ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۈ ش ت ت ج ئە چىقىش (2019)152–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار تۇ**،ئايال،ئۇيغۇر، 1953–يىلى**–ئاينىڭ **–كۈنى قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6501021953، ساۋاتسىز، نوپوس تۇرۇشلۇق ئورنى: **شەھىرى **رايۇنى **كوچىسى **-نۇمۇر قوشۇمچە **-نۇمۇرلۇق ئۆي.ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: **شەھىرى **رايۇنى ** يولى **- قورو **- قارار **- بىنا **- كورپوس **- نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. 2018–يىلى 12–ئاينىڭ 13–كۈنى جەمىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قاراپ، شۇ ئاينىڭ 15-كۈنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلغان. 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىز دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ گۇۋاھنامىلىرىنى ياساش،ئۆزگەرتىپ ياساش، ئېلىپ- سېتىش جىنايىتى بىلەن جاۋابكارنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
جاۋابكار ئا**، ئايال،ئۇيغۇر، 1976–يىلى**– ئاينىڭ **–كۈنى كورلا خېجىڭ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6528271976، مەخسۇس كۇرۇس مەلۇماتلىق، نوپوس تۇرۇشلۇق ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: **شەھىرى **رايۇنى **يولى **كوچا **-قورو ** رايۇنى **- بىنا **-ئىشىك **- نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. 2018–يىلى 12–ئاينىڭ 13 –كۈنى جەمىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قاراپ، شۇ ئاينىڭ 15-كۈنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلغان. 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىز دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ گۇۋاھنامىلىرىنى ياساش، ئۆزگەرتىپ ياساش،ئېلىپ- سېتىش جىنايىتى بىلەن جاۋابكارنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
جاۋابكار **،ئەر، ئۇيغۇر، 1971–يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنى خوتەن ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6532211971، ساۋاتسىز، نوپوس تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ھازىر تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ **ناھىيىسى **يىزىسى **كەنت **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. 2019–يىلى 1–ئاينىڭ 21–كۈنى توپلىشىپ جەمىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قاراپ، شۇ ئاينىڭ 22-كۈنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلغان. 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى مەھكىمىمىز دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ گۇۋاھنامىلىرىنى ياساش، ئۆزگەرتىپ ياساش، ئېلىپ- سېتىش جىنايىتى بىلەن جاۋابكارنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. 3- ئاينىڭ 1- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
جاۋابكار ئا**، ئەر، ئۇيغۇر، 1980–يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنى خوتەن شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6532011980، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، نوپوس تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ھازىر تۇرۇشلۇق ئورنى: ** شەھىرى **كوچىسى **يولى **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. 2019–يىلى 1–ئاينىڭ 21–كۈنى توپلىشىپ جەمىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قاراپ، شۇ ئاينىڭ 22-كۈنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلغان. 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى مەھكىمىمىز دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ گۇۋاھنامىلىرىنى ياساش،ئۆزگەرتىپ ياساش، ئېلىپ- سېتىش جىنايىتى بىلەن جاۋابكارنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. 3- ئاينىڭ 1- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
جاۋابكار پا**، ئايال، ئۇيغۇر، 1969–يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6501031969، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، نوپوس تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ھازىر تۇرۇشلۇق ئادرىسى: **شەھىرى **رايۇنى **يولى شىمالى **-كوچا **-نۇمۇر **-بىنا **-ئىشىك **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. 2019–يىلى 1–ئاينىڭ 22–كۈنى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ گۇۋاھنامىسىنى ياساش، ئۆزگەرتىپ ياساش، ئېلىپ- سېتىش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قاراپ، شۇ كۈنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلغان. 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى مەھكىمىمىز دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ گۇۋاھنامىلىرىنى ياساش، ئۆزگەرتىپ ياساش، ئېلىپ- سېتىش جىنايىتى بىلەن جاۋابكارنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. 3- ئاينىڭ 1- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار تۇ**، ئا**، خە**، ئا**، پا**قاتارلىقلارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتىنى ئېلىپ-سېتىش دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2019-يىلى 4–ئاينىڭ -كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارلارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلىش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
1.2013- يىلى 6- ئايلار ئەتراپىدا، جاۋابكار تۇ**، جاۋابكار پا**نىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن جاۋابكار ئا**تىغا ئۆگەي ئوغلى ئە**( يوقاپ كەتكەن) نامىدىكى سالاھىيەت ئىسپاتىنى 10 مىڭ يۈەنگە سېتىپ بەرگەن. جاۋابكار **جاۋابكار تۇ**، پا**لار سېتىپ بەرگەن ئە** نامىدىكى سالاھىيەت ئىسپاتى بىلەن ئۈرۈمچىدىن ئۆي سېتىۋالغان، پاسپورت بىجىرىپ، چەتئەللەرگە چىققان.
2.2014- يىلى 4- ئايلاردا، جاۋابكار تۇ**، خە**، ئا**لار جاۋابكار تۇ**نىڭ ئۆگەي ئوغلى ھې** (ئۆلۈپ كەتكەن) نامىدىكى سالاھىيەت ئىسپاتىنى ئېلى روزىغا سېتىشنى مەسلىھەتلەشكەن، جاۋابكار خە**سالاھىيەت ئىسپاتى سېتىۋېلىش ۋە ستىۋالغان ھې**نامىدىكى سالاھىيەت ئىسپاتى بىلەن ئې**غا پاسپورت بىجىرىش ئۈچۈن، ئې** ئىلگىر -كېيىن بولۇپ، جەمئى 110 مىڭ يۈەن ئالغان. بۇ پۇلدىن تۇ**قا سالاھىيەت ئىسپاتىنى سېتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن 20 مىڭ يۈەن بەرگەن، جاۋابكار ئا**قا ياردەملەشكىنى ئۈچۈن 5 مىڭ يۈەن چاي پۇلى بەرگەن. قالغان پۇلنى ئۆزى خەجلەپ تۈگەتكەن.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات: جاۋابكار تۇ**، ئا**، خە**، ئا**، پا**لارنىڭ نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى ؛
2. ماددى ئىسپات: ئېلىپ- ساتقان سالاھىيەت ئىسپاتى؛
3. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى: گۇۋاھچى ئا**، ئې**، ئاي**لاردىن ئېلىنغان گەپ سوراش خاتىرىسى؛
4. جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى: جاۋابكار تۇ**، ئا**، خە**، ئا**، پا**لارنىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
5. تۇنۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۆرەتلىرى ؛
6. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: جاۋابكارلارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى؛
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار تۇ**، ئا**، خە**، ئا**، پا**لارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتىنى ئېلىپ- ساتقان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 280–ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، سالاھىيەت ئىسپاتىنى ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارلار يۇقارقى جىنايەتنى بىرلىشىپ سادىر قىلغانلىغى ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 25- ماددىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاپ جىنايى جازا بېرىش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: ئايگۈل ئىمىن
تەپتىش: پەرھات ئەركىن
2019–يىلى 4–ئاينىڭ 19–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1.جاۋابكار تۇ**، ئا**، پا**لار ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-قاماقخانىدا قاماقتا.
2.جاۋابكار خە**، ئا**لار ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا.
3.25 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش دېلو ماتىرىيالى 3 توپلام بىرگە يوللاندى.
4. جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论