شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى
غۇلجا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
غ ن ت 1- بۆلۈم ئەيىپلەش[2020] 138-نومۇرلۇق
جاۋاپكار ئا**، ئەر، ئۇيغۇر، دېھقان، نىكاھلانمىغان، باشلانغۇچ مەلۇماتلىق، ****-يىلى-**ئاينىڭ -**كۈنى تۇغۇلغان، كېملىك نۇمۇرى: 654121********347X، نوپۇس ۋە ھازىرقى تۇرۇلۇشلۇق ئورنى: غ ن ** بازار**كەنىت **-نومۇر. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ-24كۈنى غ ن ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇلغان. 2020-يىلى3-ئاينىڭ1-كۈنى غ ن خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرپىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن قولغا ئىلىش تەستىقلانغان ھەم شۇ كۈنى غ ن ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان، ھازىر غ ن قاماقخانىسىدا.
جاۋاپكار ئۆ**، ئەر، ئۇيغۇر، دېھقان، نىكاھلانغان، باشلانغۇچ مەلۇماتلىق، ****-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كېملىك نۇمۇرى: 654121*******3493، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇن: غ ن ** بازار** كەنىت **-نومۇر؛ ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: غۇلجا شەھەر **. 2020-يىلى2- ئاينىڭ22-كۈنى غ ن ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە كېپىلگە بىرىلگەن. -2020يىلى-3ئاينىڭ-1كۈنى غ ن خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرپىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن قولغا ئىلىش تەستىقلانغان. يۇقۇم مەزگىلىدىكى ئالاھىدە سەۋەپتىن قۇلغا ئىلىشنى ئىجرا قىلىش ئىمكانيىتى بۇلمىغانلىقى ئۈچۇن -2020يىلى-4 ئاينىڭ-24كۇنى غ ن ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە كېپىلگە بىرىلگەن، ھازىر سىرىتتا.
جاۋاپكار ن**، ئەر، ئۇيغۇر، نىكاھلانمىغان، تولۇقسىز مەلۇماتلىق، كەسىپى شوپۇر، كېملىك نۇمۇرى: 654121********3511، نوپۇس ۋە ھازىرقى تۇرۇلۇشلۇق ئورنى؛ غ ن**بازار **كەنىت **-نومۇر، 2020-يىلى4-ئاينىڭ17-كۈنى غ ن ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە كېپىلگە بىرىلگەن. ھازىر سىرىتتا.
بۇ دېلونى غۇلجا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى5-ئاينىڭ1-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئىلىپ، جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، ئۇلارغا ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق، دېلودا بار بولغان جىنايى پاكىتنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، دېلو تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىمىزچە:
بىرىنجى قىتىم، 2015-يىلى يازدا جاۋاپكار ئا** باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە ئۆزى يالغۇز سۈيدۈڭ مال بازارغا چىقىپ، مال بازىرىدا تىجارەت قىلىۋاتقان زىيانلان غ** سادىق (كونا تۇنۇش)نىڭ قىشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا:‹‹دادامنىڭ قولىدا مال بار سېتىلمىدى، بۇ بىر تۇياق موزايلىق سېرىنى سېتىپ بەر، مەن پۇلۇڭنى پەيشەنبە كۈنى بېرىمەن»-دەپ، ئالدىن 50يۈەن زاكىلات پۇل بېرىپ زىيانلانغۇچى ئا**نىڭ قېممىتى 7200 يۈەنلىك موزايلىق سېرنى‹كالا› ئالداپ ئىلىپ كەتكەن. (ئالدىن بەرگەن 50يۈەن زاكىلات پۇلنى قوشقاندا زىيان پۇلدىن 550 يۈەن ئەسلىگە قايتتى، قالغان زىيان ئەسلىگە قايىتمىدى)
ئىككىنجى قىتىم، 2019-يىلى10-ئايدا جاۋاپكار ئۆ** باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە، غۇلجا شەھەر توغراق يىزىدا ئولتۇرۇشلۇق ئا**نىڭ قېشىغا بېرىپ:«مەن مۇڭغۇلكۆرەگە كاۋا يۆتكەتتىم، كاۋاڭنى ماڭا سېتىپ بەرسەڭ، كاۋىنى سېتىپ بولغاندىن كىيىن پۇلۇڭنى بېرىمەن»-دەپ، ئالدىن 100يۈەن زاكىلات پۇلى بېرىپ زىيانلانغۇچى ئا**نىڭ قېممىتى 6600 يۈەنلىك 6 توننا كاۋىسىنى ئالداپ ئىلىۋالغان. (ئالدىن بەرگەن 100يۈەن زاكىلات پۇلنى قوشقاندا زىيان پۇلدىن 4600 يۈەن ئەسلىگە قايتتى،قالغان زىيان پۇل ئەسلىگە قايتمىدى.)
ئۈچىنجى قىتىم، 2015يىلى12-ئايدا جاۋاپكار ئا** شىرىكى ئۆ** بىلەن بىرلىشىپ باشقىلارنى ئالداپ پۇل تىپىش مەقسىتىدە، غۇلجا ناھىيە بايتوقاي يىزا ياماتو كەنىتتە ئولتۇرۇشلۇق مۇ**(ئالداشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن ئۆ** 120يۈەن نەق پۇلغا بېلىق ئېلىپ مۇ** بىلەن تۇنۇشۋالغان) نىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۆ**:‹‹ غۇلجا شەھەردە دەريا بېلىقنى ئالدىغان يەر تاپتىپ، سەن بېلىقىڭنى نىسىگە بەرسەڭ، مەن بىلىقنى سىتىپ پۇلۇڭنى بىرىمەن»-دەپ، زىيانلانغۇچى مۇ**نىڭ قېممىتى 4991 يۈەنلىك 39 كېلو دەريا بىلىقنى ئالداپ ئىلىۋالغان. (زىيان ئەسلگە قايتمىدى).
تۆتىنجى قىتىم، 2016-يىلى4-ئاينىڭ18-كۈنى جاۋاپكار ئا** ئۆزى يالغۇز باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە غۇلجا ناھىيە چۇلۇڭقاي يىزىسىدىكى جانلىق مال بازارىغا بېرىپ، بازاردا جانلىق مال تىجارىتى قىلىپ تۇنۇشۇپ قالغان دەللال ئى**نى كىپىل قىلىپ ئا**قا: ‹‹ئى** مىنىڭ دادام س** تۇنۇيدۇ، مەن دادام بىلەن بۇرۇندىن جانلىق مال تىجارىتى قىلىپ كىلىۋاتىمەن، ئى** ماڭا كېپىل بولسۇن، بىر توياق كالاڭنى نىسىگە بەرسەڭ مەن كالنى سېتىپ پۇل قېلىپ، پۇلۇڭنى بۇدا قېتىمقى بازاردا بېرىمەن»-دەپ، زىيانلانغۇچى ئا**نىڭ قىممىتى 5600 يۈەنلىك بىر تۇياق كالىسىنى ئالداپ ئىلىۋالغان(1000يۈەن زىياننى قايتۇرغان، قالغان زىيان ئەسلىگە قايتمىدى)
بەشىنجى قىتىم، 2016يىلى7-ئايدا جاۋاپكار ئا** شىرىكى ن*** بىلەن بىرلىشىپ باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە سۈيدۈڭ ناھىيە كۈرە جانلىق مال بازارىغا بېرىپ، ئا** بازاردا جانلىق مال تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ت**غا:«سەن دادام ساخىنى تۇنۇيسەن، مەن ھازىر كالا سۇيۇپ گۆشنى توپ ئۆتكۈزۋاتىمەن، ماڭا بىر تۇياق كالاڭنى نىسىگە بەرسەڭ، پۇلنى تۆت كۈن ئىچىدە بېرىمەن»-دەپ، ئالدىن 200يۈەن زاكىلات پۇلى بېرىپ زىيانلانغۇچى ت**نىڭ قىممىتى 7350 يۈەنلىك بىر تۇياق كالىسىنى ئالداپ ئىلىۋالغان. (جاۋاپكار ئا** ئالدىن بەرگەن 200يۈەن زاكىلات پۇلنى قوشقاندا 1200 يۈەن زىياننى قايتۇرغان، ن** 2000 يۈەن زىياننى قايتۇرغان، جەمئىي 3200يۈەن زىيان قايتۇرۇلۇپ، قالغان زىيان ئەسلىگە قايتمىدى.)
