欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某等2人贩卖,运输毒品罪案)(公开版)

2021-09-23 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى چەرچەن ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلەشنامىسى

چ ت جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش(2019)63- نۇمۇر

چەرچەن ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋاپكار ئا*****، ئەر، ئۇيغۇر، 1987- يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان،(كىملىك نومۇرى: ********6528251987)،ئالى تىخنىكوم مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، كەسپى شوپۇر،ئەسلى يۇرتى شىنجاڭ **** ناھىيسىدىن، قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى **** ناھىيە **** ئولتۇراق رايۇنى***-بىنا **- ئىشىك **- نۇمۇر، 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۇنى چەرچەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ناتاشا( زەھەر) ئېلىپ سېتىش يۆتكەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ،2018- يىلى11-ئاينىڭ 17- كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇن بۇيىچە قولغا ئېلىنغان. بۇرۇن سوتلۇق بولمىغان.

جاۋاپكار ھە*****، ئەر، ئۇيغۇر، 1990- يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان،( كىملىك نومۇرى: ********6528011990)، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە،كەسپى تىجارەتچى،ئەسلى يۇرتى شىنجاڭ **** شەھىرىدىن، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى ** شەھىرى ***** يىزىسى ****كەنتى شىمالى كۇچا **-نۇمۇر،قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى *** شەھىرى **- ئولتۇراق رايۇنى **-بىنا **- ئىشىك ***- نۇمۇر، 2018- يىلى 11- ئاينىڭ 05- كۇنى چەرچەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ناتاشا( زەھەر) ئېلىپ سېتىشجىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ،2018- يىلى 11-.اينىڭ 17- كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇن بۇيىچە قولغا ئېلىنغان، بۇرۇن سوتلۇق بولغان،

جاۋاپكار ئا*****،ھە*****نىڭ ناتاشا (زەھەر) ئېلىپ سېتىش،يوتكەش جىنايىتى دىلوسىنى چەرچەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2019- يىلى 1-ئاينىڭ17-كۈنى مەھكىممىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان،مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۇك ئىچىدە بىجىرىشكە تىگىشلىك قانۇن ھۆججەتلەرنى بىجىردۇق، جاۋاپكارلارغا ئۈچ كۈن ئىچىدە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ئۇختۇرۇشىنى يەتكۇزدۇق،ج خ دىلو ئارخىۋىنى كۆرۇپ چىقتۇق،جاۋاپكارلارنىڭ ھوقۇق- مەجبۇريەتلىرىنى ئۇقتۇرۇپ،قانۇن بۇيىچە سۇراق قىلدۇق،تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارلارنىڭ تۇۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتىنىڭ راسلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق.

1.جاۋاپكار ئا***** 2018-يىلى 09-ئاينىڭ 02-كۇنى كورلا شەھىرىگە ئۆزىنىڭ ،ئاق رەڭلىك ******新M-نۇمۇرلۇق كىرا ماشىنىسىنى كىرا قىلىپ بېرىپ،***ناھىيسىگە قايتىپ كىلىدىغان ۋاقىتتا، كورلا شەھىرىدىن ناتاشا (زەھەر) سېتىۋېىلىپ،چەرچەن ناھىيىسىگە يوتكەپ كىلىپ سېتىپ پايدا كۇرۇش مەخسىتىدە، جاۋاپكار ھە******* بىلەن تېلفۇندا ئالاقىلىشىپ، كورلا شەھىرى **-ئولتۇراق رايۇنىدا ئۇچرىشىپ،ئوزىنىڭ ناتاشا (زەھەر) سېتىۋالىغانلىقىنى، ناتاشا( زەھەر) تېپىپ بىرىشنى ئېيتقاندىن كېيىن،جاۋاپكار ھە***** كورلا شەھىرىدىكى ق**** (سالاھىيىتى ئىنىق ئەمەس) ئىسىملىك كىشىدىن 200.00يۈەنگە كىچىك ئۇچ بولاق ناتاشا(زەھەر) سىتىۋىلىپ،كىچىك ئىككى بولاق ناتاشا ( زەھەر)نى،جاۋاپكار ئا*****غا 200يۈەنگە سىتىپ بىرىپ، قېپ قالغان كىچىك بىربولاق ناتاشا (زەھەر) نى ئۆزى چىكىپ تۇگەتكەن.جاۋاپكار ئا*****،جاۋاپكار ھە*****دىن 200.00 يۇەنگە سېتىۋالغان كىچىك 2 بولاق ناتاشا( زەھەر)نىئۆزىنىڭ ئاق رەڭلىك****** 新M-نۇمۇرلۇق كىرا ماشىنىسى بىلەن چەرچەن ناھيىسىگە يوتكەپ كىلىپ،بىر بولاقنى ئىككى بولاققا بۇلۇپ ،دوستى ئا******گە بىر بولاقنى 100.00يۇەنگە، مە*****كە بىر بولاقنى200.00 يۇەنگە سېتىپ، قېپ قالغان بىر بولاقنىڭ يېرىمىنى ئوزى چىكىپ،يېرىمىنى ئۇيىگە تىقىپ ساقلىغان.( چەرچەن ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئا*****نىڭ ئۇيىدىن 0.04گىرام ئېغىرلىقتىكى زاڭ مال ناتاشا تۇتۇپ قېلىنغان).

