۇرلۇق قورۇ ** – بىنا **-كورپۇس **- ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا**، جاۋاپكار ئا**نىڭ ئۇندىدارىنى قوشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغان كيىم –كىچەكلەرنىڭ رسىمىنى كۇرۇپ، كىيىم سېتىۋيلىش ئۇچۇن، جاۋاپكار ئا**نىڭ ئۈندىدار ئارقىلىق ئەۋەتىپ بەرگەن ئىككىلىك كوردنى سكاندىرلاش ئارقىلىق ئا**گە 80يۈەن پۇلنى ئەۋەتىپ بەرگەن. ئا** ئالداپ ئىلىۋالغان پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن .
يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانى، يازما ئىسپات قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋابكار ئا**نىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەخسىتىدە باشقىلارنىڭ 5000يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن دۆلىتىمىز«جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266- ماددىسىغا ئاساسەن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جىنايى پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن
بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : زاھىر
2020-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
قوشۇمچە :
1) جاۋاپكار كىپىلگە بېرىلگەن، ھازىر سىرىتتا.
1) دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى ، ج خ 2 توپلام، تەپتىش بىر توپلام بىللە يوللاندى.
بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تولۇقلاپ ئەيىبلەش قارارنامىسى
ب ش ت ب ب ج ت ئەيىپلەش خەتلىك (2020) 3-نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ئا**نىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى دىلوسىنى مەھكىمىمىز (2020) 22- نۇمۇرلۇق ئەيىپنامە ئارقىلىق مەھكىمەڭلەرگە ئەيىپكەشكە يوللىغان، بۇ جەرياندا جاۋاپكار يەنە جىنايەت ئۆتكۈزگەن، شۇڭا بىرلەشتۈرۈپ ئەيىپلەپ سوت قىلىش كېرەك، ئېنىقلانغان پاكىتلارغا ئاساسەن (2020) 22- نۇمۇرلۇق ئەيىپنامىنى تۆۋەندىكىچە تولۇقلايمىز.
جاۋاپكار ئا** 2019- يىلى 8- ئايدا توردىن، ئۈندىدار نۇمۇرى Na*** ، ئۈندىدار ئىسمى Sub**** بولغان ئۈندىدارنى سېتىۋېلىپ، 2019- يىلى 10- ئايدىن باشلاپ، سېتىۋالغان ئۈندىدارنىڭ دوسلار چەمبىرىكىگە، سافا، جوزا- ئورۇندۇق، ئىشكاپ، كارىۋات قاتارلىق ئائىلە جابدۇقلىرىنى ئەرزان باھادا ساتىمەن دەپ يالغان ساختا ئېلان چىقىرىپ، 2020- يىلى 1- ئاينىڭ 24- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى ** رايونى ** يولىدا ئولتۇرۇشلۇق زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچى ب**غا، جوزا سافا، كارۋات ساتىمەن دەپ 2500يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ مالنى سېلىپ بەرمىگەن، 2020- يىلى 1- ئاينىڭ 20- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى ** رايونى ** يولىدا ئولتۇرۇشلۇق زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچى ئا**غا سافا، جوزا ساتىمەن دەپ 1500يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ مالنى سېلىپ بەرمىگەن، 2020- يىلى 2- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 2- ئاينىڭ 17- كۈنىگىچە، گۇما ناھىيىسى ** يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچى ب**كە سافا، جوزا، چىنە، كارۋات ساتىمەن دەپ 5348يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ مالنى سېلىپ بەرمىگەن، 2020- يىلى 2- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 3- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە، گۇما ناھىيىسى ** بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچى ب**غا بوچاڭ ساتىمەن دەپ 15950 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ مالنى سېلىپ بەرمىگەن، 2020- يىلى 1- ئاينىڭ 29- كۈنىدىن 3- ئاينىڭ 2- كۈنىگىچە، شىڭخا ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ت**غا سافا، جوزا- ئورۇندۇق، ئىشكاپ، كارىۋات ساتىمەن دەپ 21350يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ مالنى سېلىپ بەرمىگەن، 2020- يىلى 2- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 2- ئاينىڭ 19- كۈنىگىچە، شىڭخا ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا**غا سافا، جوزا- ئورۇندۇق، ئىشكاپ، كارۋات ساتىمەن دەپ 11100يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ مالنى سېلىپ بەرمىگەن، 2019- يىلى 12- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن 2020- يىلى 1- ئاينىڭ 12- كۈنىگىچە، مەكىت ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ن**غا سافا، جوزا- ئورۇندۇق، ئىشكاپ، كارىۋات ساتىمەن دەپ 47988يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ مالنى سېلىپ بەرمىگەن، 2020- يىلى 2- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 2- ئاينىڭ 29- كۈنىگىچە، خوتەن شەھەر ** يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ن**غا سافا، جوزا- ئورۇندۇق، ئىشكاپ، كارىۋات ساتىمەن دەپ 6860 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ مالنى سېلىپ بەرمىگەن، 2019- يىلى 12- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 12- ئاينىڭ 26- كۈنىگىچە، كېرىيە ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ش**قا سافا، جوزا- ئورۇندۇق، ئىشكاپ، كارىۋات ساتىمەن دەپ 46650 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ مالنى سېلىپ بەرمىگەن. جاۋاپكار ئا** باشقىلاردىن ئالداپ ئېلىۋالغان پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانى، ئۈن سىن ماتىريالى، يازما ئىسپات قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: ئۇمۇملاشتۇرغاندا جاۋاپكار ئا**نىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەخسىتىدە، باشقىلارنىڭ 159246يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن دۆلىتىمىز ‹جىنايى ئشلار قانۇنى ›نىڭ 266 ماددىسىغا ئاساسەن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جىنايى پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست ،جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسى ۋە « خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار داۋا قائىدىسى» نىڭ 423- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق.
ب ش ت ب ب ج ئەيىپلەش خەتلىك(2020)22- نۇمۇرلۇق ئەيىپنامە يەنىلا قانۇنى كۈچكە ئىگە.
ھۆرمەت بىلەن
بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : زاھىر
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论