ئالتىنجى قىتىم، 2017-يىلى4-ئايدا جاۋاپكار ئا** شىرىكى ئۆ** بىلەن بىرلىشىپ باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە غۇلجا ناھىيە ئۇچئۇن خۇيزۇ يىزا ئالتەئۆي جانلىق مال بازىرىغا بېرىپ، بازارغا كالا ساتقىلى كىرگەن كونا تۇنۇشى ئى**نى ئۇچۇرتۇپ قېلىپ، ئ**غا:« بىر توياق كالاڭنى نىسىگە بەرسەڭ، كالىنى قۇشخانىغا ئاپىرىپ سويۇپ سىتىپ پۇلۇڭنى بىرىمەن»-دەپ، زىيانلانغۇچى ئى**نىڭ قىممىتى 6500 يۈەنلىك بىر تۇياق كالىسىنى ئالداپ ئىلىۋالغان. مۇشۇ ئىش بولۇپ ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە ئا** ئۆزى يالغۇز ئى**نىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭغا:« ئالدىنقى قېتىملىق كالا گۆشنىڭ پۇلنى ئالالمىدىم، يەنە بىر تۇياق كالاڭنى نىسى بەرگىن، ئىككى كالنىڭ پۇلنى تەڭ بىرىمەن»-دەپ، ئالدىن 500يۈەن زاكىلات پۇلى بېرىپ زىيانلانغۇچى ئى**نىڭ قىممىتى 6500 يۈەنلىك يەنە بىر تۇياق كالىسىنى ئالداپ ئىلىۋالغان. (ئىككى تۇياق كالنىڭ ئومۇمى قىممىتى 13000 يۈەن، ئا** ئالدىن بەرگەن 500 يۈەن زاكىلات پۇلدىن باشقا زىيان پۇل ئەسلىگە قايتمىدى.)
يەتتىنجى قىتىم، 2017-يىلى5-ئايدا جاۋاپكار ئا** باشقىلارنى ئالداپ پۇل تىپىش مەقسىتىدە ئۆزى يالغۇز غۇلجا ناھىيە بايتوقاي بازاردا قاسساپلىق قىلۋاتقان يۈ**(ئالدىنىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئا**نىڭ قاسساپخانىسىغا بېرىپ ئۆزىنى قوناقچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، قوناق ئالدىغانلار بولسا خەۋەر قىلاسەن دەپ تېلفون نۇمۇرىنى قالدۇرۇپ قۇيۇپ تۇنۇشۇپ قالغان)نىڭ قاسساپخانىسىغا بېرىپ ي**قا:«ماڭا قوي گۆشى نېسىگە بەرسەڭ، پۇلۇڭنى ئۈچ كۈندىن كىيىن بېرىمەن»-دەپ، قېممىتى 810 يۈەنلىك 18 كېلو قوي گۆشنى ئالداپ ئىلىۋالغان. ( زىيان ئەسلىگە قايتمىدى)
سەككىزىنجى قىتىم، 2017-يىلى ياز مەزگىلىدە جاۋاپكار ئا** ئۆزى يالغۇز باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە توققۇزتارا ناھىيە-6گوڭشىنىڭ جانلىق مال بازار بېرىپ، كونا تۇنۇشى م**گە: ‹‹ئۆيۈمدە بېقىۋاتقان 10نەچچە تۇياق كالا بار قوشۇپ بېقىپ قوياي»-دەپ ئالدىن 1000يۈەن زاكىلات بېرىپ، زىيانلانغۇچى م**نىڭ قىممىتى 4400 يۈەنلىك بىر تۇياق كالىسىنى ئالداپ ئىلىۋالغان. (ئا** ئالدىن بەرگەن1000 يۈەن زاكىلات پۇلدىن باشقا زىيان پۇل ئەسلىگە قايتمىدى)
توققۇزىنجى قىتىم، 2017-يىلى كۈزدە جاۋاپكار ئا** شىرىكى ئۆ** بىلەن بىرلىشىپ باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە غۇلجا شەھەر تاشكۆۋرۈك يېزىسىدا قاسساپلىق قىلىدىغان ئا** (ئالدىنىشتىن بۇرۇن ئۆ** كۆپ قېتىم ئا** ئاز مىقتاردا گۆش ئېلىپ تۇنۇشۇپ قالغان)نىڭ قاسساپ دۇكىنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ئا**نى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:«بۇ بالا مىنىڭ ئىنىم بۇلىدۇ، ئاپىسى تۈگەپ نەزىر بەرمەكچىتى، نىسىگە گۆش بەرسەڭ، نەزىرنى قىلۋالسۇن›› دىگەندىن كىيىن ئا**:«مىنىڭ توغراقتا ئۈچ تۇياق كالام بار سىتىپ پۇلۇڭنى بېرىۋىتىمەن»-دەپ، زىيانلانغۇچى ئا**نىڭ قېممىتى 848 يۈەنلىك كالا گۆشنى ئالداپ ئىلىۋالغان. ئەتىسى ئا** ئۆزى يالغۇز ئا**نىڭ قاسساپ دۇكىنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا:«ئاكا نەزىرگە گۆش يەتمىدى، يەنە ئازراق گۆشنى نىسىگە بەرسەڭ»-دەپ، زىيانلانغۇچى ئا**نىڭ قىممىتى 742 يۈەنلىك 14كېلو قوي گۆشنى ئالداپ ئىلىۋالغان. (ئومۇمى زىيان 1590 يۈەن، زىيان ئەسلىگە قايتمىدى(.