2. جاۋاپكار ئا***** 2018-يىلى 09-ئاينىڭ11-كۇنى كورلا شەھەرىگە ئۆزىنىڭ ئاق رەڭلىك****** 新M-نۇمۇرلۇق كىرا ماشىنىسى كىرا قىلىپ بېرىپ، چەرچەن ناھىيىسىگە قايتىشىدا، كورلا شەھىرىدىن ناتاشا( زەھەر) سېتىۋېلىش مەخستىدە، جاۋاپكار ھە*****غا تېلفۇن قىلىپ، كورلا شەھىرى**- ئولتۇراق رايۇنىدا ئۇچرىشىپ، ئوزىنىڭ ناتاشا (زەھەر) سېتىۋالىغانلىقىنى، ناتاشا( زەھەر) تېپىپ بىرىشنى ئېيتقاندىن كېيىن، جاۋاپكار ھە***** كورلا شەھىرىدىكى بو*** (سالاھىيىتى ئىنىق ئەمەس) دىگەن كىشىدىن 200.00 يۈەنگە كىچىك ئۇچ بولاق ناتاشا (زەھەر) سىتىۋىلىپ،ئىككى بولاق ناتاشا( زەھە)نى،جاۋاپكار ئا*****غا200.00 يۇەنگە سېتىپ بىرىپ، قېپ قالغان كىچىك بىر بولاق ناتاشا( زەھەر )نى،ئوزى چىكىپ تۇگەتكەن.جاۋاپكار ئا***** ،جاۋاپكار ھە*****دىن سېتىۋالغان ئىككى بولاق 200.00يۇەن قىممىتىدىكى ناتاشا(زەھەر)نى،ئۆزىنىڭ ئاق رەڭلىك****** 新M-نۇمۇرلۇق كىرا ماشىنىسى بىلەن چەرچەن ناھىيىسىگە يوتكەپ كىلىش جەريانىدا يولدا بىر بولاق ناتاشا( زەھەر)نى ئوزى چىكىپ تۇگەتكەن، بىر بولاق ناتاشا( زەھەر )نى چەرچەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى سالۋادوڭ تەكشۇرۇش فونكىغا كەلگەندە،ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان.( چەرچەن ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن 3 گىرام ئېغىرلىقتىكى ناتاشا تۇتۇپ قېلىنغان)

