ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۈ ت ت 2-بۆلۈم ج ئە﹝2020﹞99–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار خ**، ئەر، ئۇيغۇر، 1989-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى شىنجاڭ ** شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6501031989، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، مۇقىم كەسپى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ۋە دائىم ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى ** رايونى ** يولى **-نۇمۇر **-بىنا **-ئىشىك **-نۇمۇر. زەھەر چەككەنلىكى ئۈچۈن، 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، مەمۇرى جەھەتتىن 15 كۈن توختىتىش جازاسى بېرىلگەن، 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى، 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈچ قېتىم مەمۇرى جەھەتتىن 15 كۈن توختىتىش جازاسى بېرىلىپ، ئىككى يىل مەجبۇرى ئايرىپ زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن. بۇ قېتىم زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىز زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغىلى بولمىغانلىقتىن، شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى جاۋابكارنىڭ تۇرار جايىنى قايتا نازارەت ئاستىغا ئالغان.
جاۋابكار ئا**، ئەر، ئۇيغۇر، 1984-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى شىنجاڭ ** شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6501021984، ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەلۇماتلىق، مۇقىم كەسپى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ۋە دائىم ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: ** شەھىرى ** رايونى ** يولى **-نۇمۇر **-بىنا **–ئىشىك **-نۇمۇر. زەھەر چەككەنلىكى ئۈچۈن، 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى مەمۇرى جەھەتتىن 15 كۈن توختىتىش جازاسى بېرىلىپ، ئىككى يىل مەجبۇرى ئايرى زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى مەمۇرى جەھەتتىن 15 كۈن توختىتىش جازاسى بېرىلگەن. بۇ قېتىم زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىز زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغىلى بولمىغانلىقتىن، شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى جاۋابكارنىڭ تۇرار جايىنى قايتا نازارەت ئاستىغا ئالغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار خ**، ئا** لارنىڭ زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 11–ئاينىڭ 1-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارلارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارلارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋابكار خ**، ئا** لار مەزكۇر دېلونى ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچ سائەت 21:30 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار خ** شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** يولى ** ئولتۇراق رايۇنىنىڭ ئىچىدە، جاۋابكار ئا** قا ئاق رەڭلىك سۇلياۋ خالتىغا ئورالغان ئىككى كىچىك بولاق قوڭۇر رەڭلىك دانچىسىمان بويۇم(ناتاشا)نى 300 يۈەن نەق پۇلغا سېتىپ بەرگەن.
شۇ كۈنى كەچ سائەت 21:40 لار ئەتراپىدا، جاۋابكار ئا** جاۋابكار خ** تىن سېتىۋالغان يۇقارقى ئاق رەڭلىك سۇلياۋ خالتىغا ئورالغان ئىككى كىچىك بولاق قوڭۇر رەڭلىك دانچىسىمان بويۇم(ناتاشا)نى شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** يولى ** ئولتۇراق رايۇنىنىڭ ئالدىدا، زەھەرلىك بويۇم سېتىۋالغۇچى ت** بىلەن ئا** گە 400 يۈەن نەق پۇلغا سېتىپ بەرگەندىن كىيىن ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان. جاۋابكار ئا** تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن، شۇ كۈنى كەچ سائەت 22:00 لەر ئەتراپىدا، ساقچىلار جاۋابكار خ** نى ** رايونى ** يولى ** ئولتۇراق رايۇنىنىڭ ئىچىدە تۇتقان ۋە خ**نىڭ يېنىدىن زەھەرلىك بويۇم سېتىپ ئېرىشكەن 300 يۈەن نەق پۇلنى تۇتۇپ قالغان.
جاۋابكار خ**، ئا** لار ئېلىپ-ساتقان ئىككى كىچىك بولاق قوڭۇر رەڭلىك دانچىسىمان بويۇمنىڭ ئېغىرلىقىنى قانۇن بويىچە ئۆلچەش، تەركىبىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ساپ ئېغىرلىقىنىڭ جەمئى 0.59 گىرام ئىكەنلىكى، تەركىبىدە بىردەك تەركىبىدە 3،3-دىمىتىل رادىكالى-2-مىتىل بوتىرات(5F-ADB) تەركىبىنىڭ بار ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. ماددى ئىسپات: جاۋابكار خ**، ئا** لار زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىشتا ئىشلەتكەن ئىككى دانە ئوپپو ماركىلىق يانفون.
2. يازما ئىسپات: جاۋابكار خ**، ئا**نىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، دېلوغا كىلىش(تۇتۇلۇش) جەريانى ئىسپاتى، ئۈندىداردا ئالاقىلىشىش خاتىرىسىنىڭ كەسمە سۆرىتى، ماددى ئىسپاتنى تونۇتۇش سۆرىتى قاتارلىقلار؛
3. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى: گۇۋاھچى ت**، ئا** لەردىن ئېلىنغان گەپ سوراش خاتىرىسى؛
4. جاۋابكار خ**، ئا**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
5. دېلوغا چېتىشلىق ماددى ئىسپات(زەھەرلىك بويۇم)نى ئاختۇرۇش، تۇتۇپ قېلىش، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش، ئەۋرىشكە ئېلىش خاتىرىسى؛
6. باھالاش پىكرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بويۇملارنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش مەركىزىنىڭ دېلوغا چېتىشلىق زەھەرلىك بويۇمنىڭ تەركىبىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى؛
7. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: جاۋابكار خ**، ئا** لارنىڭ كىسەللىك ئىسپاتى ۋە ئىلگىرى مەمۇرى جەھەتتىن جازالانغانلىقى توغرىسىدىكى ئىسپات قاتارلىقلار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار قانۇنلۇق توپلانغان، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار خ**، ئا** لارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا نىسپەتەن باشقىچە پىكرى يوق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار خ**، ئا** لارنىڭ پايدا تېپىش مەقسىتىدە، باشقىلارغا زەھەرلىك بويۇم(ناتاشا) ساتقان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347–ماددىسىنىڭ 1-، 4-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: پەرھات ئەركىن
تەپتىش ياردەمچىسى: مەردان ئوبۇل
2020–يىلى 11–ئاينىڭ 25–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋابكار خ**، ئا** لارنىڭ تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان، ئالاقىلىشىش نۇمۇرى: خ** ****1389996، ئا** ****1569911؛
2. مەھكىمىمىزنىڭ 13 نۇسخا ئەيىبنامىسى ۋە تەھقىقلەش دىلو ماتىرىيالى 3 توپلام بىرگە يوللاندى.
3. جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتىدىن ئىككى نۇسخا(ئەسلى نۇسخىسى)، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش پىكىرنامىسىدىن بىر نۇسخا ۋە جازا ئۆلچەش تەكلىبىدىن تۆت نۇسخا بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论