10-قىتىم، 2018-يىلى3-ئاينىڭ15-كۇنى جاۋاپكار ئا** شىرىكى ئۆ** بىلەن بىرلىشىپ باشقىلارنى ئالداپ پۇل تىپىش مەقسىتىدە غۇلجا شەھەر مەشئەل ئائىلە ئېلىكتىر ئۈسكۈنلىرى توپ تارقىتىش ئورنىدا دۇكان ئاچىدىغان س**نىڭ قىشىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: ‹‹مېنىڭ ئىسمىم ئا** ئارائۆستەڭلىك بولىمەن، سىڭلىمنىڭ تويى بولماقچى ئىدى، تېلىۋىزور كېرەك بولۇپ قالدى، تېلىۋىزوردىن بىرنى نېسىگە بەرسەڭ›› دىگەندىن كىيىن ئۆ**:‹‹ مېنىڭ ئىسمىم ئۆ**، ئايالىم چاپچال بانكىدا ئىشلەيدۇ، بۇ پۇلۇڭنى بەرمىسە پۇلۇڭنى مەن بېرىمەن›› دەپ، زىيانلانغۇچى سۇ**نىڭ بىر دانە 1440يۇەن قىممىتىدىكى تېلۋۇزۇرنى ئالداپ ئىلىۋالغان. (زىيان ئەسلىگە قايتمىدى)
11-قىتىم، 2018-يىلى4-ئاينىڭ ئىچىدىكى بىر كۈنى جاۋاپكار ئا** ئۆزى يالغۇز غۇلجا شەھەر غالبىيەت- 7كوچىدىكى ئا**نىڭ قاسساپ دۇكىنىغا بېرىپ:‹‹مىنىڭ ئىسمىم ئا*** مەن غۇلجا شەھەر خەنزۇ بازىرىدا ئاشخانا ئاچىمەن›› دەپ، ئۇنىڭدىن ئىككى ئۈچ قېتىم نەق پۇلغا گۆش ئېلىپ كىتىپ، ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ‹‹ ئاكا نىسىگە گۆش بەرسەڭ›› دەپ، زىيانلانغۇچى ئا**نىڭ قىممىتى 2585 يۈەنلىك 47 كىلۇگىرام كالا گۇشىنى ئالداپ ئىلىۋالغان. (زىيان پۇلىدىن 1200يۈەن ئەسلىگە قايتتى)
12-قىتىم، 2018-يىلى4-ئاينىڭ27-كۈنى جاۋاپكار ئا** شىرىكى ئۆ** بىلەن بىرلىشىپ باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە غۇلجا شەھەر توپىدەڭ پىفا بازاردىكى موتۇ ساتىدىغان دۇكانلارنى ئۇدا بىر قانچە كۈن ئايلىنىپ يۈرۈپ، شۇ پىفادا توكسېكىلىت ساتدىغان زىيانلانغۇچى ھ**نىڭ 3800يۇەن قىممىتىدىكى ئىككى دانە ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتنى ئالداپ ئىلۋالغان. 2018-يىلى8-ئاينىڭ25-كۈنى ئا** شېرىكى ئۆ** بىلەن يەنە زىيانلانغۇچى ھ**نىڭ دۇكىنىغا بىرىپ، ئا** ھ**كە: ‹‹ ئايالىمغا موتۇ كىرەك بولۇپ كىتىپ بارىدۇ، نېسى موتۇ بەرگىن پۇلنى ئالدىنقىسى بىلەن قوشۇپ تەڭ بىرىۋىتىمەن››دەپ، ئومۇمى قېممىتى 7600يۇەن بولغان 3800يۇەن قىممىتىدىكى ئىككى دانە ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتنى ئالداپ ئىلۋالغان. (گۇماندار ئا***1000يۈەن زىيان پۇلنى قايتۇرغان، قالغان زىيان ئەسلىگە قايتمىدى).
13-قىتىم، 2018-يىلى7-ئايدا جاۋاپكار ئا** شېرىكى ئۆ** بىلەن بىرلىشىپ باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە، ئىككى كۈن ئاۋال كېرا ماشىندا تونۇشۇپ قالغان يېڭىتام بازار يېڭىتام كەنتلىك را**( كېرا ماشىندا را**غا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ‹ مېنىڭ ئىسمىم ئا**، بۇياقنىڭ ئىسمى ئۆ**، بىز ئارائۆستەڭ ھىزۋەكتاملىق، بىز جانلىق مال تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىمىز ساتىدىغان كالا بولسا تېپ بەرسەڭ پايدىسىنى بېرىمىز›- دەپ ئۆزىنى تۇنۇشتۇرغان) نىڭ ئۆيىگە كىچىك ماشىنا بىلەن بېرىپ، راشىدىن نىياز كالىنى نەق پۇلغا ساتىمەن دىگەنلىكى ئۈچۈن كالىسىنى ئالالماي، ئا**، را**نىڭ قوراسىدىكى قويلارنى كۆرۈپ ئارىسىدىن بىر تۇياق قوينى كۆرسىتىپ، 100 يۈەن زاكالەت بېرىپ :«قالغان پۇلۇڭنى ئەتە بېرىمەن»- دەپ، زىيانلانغۇچى را**نىڭ 800 يۈەن قېممىتىدىكى بىر تۇياق قويىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. ئارقىدىن ئۆ**:«ماڭىمۇ بىر تۇياق قوي بەرسەڭ، پۇلۇڭنى ئەتە بەرسەم›› دەپ، زىيانلانغۇچى را**نىڭ قىممىتى 800يۈەنلىك بىر تۇياق قويىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. ئىككى تۇياق قوينىڭ قىممىتى 1600يۈەن. (ئا**100 يۈەن زاكىلات پۇلىدىن باشقا زىياننى قايتۇرمىدى، ئۆ**500يۈەن زىياننى قايتۇرغان، قالغان زىيان ئەسلىگە قايتمىدى)
14-قىتىم، 2019-يىلى1-ئاي ئىچىدە ئا** شېرىكى ئۆ** بىلەن باشقىلارنى ئالداپ پۇل تىپىش مەقسىتىدە كونا تۇنىشى ت**نىڭ غۇلجا شەھەر جىرغىلاڭدىكى قاسساپ دۇكىنىغا بېرىپ، ئا** ت**قا:‹‹دادام گۆش ئەكەلگىن دەپ سېنىڭ يىنىڭغا ئەۋەتكەن ››دەپ بولۇپ، قېشىدىكى ئۆ**نى كۆرسىتىپ:‹‹ بۇ مىنىڭ ئاغىنەم بولىدۇ، بۇنىڭغا 300يۈەنلىك گۆش بەر، پۇلىنى ئۆزەم بېرىمەن››دەپ، زىيانلانغۇچى ت**نىڭ 1990يۈەن قىممىتىدىكى 40.5كېلوگىرام قوي گۆشىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ، ئا** ئۆزى يالغۇز ت**نىڭ قاسساپخانىسىغا بېرىپ :‹‹ھەدەمنىڭ بالىسىنىڭ سۈننەت تويى بولغان، دادام سېنىڭ قېشىڭغا گۆش ئەكەلگىن دەپ ئەۋەتتى››دەپ، زىيانلانغۇچى ت**تنىڭ قىممىتى 1770 يۈەنلىك 36كېلوگىرام قوي گۆشىنى ئالداپ ئىلىۋالغان.(ئومومىي زىيان 3660يۈەن، زىيان ئەسلىگە قايتمىدى)