3.جاۋاپكار ئا***** 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 01-كۇنى كورلا شەھرىگە ئۆزىنىڭ ئاق رەڭلىك****** 新M-نۇمۇرلۇق كىرا ماشىنىسى كىر قىلىپ بېرىپ، چەرچەن ناھىيىسىگە قايتىپ كىلىدىغان ۋاقىتتا،ناتاشا(زەھەر) ئېلىپ سېتىش مەخسىتىدە ،كورلا شەھرىدىكى يۇسۇپ ئىسىملىك (سالاھىيىتى ئىنىق ئەمەس) بىر كىشىدىن 300.00 يۈەنگە كىچىك ئۇچ بولاق ناتاشا (زەھەر) سىتىۋالغاندىن كېيىن،ئۆزىنىڭ ئاق رەڭلىك 新M******-نۇمۇرلۇق كىرا ماشىنىسى بىلەن چەرچەن ناھيىسىگە يوتكەپ كىلىش جەريانىدا،بىر بولاق ناتاشا(زەھەر) نى ئوزى چىكىپ تۇگەتكەن،چەرچەن ناھىيىسىگە كەلگەندىن كېيىن، ئىككى بولاق ناتاشا( زەھەر)نى ئۇچ بولاققا بۇلۇپ،ئىككى بولىقىنى دوستى مە*****گە 300.00 يۇەنگە ساتقان، بىر بولىقىنى دوستى مە*****كە ئالدىنقى قىتىم سىتىپ بەرگەن ناتاشاننىڭ كام قالغان قىسمىغا قارىتا ھېساپلاپ بەرگەن.( جاۋاپكار ئا***** ناتاشا يۆتكەشتە ئىشلەتكەن ئاق رەڭلىك 新M******-نۇمۇرلۇق ماشىنا، ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تۇتۇپ قىلىنغان).

بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستىلىق ج خ ئىدارىسى ماددىي ئىسپاتلانى باھالاش مەركىزىنىڭ(2018)102-نومۇرلۇق باھالاشنامىسىدا:« جاۋاپكار ئا*****دىن تۇتۇپ قېلىنغان ناتاشا( زەھەر)نىڭ تەركىۋىدە 5F-ADB تەركىپ بار »دەپ باھالاش يەكۇنى چىقىرىلغان .

جاۋاپكارلارنىڭ يۇقارقى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق ، جاۋاپكارلار ئوزلىرىمۇ ئىقرار.

يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن:

دېلودىكى « قۇبۇل قىلىنغان دېلولارنى تىزىملاش جەدىۋېلى؛دېلونىڭ پاش بۇلۇش جەريانى؛گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى؛ چەرچەن ناھيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ قېلىش قارارنامىسى،تۇتۇپ قېلىنغان ماددى- بۇيۇملار تىزىملىكى، تۇتۇپ قېلىش خاتىرىسى، سۇرئىتى؛ بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى ماددى- ئىسپاتلارنى باھالاش مەركىزىنىڭ باھالاشنامىسى ؛ تۇنۇتۇش خاتىرىسى،سۇرئىتى؛ جاۋابكارلارنىڭ نۇپۇس ئىسپاتى ، جاۋاپكارلارنىڭ ئىقرارى » قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار بار.

مەھكىممىزنىڭ قارىشچە:

جاۋاپكار ئا*****نىڭ پايدا تېپىش مەخسىتىدە، باشقىلاردىن ناتاشا (زەھەر) سېتىۋېلىپ،يوتكىگەن قىلمىشىدىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ347 – ماددىسىنىڭ 1- تارمىغىدىكى بەلگۇلىمە بۇيىچە جازا بىرىشكە تىگىشلىك زەھەرلىك بۇيۇم (ناتاشا) ئېلىپ سېتىش ،يوتكەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ،جاۋاپكار ھە*****نىڭ ناتاشا ئېلىپ ساتقان(زەھەر) قىلمىشىدن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ347 – ماددىسىنىڭ 1- تارمىغىدىكى بەلگۇلىمە بۇيىچە جازا بىرىشكە تىگىشلىك زەھەرلىك بۇيۇم(ناتاشا) ئېلىپ سېتىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. شۇڭا مەھكىمىمىز جاۋاپكارلارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىە بۇيىچە مەھكىمەڭلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۇكۇم قىلغايىسلەر.

تەپتىش: قەمبەرنىسا ئەمەت

2019- يىلى 2- ئاينىڭ 16- كۇنى

ئەسكەرتىش : (1) جاۋاپكارئا*****، ھە***** چەرچەن ناھيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا،(2) تەھقىقلەش ئارخىۋى 2 توپلام . (3) ئەيىبلەشنامە 18 نۈسخا بىرگە يوللاندى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top