شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020)337 -نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
.1جاۋاپكار خېxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1967-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۇنى تۇغۇلغان. 52 ياش، كىملىك نۇمۇرى6529231967xxxxxxxx ،يۇرتى ئاقسۇ ۋىلايىتى xx شەھىرى، تۇرۇشلۇق ئادىرسى: xx شەھىرى xx كوچا ئىش باشقارمىسى xx ئاھالىلەر xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ساۋاتسىز، تىجارەتچى، 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى زەھەر ئېلىپ-سىتىش جىنايىتى بىلەن xx ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇدەتلىك بىر يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسغا ھۆكۈم قىلنغان. 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى زەھەر ئېلىپ- سېتىش جىنايىتى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىغىچە كېپىلىككە بېرىلگەن.
. 2جاۋاپكار ئاxx، ئايال، ئۇيغۇر، 1986-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۇنى تۇغۇلغان، 33ياش، كىملىك نۇمۇرى6529231986xxxxxxxx ، يۇرتى ئاقسۇ ۋىلايىتى xx شەھىرى، تۇرۇشلۇق ئادىرسى xx شەھىرى xx كۇچا ئىش باشقارمىسى xx ئاھالىلەر xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. تۇلۇقىسز مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، تىجارەتچى، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى زەھەر ئېلىپ-سىتىش جىنايىتى بىلەن xx ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپدىن. مۇدەتلىك 10ئايلىق قاماق جازاسغا ھۆكۈم قىلنغان. 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن زەھەر ئېلىپ- سېتىش جىنايىتى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىغىچە كېپىلىككە بېرىلگەن.
.3جاۋاپكار ئاxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1975- يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۇنى تۇغۇلغان، 44ياش، كىملىك نۇمۇرى 6529231975xxxxxxxx، يۇرتى ئاقسۇ ۋىلايىتى xxشەھىرى، ئولتۇرۇشلۇق ئادىرسىxx شەھىرىxx بازار xx كەنىت xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى زەھەر ئېلىپ-سىتىش جىنايىتى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىغىچە كېپىلىككە بېرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى4-ئاينىڭ 2-كۈنى(2019) 1301-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكارلاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
2019- يىلى 5-ئاينڭ ئاخىرلىرى جاۋاپكار خېxx جاۋاپكار ئاxxنىڭ xx ناھىيە xx بازار xx كەنىت xx-گورۇپتىكى ئۆيىدە جاۋاپكار ئاxxدىن (1.170.31 )گىرام ئېغىرلىقتىكى زەھەر(نەشە)نى 3500يۈەنگە سىتۋىلىپ، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كىيىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 17:40لار ئەتىراپىدا، جاۋاپكار ئاxx بىلەن بىرگە xxشەھىرىxx يولىدىكى يىمەك-ئىچمەك، مىۋە-چىۋە توپ تارقىتىش بازىرى ئالدىدىكى يولدا ئېxxقا (كۆز قۇلاق) 1.167 گىرام ئېغىرلىقتىكى زەھەر (نەشە)نى 15مىڭ يۈەنگە سېتىشنى كېلىشىپ 10مىڭ يۈەن پۇلنى ئېلىپ، قالغان 5مىڭ يۈەن پۇلنى ساناپ بەرمەكچى بولىۋاتقاندا، ئەتىراپتا كۆزىتىپ تۇرغان xx شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر چەكلەش چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان. جاۋاپكار خېxx تۇتۇلغاندا، ساقچىلار خېxxنىڭ يانچۇقىدىن يەنە كىچىك ئىككى بولاق نەشە (سۇلىياۋنىڭ ئېغىرلىقىنى چىقىرۋەتكەندە ئېغىرلىقى 3.31گىرام) نى ئاختۇرۇپ تاپقان، دىلوغا چېتىشلىق زەھەر (نەشە) ۋە نەق پۇل ئەينەن قايتۇرۇپ كېلىنگەن.
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارلارنىڭ ئىقراى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش پىكرى ، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز خېxx، ئاxx، ئاxx قاتارلىق ئۈچ نەپەر جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ347-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ،جىنايەت پاكىتى ئېنىق،دەلىل –ئىسپاتى تولۇق، زەھەر ئېلىپ-سىتىش جىنايىتى بىلەن جاۋاپكار خې xx، ئاxxغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ347-ماددا،65-ماددا ،25-ماددا بەلگىىمىسى بويىچە ،جاۋاپكار ئاxxغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ347-ماددا، 25-ماددا بەلگىلمسى بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك دەپ قاراپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ -176ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق .
تەپتىش : جۈرئەت ئابلەت
تەپتىش :ئايجامال ئابدۇراخمان
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى
ئىزاھات :
1) جاۋابكار خېxx، ئاxx، ئاxxلار ھازىر ئائىلسدە كىپلدە.
1. خېxxنىڭ تىلفۇن نۇمىرى:xxxxxx13201 2. ئاxxىڭ تىلفۇن نۇمىرى:xxxxxx13070 3.ئاxxنىڭ تىلفۇن نۇمىرى:xxxxxx18130
2) 18نۇسخا ئەيىبنامە ۋە بىر پارچە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولۇش تىلخىتى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلوسى بىرگە ئەۋەتىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论