15-قىتىم،2018-يىلى7-ئاينىڭ20-كۈنى جاۋاپكار ئۆ** ئۆزى يالغۇز باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە، ئارائۆستەڭ بازار كۈزلەك كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق ئە**نىڭ ئۆيىگە بېرىپ:‹‹ مەن جانلىق مال بوردايمەن، 100مو يەرگە زاراڭزا تېرىپ قويغان›› دەپ ئۆزىنى تۇنۇشتۇرۇپ، ئە***نىڭ بىر تۇياق كالىسىنى كۆرۈپ باھاسىنى 4500يۈەنگە كىلىشىپ قويۇپ، ئارقىدىن شېرىكى ئا**غا تېلفون ئۇرۇپ چاقىرتىپ كەلگەن، ئا** ئە**نىڭ ئۆيىگە كىلىپ كالىنى كۆرۈپ:‹‹ بۇ كالاڭ بۇلىدىكەن، تويغا سۇياتتۇق 4500يۈەنگە ئالايلى، پۇلۇڭنى ئەتە بېرىمەن››دەپ، زىيانلانغۇچى ئە**نىڭ قىممىتى 4300 يۈەنلىك بىر تۇياق كالىسىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.(زىيان ئەسلىگە قايتمىدى)
16-قىتىم، 2018-يىلى7-ئاينىڭ29-كۈنى جاۋاپكار ئا** باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە ئۆزى يالغۇز غۇلجا شەھەر تۇپىدەڭ گاڭگۇل مەھەللە پېفارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، شۇ يەردە بىر دۇكانغا تۇخۇمنى توپ ئۆتكۈزىۋاتقان ن**نى كۆرۈپ، ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ:‹‹ مېنىڭ ئىسمىم ئا**، ئۆيدە بورداۋاتقان كالامغا تۇخۇم بېرىمەن، ھەدەمنىڭ دۇكىنىغىمۇ تۇخۇم كېرەك. چاچىدىكى ساياھەت ئورنىدا نۇڭجالې بار، شۇ يەرگىمۇ تۇخۇم كېرەك، سەن تۇخۇمنى ماڭا بەرسەڭ، ئۈچ كۈندە بىر ماشىنا تۇخۇم ئالىمەن›› دەپ، ئۆزىنىڭ كېملىك گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىپ، ئۆز-ئارا ئۈندىدارغا قاچىلىشىپ، زىيانلانغۇچى نىزامىدىن سىراجىدىننى ئۇدا بەش قېتىمدا قېممىتى 8832يۈەنلىك 38400دانە تۇخۇمنى ئالداپ ئېلىۋالغان. (جاۋاپكار ئا** دەسلەپتە بەرگەن 200يۈەن زاكىلات پۇلىنى قوشقاندا 3500يۈەن زىياننى قايتۇرغان، قالغان زىيان ئەسلىگە قايتمىدى)
17-قىتىم، 2018-يىلى9-ئايدا جاۋاپكار ئا** ئۆزى يالغۇز غۇلجا شەھەر كۆككۆۋرۈك سەي بازارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، توخو ساتىدىغان ن**نىڭ دۇكىنىغا بېرىپ: ‹‹ مەن 70-تۈەندە ئاشخانا ئاچىمەن››دەپ، بىر قانچە قېتىم ن**نىڭ دۇكىنىدىن ئاز مىقتاردا نەق پۇلغا توخو ئېلىپ تۇنۇشۇپ قالغان، ئارقىدىن كۆپ قىتىم زىيانلانغۇچى ن**نىڭ قىممىتى 3720يۈەنلىك 124دانە سويۇپ قويۇلغان توخوسىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. (زىيان ئەسلىگە قايتمىدى)
18-قىتىم، 2018-يىلى9-ئايدا جاۋاپكار ئۆ** ئۆزى يالغۇزباشقىلارنى ئالداپ پۇل تىپىش مەقسىتىدە غۇلجا شەھەر كۆككۆۋرۈك سەي بازاردا توخو ساتىدىغان تا**نىڭ دۇكىنىغا بېرىپ:‹‹ مەن غۇلجا شەھەر دەريا بويىدا ئاشخانا ئاچىمەن، نېسىگە توخو بەرسەڭ پۇلنى ئەتە بېرىمەن›› دەپ، كېملىك گۇۋاھنامە نۇمۇرىنى يىزىپ بېرىپ، زىيانلانغۇچى تا**نىڭ قىممىتى 300يۈەنلىك 10دانە سۇيۇپ قۇيۇلغان توخوسىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. (زىيان ئەسلىگە قايتمىدى)
19-قىتىم، 2018-يىلى12-ئاينىڭ16-كۈنى جاۋاپكار ئا** شېرىكى ئۆ** بىلەن بىرلىشىپ باشقىلارنى ئالداپ پۇل تىپىش مەقستىدە دۆڭمازار بازار قاسساپ بازارنى ئايلىنىپ يۈرگەندە، ئا**نىڭ كونا تونۇشى ي**نى ئۇچۇرتۇپ قىلىپ، ئۇنىڭغا؛‹‹ مەن دادام بىلەن پەن زاۋۇت ئىچىۋالغان، ھازىر شۇ كەسىپنى قىلىۋاتىمەن، بۇ بالىنىڭ ئىسمى ئۆ**، ئۆزى سۈيدۈڭلۈك، مېنىڭ پەن زاۋۇتۇمدا ئىشلەيدۇ، مەندىن ئالدىغان 9000 يۈەن پۇلى بار، مۇشۇ پۇلغا كالا ئىلىپ بىرەي دەۋاتىمەن، قالغان پۇلنى ئۆزى چىقىرىدۇ، بىز ھازىر خيسەنتودىن ياغاچ ئىلىپ قايتىپ كەلدۇق، سەندە كالا بولسا كۆرۈپ باقايلى›› دەپ، ي**نىڭ ئۆيىگە بىرىپ، زىيانلانغۇچى ي**كە ئالدىن 2800 يۈەن زاكىلات پۇل بىرىپ، قىممىتى 10000يۈەنلىك بىر تۇياق كالىسىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. ( ئالدىن بەرگەن 2800 يۈەن زاكىلات پۇلدىن باشقا زىيان ئەسلىگە قايتمىدى)
20-قىتىم، 2019-يىلى6-ئايدا جاۋاپكار ئا** ئۆزى يالغۇزباشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە چاپچال ناھىيە قاينۇق يىزىسىغا چىقىپ، قاينۇق يىزىسىدا ماي زاۋۇت ئاچىدىغان ر**نىڭ ماي زاۋۇتىغا برىپ، ئۇنىڭغا؛‹‹ مەن ئارائۆستەڭ يىزىسىدىن، ئىسمىم ئا**، غۇلجا شەھەردە يەم-خەشەك توپ تارقىتىش تىجارىتى قىلىمەن، ئارائۆستەڭ ساقچىخاندا ئاكام بار، مەن ساڭا ئىشەنچىلىك گەپ قىلىۋاتىمەن، سەندىن قىچا كۈنجۈر ئالاي، پۇلنى كۈنجىرنى سىتىپ بولۇپ بىرىمەن›› دەپ، ئۇدا ئۈچ قېتىمدا( خەنزۇ شوپۇرنىڭ ماشىنىسىنى كېرا قىلىپ چىقىپ)زىيانلانغۇچى ر**نىڭ ماي زاۋۇتىدىن قىممىتى 19500يۈەنلىك 6500 كىلوگىرام قىچا كۈنجۈرنى ئالداپ ئېلىۋالغان. (زىيان ئەسلىگە قايتمىدى)
21-قىتىم، 2019-يىلى7-ئاينىڭ17-كۈنى جاۋاپكار ئا** ر** ئارقىلىق ئاكىسى پە**غا تېلفۇن ئۇرغۇزۇپ، ئۆزى يالغۇز چاپچال ناھىيە قاينۇق يېزىدىكى پە**نىڭ ماي زاۋۇتىغا بىرىپ :‹‹ مەن غۇلجا شەھەردە يەم-خەشەك ساتىدىغان ۋا** دىگەن بالا بولىمەن، ئىنىڭنىڭ كۈنجىرىنى مال بوردايدىغانلارغا ئۆتكۈزۋاتىمەن، ئىنىڭغا دەپ قويدۇم، پۇلدىن خاتىرجەم بول›› دەپ زىيانلانغۇچى پە**نىڭ قىممىتى8400 يۈەنلىك 4200 كېلوگىرام پاختا كۈنجۈرنى ئالداپ ئېلىۋالغان. ( ئا** 1000يۈەن زىياننى قايتۇرغان، قالغان زىيان ئەسلىگە قايتمىدى)
