欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某自交通肇事案)(公开版)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                    ئو ت ئەيىبلەش (2020)  -نۇمۇرلۇق

جاۋاپكار ئاxx ، ئەر، 1973-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نومۇرى: xxxxxx 6531231973، ئۇيغۇر، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يەككە تىجارەتچى، شىنجاڭ xx ناھىيە xx يېزا xx  كەنت 5-مەھەللە 17-نومۇرلۇق قورودا ئۇلتۇرۇشلوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى توختۇتۇپ قويۇلۇپ،2019-يىلى11-ئاينىڭ4-كۈنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن.

ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار ئاxxنى قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى گۇمانى بىلەن، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋاپكارنىڭ ھەمدە  ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا دەۋاۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق، زىيانلانغۇچنىڭ ئائىلە تاۋاباتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دىلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق.

تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار ئاxx 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 11 دىن 48 مىنۇتلار ئەتىراپىدا، 新B6xxxx(新K2xxx挂)نومۇرلۇق چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتومۇبىلىنى ھەيدەپ ئونسۇناھىيە دۆلەت يولى 314–لىنىيەدە شەرىقتىن غەرىپكە قاراپ يول يۈرۈپ، ھادىسە يۈز بەرگەن جاي دۆلەت يولى 314–لىنىيە 987كىلومېتىر500مېتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە تۇيۇقسىز ئوڭ تەرەپكە يول ئۆزگەرتكەن، ئوخشاش يۆنىلىشتە新N5xxxx نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكلىتنى ھەيدەپ كېلىۋاتقان زىيانلانغۇچى ۋاڭxx新B6xxxx(新K2xxx挂)نومۇرلۇق چوڭ تىپتىكى يۈك  ئاپتومۇبىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش جەريانىدا موتوسىكلىت كونتىروللىغىنى يوقىتىپ،يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى كۆزۈتۈش كامېراسى تۈۋرىكىگە سوقۇلۇپ كەتكەن، نەتىجىدە ۋاڭ xx  زەخمىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن  يول قاتناش ھادسسى كىلىپ چىققان، ھادسىدە جاۋاپكار ئاxxگە ئاساسلىق جاۋاپكارلىق بىكىتىلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋاپكار ئاxxنىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىى ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بولۇپ ،قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى شەكىلىنىدۇ.

 دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر. 

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1–تارماق  بەلگۈلىمىسىدە «قاتناش-تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ زور ھادىسە تۇغدۇرۇپ، كىشلەرنى ئېغىر زەخمىلەندۈرۈپ قويغان ياكى ئۆلتۈرۈپ قويغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلدۇ» دىيىلگەن.

قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۇن جاۋاپكار ئاxxنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

                                     تەپتىش: كېرەمجان ئۆمەر

                                      پۈتۈكچى: ئېزىزجان ئابلەت

 

                                 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى

قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، 3 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىبى ، بىر نۇسخا ئاددىي تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى،قوشۇمچە ھەقتەلەپ دەۋائەرزى، 1 توپلام ج خ دېلو ئارخىبى بىرگەيەتكۈزۈلدى.

(2) جاۋابكار ئاxx ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.

   (3)زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلەتاۋاباتىنىڭ قوشۇمچە ھەقتەلەپ دەۋاسى بار.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top