22-قىتىم، 2019-يىلى7-ئاي ئىچىدە، ئا** شىرىكى ئۆ** بىلەن غ ن ئونيار يىزا تۆۋەنكى ئونيار كەنىتتە ئولتۇرۇشلۇق ھ**نىڭ ماي زاۋۇتقا بىرىپ:‹‹ مېنڭ ئىسمىم ۋاجىت، ئۆيۈم ھېزۋەكتامدا، قىشىمدىكى ئاغىنەم ئۆ** بولىدۇ، ئۆيى چاپچالدا، مېنىڭ چاپچالدا ماي زاۋۇتم بار، زاۋۇتتا كۈنجۈر يىغىلىپ كەتتى، بۇ ئەكەلگەن كۈنجۈرنى( خەنزۇ شوپۇرنىڭ ماشىنىسىغا بىسىۋالغان كۈنجۈرنى كۆرسىتىپ) سەن ئىلىپ قالساڭ، پۇلنى كۈنجىرنى سىتىپ بولغاندىن كىيىن بەرسەڭمۇ مەيلى›› دەپ كۈنجۈرنى ھا**نىڭ ماي زاۋۇتقا تاشلاپ قويۇپ، ھا**نىڭ قوراسىدىكى بورداۋاتقان كاللارنى بىرەر قۇر كۆرگەندىن كىيىن قايتىپ كىتىپ، ئارىدىن ئون كۈن ئۆتۈپ :‹‹ئاكا مەن مۇڭغۇلكۈرەدە زىغىر بىسىۋاتقان پۇل كاملاپ قالدى›› دەپ، ھا**غا 5000 يۈەن قىزىل بولاق ئاتقۇزۇپ، ئارىدىن ئون كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئا** زېغىر ئىلىپ كىلىپ ھا**غا ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا‹‹ ئوغلۇمنىڭ سۈننەت توينى قىلماقچى ئىدىم، بىر تۇياق كالاڭنى نېسى بەرسەڭ›› دەپ زىيانلانغۇچى ھا**نىڭ قىممىتى 6300يۈەنلىك بىر تۇياق كالىسىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، مۇشۇ ئىش بۇلۇپ ئۈچىنجى كۈنى جاۋاپكار ئۆ** ئۆزى يالغۇز ھا**نىڭ ئۆيىگە بىرىپ :‹‹ خەنزۇ لوبىنىمغا مال سويۇپ بىرەتتىم، بىر كالاڭنى نېسى بەرگىن›› دەپ، ئالدىن زاكىلات 500 يۈەن بىرىپ زىيانلانغۇچى ھا**نىڭ 6300 يۈەن قىممىتىدىكى بىر تۇياق كالىسىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، ئارىدىن 10كۈندىن كىيىن جاۋاپكارئۆ** ھا**غا تېلفۇن ئۇرۇپ:‹‹ ئايالىمنىڭ مىجەزى يوق، دەرھال پۇل ئېتىپ بەر ئاكا، مەن دوستلۇق دوختۇرخاندا ئايالىمنى داۋالىتىۋاتىمەن›› دەپ زىيانلانغۇچى ھا**دىن 2000يۈەن خەلق پۇلىنى(قىزىل بولاق)ئالداپ ئېلىۋالغان. (ئا** 1300يۈەن زىياننى قايتۇرغان، ئۆ** 500يۈەن زىياننى قايتۇرغان، قالغان زىيان ئەسلىگە قايتمىدى)
23-قىتىم، 2019-يىلى8-ئاينىڭ بىشىداجاۋاپكار ئۆ** باشقىلارنى ئالداپ پۇل تىپىش مەقسىتىدە غۇلجا ناھىيە ئۇچۇن خۇيزۇ يىزا ئالتۈي بازارنى ئايلىنىپ، ئالتۇي ماي ئىسكىلاتتا ماي جالاپ چىققان تاۋۇز بسىۋالغان تېراكتۇرنى كۆرۈپ، تېراكتۇرنىڭ قىشىغا بىرىپ پاراڭلىشىپ، تاۋۇزنىڭ ئېگىسى ب**گە:‹‹ مېنىڭ ئىسمىم ئۆ**، ئارائۆستەڭ گوڭشىلىق، سېنىڭ بىر تېراكتۇر تاۋۇزۇڭنى غۇلجا ناھىيە 70-تۈۋەنگە ئاپىرىپ سېتىپ بىرەي›› دەپ، ب**نى 70-تۈۋەنگە ئاپىرىپ، شۇ يەردە شېرىكى ئا**غا تېلفۇن ئۇرۇپ: ‹‹ 70-تۈۋەنگە كەل، بىر تېراكتۇر تاۋۇز بازار، تاۋۇزنى ئالايلى››دەپ شىرىكى ئا**نى چاقىرتىپ كەلگەندىن كىيىن، ئا**:‹‹ مېنىڭ ئىسمىم ئا**، ئارائۆستەڭدە پەن زاۋۇت ئاچىمەن، قارىسام تاۋۇزلىرىڭ بولىدىكەن، ئۆ** ئىككىمىز شىرىك، ئېتىزلىقتىكى تاۋۇزلىرىڭنى بىز يۆتكەيمىز، پۇلۇڭنى تاۋۇزلارنى سىتىپ بولغاندىن كىيىن بىرىمىز ››دەپ، زىيانلانغۇچى بىلالىدىن رەخمىدىننىڭ 3200 يۇەن قىممىتىدىكى 4000كىلوگىرام تاۋۇزنى ئالداپ ئېلىۋالغان ، ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ ئا**ئۆزى يالغۇز زىيانلانغۇچى ب**نىڭ 8680يۇەن قىممىتىدىكى 10850كىلوگىرام تاۋۇز بىلەن 2000يۇەن قىممىتىدىكى 1000 كىلوگىرام قوغۇننى ئالداپ ئېلىۋالغان، ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن جاۋاپكار ئا** زىيانلانغۇچى ب**نىڭ يىنىغا بېرىپ:‹‹ پەن زاۋۇتۇمدا ئىشلەۋاتقان خەنزۇنىڭ قولى كىسىلىپ كەتتى، ئۇنى داۋالىتاي 1000يۈەن بىرىپ تۇر›› دەپ زىيانلانغۇچى ب**نىڭ 1000 يۈەن نەق پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان. جاۋاپكار ئۆ** ئۆزى يالغۇز ب**نىڭ ئېتىزلىقىغا بىرىپ، زىيانلانغۇچى ب***نىڭ 12500 يۇەن قىممىتىدىكى 12500 كىلوگىرام تاۋۇزى بىلەن 1000يۇەن قىممىتىدىكى 500 كىلوگىرام قوغۇننى ئالداپ ئېلىۋالغان ۋە يەنە تاۋۇز باسقان ماشىنا ئۆرۈلۈپ كەتتى دىگەننى باھانە قىلىپ زىيانلانغۇچى ب**دىن 700يۈەن نەق پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان. بى**نىڭ ئومومىي زىيىنى 29080يۈەن. ( زىيان ئەسلىگە قايتمىدى)
24-قىتىم، 2019-يىلى8-ئاينىڭ20-كۈنى جاۋاپكار ئا** شېرىكى ئۆ** بىلەن بىرلىشىپ غۇلجا شەھەر قاردۆڭ يىزا شىنخوا شەرقى يولىدا ئولتۇرۇشلۇق ر**نىڭ ئۆيىگە بىرىپ، ر**غا :‹‹ مېنىڭ ئىسمىم ئا**، بۇ بالا مېنىڭ شېرىكىم ئۆ**بولىدۇ، بىز مۇڭغۇلكۈرەگە مىۋە-چىۋە يۆتكەيمىز، سۈپۈرگەڭدىن نېسى بەرسەڭ، سىتىپ پۇلۇڭنى بەرسەك›› دەپ زىيانلانغۇچى ر**نىڭ 3900يۈەن قىممىتىدىكى 300دانە سۈپۈرگىسىنى قوغۇن باسقان ۋىيشىڭ ماشىنغا بىسىپ ئالداپ ئىلىپ كەتكەن. 2019-يىلى8-ئاينىڭ21-كۈنى جاۋاپكار ئا** ر**غا تېلفۇن ئۇرۇپ :‹‹ سۈپۈرگەڭدىن 500 دانە نېسى بەرسەڭ، سۈپۈرگىنى سىتىپ ئىككى قېتىملىق سۈپۈرگۈنىڭ پۇلنى تەڭ بەرسەم›› دەپ، تېلفۇندا ر**نىڭ ماقۇللىقىنى ئىلىپ، ئۆزى يالغۇز قوغۇن باسقا ۋىيشىڭ ماشىندىن بىرنى كېرا قىلىپ كىلىپ، زىيانلانغۇچى ر**نىڭ 6500 يۈەن قىممىتىدىكى 500 دانە سۈپۈرگىسىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. (زىيان ئەسلىگە قايتمىدى)
25-قىتىم، 2019-يىلى9-ئايدا، بىر كۈنى ئەتىگەندە جاۋاپكار ئۆ** ئۆزى يالغۇزباشقىلاردىن ئالداپ ئالغان بىر تۇياق قوزا گۆشىنى غۇلجا ناھىيە ئونياز يىزىلىق بازارغا ئېلىپ بىرىپ، بازار دوقمۇشتا قاساپ دۇكان ئاچىدىغان ئى**نىڭ دۇكىنغا كىرىپ:‹‹ ئىسمىم ئۆ**، ئارائۆستەڭدىن بولىمەن، بىر تۇياق قوزىنىڭ گۆشى بار ئىدى ئىلىپ قالساڭ ››دەپ، بىر تۇياق قوزا گۆشنى ئى**غا سىتىپ كىتىپ، ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتكەندە، ئۆ** ئۆزى يالغۇز ئى**نىڭ قاساپ دۇكىنىغا بىرىپ 200 يۈەنلىك گۆشنى نېسى ئىلىپ كىتىپ، 2019-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى جاۋاپكار ئۆ**، ئى**گە تېلفۇن ئۇرۇپ:‹‹ ئېنىم تويغا تۇرغان، نېسى گۆش بەرسەڭ، تويدىن كىيىن پۇلۇڭنى بىرىمەن›› دەپ، تېلفۇندا ئى**نىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كىيىن شىرىكى جاۋاپكار ئا**نى ئى**نىڭ قاساپ دۇكىنىغا باشلاپ ئاپىرىپ :‹‹ بۇ مېنىڭ ئىنىم ئا**، تويغا تۇرغان، گۆش ئازلاپ قالدى›› دەپ، زىيانلانغۇچى ئى**نىڭ 4407يۈەن قىممىتىدىكى 67.8كىلوگىرام كالا گۆشىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، مۇشۇ ئىش بۇلۇپ ئەتىسى 2019-يىلى10-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەتىگەندە جاۋاپكار ئا** ئى**گە تېلفۇن ئۇرۇپ:‹‹ توينىڭ پولۇسىغا گۆش ئازلاپ قالدى، بىر قوينىڭ گۆشىنى نىسى بەرسەڭ›› دەپ، تېلفۇندا ئى**نىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كىيىن ئۆزى يالغۇز ئى** ئۆ**نىڭ قاسساپ دۇكىنىغا بېرىپ قىممىتى 700يۈەنلىك 12.7كىلوگىرام قوي گۆشىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. (زىيان ئەسلىگە قايتمىدى) .
26-قىتىم، 2019-يىلى12-ئاينىڭ29-كۈنى جاۋاپكار ئۆ** چاپچال ناھىيە چوڭ بۇغرا يىزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئى**غا تېلفۇن ئۇرۇپ:‹‹ سېنىڭ تېلفۇن نۇمۇرۇڭنى تونۇشۇڭ ھۈ**دىن ئالدىم، ماڭا بىر ئاتنىڭ گۆشى كىرەك، 4 ئادەمگە بۆلۈپ بىرىمەن، كېلوسىنى 50 يۈەندىن ئالىمەن›› دەپ، ئى** بىلەن تېلفۇن ئارقىلىق بىر قانچە قېتىم پاراڭلىشىپ ، ئى**نىڭ سويۇپ ئىشىپ قالغان 50 كېلو ئات گۆشنى ئالدىغان بولۇپ، گۆشنى چاپچال ناھىيە چوڭ دوختۇرخاننىڭ ئالدىغا ئەكەلدۈرۈپ، شۇ يەردە ئى**غا:‹‹ ئىسمىم ئۆ**، ئۆيۈم ئارائۆستەڭدە، ھازىر چاپچال ناھىيەسىدىن ئۆي ئىلىپ مۇشۇ يەردە تۇرۋاتىمەن، ئايالىم چاپچال باج ئىدارىدا ئىشلەيدۇ، ئۆزەم جانلىق مال تىجارىتى قىلىمەن›› دەپ، ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندىن كىيىن، شېرىكى ئا**غا تېلفۇن ئۇرۇپ:‹‹ گۆش كەلدى، ئىلىۋال ››دىگەندە، ئا** :‹‹ گۆشنى نەينۇچاڭغا ئىلىپ كەل، كېرا پۇلۇڭغا 100 يۈەن بىرىمەن››دىگەن، ئۆ** ئى**نىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ نەينۇچاڭ ماي ئىسكىلاتنىڭ قىشىدا ئا** بىلەن كۆرۈشۈپ، ئى**غا:‹‹ بۇ ئارائۆستەڭ يىزىدا ئىشلەيدىغان بالا، ئىسمى ۋ**›› دەپ تونۇشتۇرغاندىن كىيىن، ئا**:‹‹ مەن باشلىقدىن بىر سائەت روخسەت سوراپ كەلگەن، مەكتەپنىڭ گۆشى تۈگىگەن، بۈگۈن ئاپىرىپ بەرمىسەم بولمايدۇ، گۆشنىڭ پۇلىنى ئۈندىدارىڭغا كەچتە ئىتىپ بىرىمەن›› دەپ، زىيانلانغۇچى ئى**نىڭ 2500يۈەن قىممىتىدىكى 50كىلوگىرام ئات گۆشىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. 2019-يىلى12- ئاينىڭ30-كۈنى كەچقۇرۇن سائەت 20 لەر ئەتراپىدا ئا** ئۈندىداردا ئى**غا:‹‹ ئاكا مەن ئايالىم بىلەن قىنئاپامنىڭ ئۆيىگە ماڭغان، پۇل چاي ئىدى، ئىدارىنىڭ پۇلنى ئەتە بىرىمەن دەيدۇ، 400 يۈەن قىزىل بولاق ئىتىپ بەرسەڭ، ئەتە سائەت 10لارغىچە گۆشنىڭ پۇلىغا قېتىپ ئىتىپ بەرسەم›› دەپ، زىيانلانغۇچى ئى**نىڭ 400 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئىلىۋالغان. 2019-يىلى12-ئاينىڭ 31-كۈنى جاۋاپكار ئۆ** ئى**غا تېلفۇن ئۇرۇپ:‹‹ بىر تۇياق ئات بىسىپ كەلگىن، نەينوچاڭدىكى خەنزۇنىڭ نوڭجىيالىسىغا ئات سويىمىز›› دەپ، ئى** بىلەن چاپچال ناھىيەلىك دوختۇرخاننىڭ ئالدىدا كۆرىشىدىغانغا پۈتۈشۈپ قويۇپ، ئ**كەلگەندىن كىيىن ئاۋال ئۆ** ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ماشىندىكى ئاتنىڭ باھاسىغا كىلىشىۋاتقاندا ئا**‹ ئۆ** ئالدىن ئا**غا تېلفۇن ئۇرۇپ چاقىرتىپ قويغان ›شۇ يەردە تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، ئۆ** بىلەن ئى** ئوتتۇرسىغا دەللا بولۇپ، ئۆ** ئالدىن 200 يۈەن زاكىلات پۇل بىرىپ زىيانلانغۇچى ئى**نىڭ 7800يۈەن قىممىتىدىكى بىر تۇياق ئاتنى ئالداپ ئېلىۋالغان. (ئا** ئالدىن بەرگەن100يۈەن زاكىلات پۇل بىلەن ئۆ** ئالدىن بەرگەن 200يۈەن زاكىلات پۇلدىن باشقا زىيان پۇل ئەسلىگە قايتمىدى)
27-قىتىم، 2019-يىلى12-ئاينىڭ20-كۈنى جاۋاپكار ئا** ئۆزى يالغۇز بۇرۇن تونۇشۇپ قالغان غۇلجا ناھىيە 70-تۈەندە ئولتۇرۇشلۇق ت**نىڭ ئۆيىگە بىرىپ:‹‹ ئاكامنىڭ قىيىنئاپىسى تۈگەپ قالغان، چوڭ ئۆيدە نەزىر بەرمەكچىتۇق، بىر تۇياق قوينى نىسى بەرسەڭ، پۇلنى 10 كۈن ئىچىدە بىرىۋىتىمەن›› دەپ، زىيانلانغۇچى تۇ**نىڭ 1000يۈەن قىممىتىدىكى بىر تۇياق قوينى ئالداپ ئىلىپ كىتىپ، ئارىدىن ئىككى سائەت ئۆتكەندىن كىيىن ئا** ت**غا ئۈندىدار ئارقىلىق پاراڭلىشپ:‹‹ بىر تۇياق قوي نەزىر قىلىشقا يەتمەي قالدى، يەنە بىر تۇياق قوينى نېسى سىتىپ بەرسەڭ، ئىككى تۇياق قوينىڭ پۇلنى تەڭ بىرىمەن›› دەپ كىلىشىپ، 2019-يىلى12-ئاينىڭ21-كۈنى ت**نىڭ يەنە بىر تۇياق1000يۈەن قىممىتىدىكى قويىنى ئالداپ ئىلىپ كەتكەن. ( 1300يۈەن زىياننى قايتۇرغان، قالغان زىيان ئەسلىگە قايتمىدى).
28-قىتىم، 2019-يىلى10-ئايدا جاۋاپكار ن** ئارائۆستەڭ بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ئا**قا:‹‹ مىنىڭ غۇلجا شەھەر قاتناش تىرانسىپۇرىتىنى باشقۇرۇش ئورنىدا تۇنۇشۇم بار، سىنىڭ غۇلجا شەھەر قاتناش تىرانسىپۇرىتىنى باشقۇرۇش ئورنى تەرپىدىن تۇتۇپ سولاپ قۇيغان ماشىناڭنى ئاچىقىپ بىرەلەيمەن ››دەپ، ئا**نىڭ 3000 يۇەن نەق پۇلنى ئالداپ ئىلۋالغان. (زىيان ئەسلىگە قايىتمىدى)
29-قىتىم، 2019-يىلى12-ئاينىڭ24-كۈنى جاۋاپكار ئا** باشقىلارنى ئالداپ پۇل تىپىش مەقسىتىدە چاپچال ناھىيە چوڭ بۇغرا يىزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئا**غا تېلفۇن ئۇرۇپ:‹‹ سويدىغان ئات بولسا سويۇپ گۆشىنى ستىپ بەرسەڭ، كېلوسىغا 65 يۈەندىن بىرىمەن، كىيىنچە يەنە سىنىڭدىن داۋاملىق گۆش ئىلىپ تۇرىمەن›› دەپ قويۇپ، ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكۈزۈپ، 2019-يىلى12-ئاينىڭ27- كۈنى ئا** چوڭ بۇغرا كەنىتتە ئولتۇرۇشلۇق ئا**نىڭ قىشىغا چىقىپ:‹‹ ساڭا ئىككى كۈن بۇرۇن تېلفۇن قىلغان بالا مەن بولىمەن، مېنىڭ ئسىمىم ئا**، ئارائۆستەڭ كەنىتتە ئىشلەيمەن، كەنىت بوغالتىرى، پۇلۇڭنى 2020-يىلى1-ئاينىڭ5-كۈنى بىرىمەن›› دەپ، ئۆز-ئارا ئۈندىدارغا قېتىشىپ، ئالدىن 1000 يۈەن زاكىلات پۇل بىرىپ زىيانلانغۇچى ئاب**نىڭ 6000يۈەن قىممىتىدىكى 120كىلوگىرام ئات گۆشىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ ئا** ئا**غا ئۈندىداردا گەپ قىلىپ:‹‹ مىھمان كىلىپ قىلىپ شەھەرگە كىرىۋاپتىمەن، 300 يۈەن بىرىپ تۇرساڭ›› دەپ، زىيانلانغۇچى ئا**نىڭ 300 يۈەن پۇلنى(قىزىل بولاق) ئالداپ ئېلىۋالغان. (ئالدىن زاكىلات تاپشۇرغان 1000يۈەن زىيان پۇلدىن باشقا زىيان ئەسلىگە قايتمىدى).
30-قىتىم، 2020-يىلى1-ئاينىڭ3-كۈنى جاۋاپكار ئا**، زىيانلانغۇچى س**بىلەن تىلفۇنلىشىپ :‹‹ مېنىڭ ئىسمىم ئا**، يەسلى، تۈرمىلەرگە سۈت، تۇخۇم يۆتكەۋاتىمەن، سەندە سۈت، تۇخۇم بولسا نېسى سىتىپ بەرسەڭ›› دەپ ئالداپ، ئۆز-ئارا ئۈندىدارغا قۇشقاندىن كىيىن، ئا** ئۈندىدار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كېملىكىنى س**غا ئەۋەتىپ، سۈت، تۇخۇملارنى غۇلجا ناھىيە 70-تۈۋەنگە ئەكىلىپ بىرىشنى ئىيتپ، زىيانلانغۇچى س**نىڭ ئەكەلگەن سۈت، تۇخۇم، قايماق قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئالداپ ئىلىۋالغان. 2020-يىلى1-ئاينىڭ5-كۈنى كۈنى ئا** سۇ**گە تېلفۇن ئۇرۇپ، 10بولاق تۇخۇمنى ئالداپ ئىلىۋالغان، ئا** ئىلگىر-ئاخىرى بولۇپ زىيانلانغۇچى سۇ**ىڭ 3207يۈەن قىممىتىدىكى كالا سۈتى ۋە توخو تۇخۇمىنى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، ئارقىدىن ھەر خىل باھانە تىپىپ زىيانلانغۇچى سۇ**نىڭ ھەر قىتىمدىن 100يۈەندىن جەمئىي 300يۈەن پۇلنى (قىزىل بولاق) ئالداپ ئالداپ ئېلىۋالغان. (زىيان ئەسلىگە قايتمىدى)
31-قىتىم، 2020-يىلى1-ئاينىڭ15-كۈنى جاۋاپكار ئۆ** باشقىلارنى ئالداپ پۇل تىپىش مەقسىتىدە دولان دىھقانچىلىق مەيداندا ئولتۇرۇشلۇق ئە**غا تېلفۇن ئۇرۇپ:‹‹ مېنىڭ ئىسمىم ئۆ**، ئۆزەم نوڭجىيالى ئاچىمەن، خاتىرجەم بول پۇلۇڭنى بىرىمەن›› دىگەندىن كىيىن ئۆ** ئە**نى ئۈندىدارغا قېتىپ ئۇنىڭغا زاكىلات ئۈچۈن 1000 يۈەن ئىتىپ، ئات گۆشىنى 70-تۈۋەنگە ئەكىلىپ بىرىشنى ئىيتىپ، زىيانلانغۇچى ئە**نىڭ 6300يۈەن قىممىتىدىكى 158كېلوگىرام ئات گۆشىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. (ئالدىن بەرگەن 1000 يۈەن زاكىلات پۇلدىن باشقا زىيان ئەسلىگە قايتمىدى).
32-قىتىم، 2020-يىلى1-ئاينىڭ19-كۈنى جاۋاپكار ئا** شېرىكى ئۆ** بىلەن بىرلىشىپ باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىش مەقستىدە ماشىندىن بىرنى بولاپ، يىڭتام بازاردىن دۆڭمازار يولغا كىتىپ بىرىپ، يىڭتام بازار ئەزنىۋاقى يولىغا كەلگەندە چوڭ يول بويىدا ئات سويۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قىلىپ ماشىننى بىر چەتكە توختاتقۇزۇپ، ئۆ** ئات سويۇپ گۆش سىتىۋاتقان يۈ**غا:‹‹ بىزنىڭ قىزىغانىمىز بار، قىزىغانىغا جىددى ئات گۆشى لازىم، مۇشۇ سويغان ئات گۆشىنىڭ ھەممىنى ئالاي›› دىگەندە، يۈ**:‹‹ بۇ ئاتنى مەھەللىدىكىلەرگە سويغان، سىلەرگە ھەممە گۆشىنى سىتىپ بىرەلمەيمەن، ئىشىپ قالغان قىسمىنى سىلەر ئىلىڭلار››دىگەن، ئۆ** بىلەن ئا** شۇ ئورۇندا بىرەر سائەت ساقلاپ تۇرۇپ، ئۆ** يۈ**نىڭ سىتىپ ئىشىپ قالغان 66 كېلو ئات گۆشىگە 250 يۈەن زاكىلات بىرىپ،‹‹ قالغان پۇلنى قىزىل بولاق قىلىپ ئىتىپ بىرىمەن، قىزىغانىغا گۆش يىتىشمەيۋاتىدۇ، ئەسلى بەش ئاتنىڭ گۆشىنى ئالماقچى ئىدۇق، بۆرتالاغا 9 ئاتنىڭ گۆشىنى قىزا قىلپ ئەۋەتسەك پۇلى تېخى پۈتمدى، چۈشتىن كىيىن بىر ئات سويۇپ بەر، پۇلنى 2020-يىلى1-ئاينىڭ21-كۈنى قىزىل بولاق قىلىپ ئىيتىپ بىرىمەن›› دەپ، ئات گۆشىنى ئىلىپ كىتىپ، شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن زىيانلانغۇچى يۈ**نىڭ 14700يۈەن قىممىتىدىكى 294 كىلوگىرام ( 66 كېلوگىرام ئات گۆشىنى قوشۇپ ھىساپلىغاندا 294 كېلوگىرام) ئات گۆشىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. (ئۆ** ئالدىن بەرگەن250 يۈەن زاكىلات پۇلدىن باشقا زىيان ئەسلىگە قايتمىدى).
33-قىتىم، 2020-يىلى1-ئاينىڭ19-كۈنى جاۋاپكار ئا** زىيانلانغۇچى ن** بىلەن تىلفۇنلىشىپ ‹‹ ئېتىڭ سېمىز بولسا كېلوسىنى 50 يۈەندىن ئالىمەن، ئاۋال ئۈندىدارغا قېتىشىۋىلىپ، سويدىغان ئېتىڭنى ماڭا كۆرسەت ›› دەپ، ئۆز-ئارا ئۈندىدارغا قىتىشىۋالغان. 2020-يىلى1- ئاينىڭ20-كۈنى ن**بىر تۇياق ئاتنى ئىلىپ، ئۈندىدار ئارقىلىق ئا**قا كۆرسىتىپ، ئاتنى سويۇپ غۇلجا شەھەرگە 10600 يۈەنگە ئەكىرىپ بىردىغانغا كىلىشكەن، ن** ئاتنى سويۇپ كىرا ماشىنا ئارقىلىق غۇلجا شەھەر كونا داشىجىنىڭ ئارقا كوچىسىغا ئاپىرىپ بەرگەن، ئا** ئالدىن 500 يۈەن زاكىلات، 100 يۈەن كىرا پۇلى بىرىپ، قالغان پۇلنى 2020-يىلى1-ئاينىڭ25-كۈنى بىرىمەن،-دەپ ھۆججەت يىزىپ، زىيانلانغۇچى ن**نىڭ 10500يۈەن قىممىتىدىكى 213كېلو ئات گۆشىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. (ئالدىن تۆلىگەن 500يۈەن زاكىلات پۇل ۋە كىرا ھىساپلاپ بەرگەن 100يۈەندىن باشقا زىيان ئەسلىگە قايتمىدى).
يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات؛
2. زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى؛
3. گۇۋاھچىنىڭ بايانى؛
4. باھالاشنامە؛
5. جاۋاپكارلارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ:
جاۋاپكار ئا**نىڭ باشقىلارنى ئالداپ، ئۇلارنىڭ پۇل-مىلىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە ئۆزى يالغۇز 14 قىتىم، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ 15 قىتىم، جەمئىي 29 قىتىم دىلۇ سادىر قىلىپ شەخىسلەرگە 201172يۈەن زىيان سالغانلىق قىلمىشى، جاۋاپكار ئۆ**نىڭ باشقىلارنى ئالداپ، ئۇلارنىڭ پۇل-مىلىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە ئۆزى يالغۇز 4 قىتىم، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ 14 قىتىم دىلۇ سادىر قىلىپ شەخىسلەرگە 111676يۈەن زىيان سالغانلىق قىلمىشى، جاۋاپكار ن**نىڭ باشقىلارنى ئالداپ، ئۇلارنىڭ پۇل-مىلىنى قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە ئۆزى يالغۇز بىر قىتىم، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ بىر قىتىم قىلمىش سادىر قىلىپ شەخىسلەرگە 10350يۈەن زىيان سالغانلىق قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266-ماددا، 25-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چىتىشلىق. جاۋاپكار ئا**، ئۆ**نىڭ ئالدامچىلىق سوممىسىنىڭ مىقتارى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، كۆپ قىتىم دىلۇ دىلۇ سادىر قىلغان. جاۋاپكار نە**نىڭ ئالدامچىلىق سوممىسىنىڭ مىقتارى كۆپرەك. بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست. جاۋاپكارلار دىلۇ پاش بولغاندىن كىيىن جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان. جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسى ياخشى. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266-ماددا، 25- ماددا، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە جازا بىرىشىڭلارنى سوراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە جازا بىرىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن
غۇلجا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش: ئەسئەت، مىرزەكىم
2020-يىلى9-ئاينىڭ20-كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋاپكار ئا** قولغا ئىلىنغان، ھازىر غۇلجا ناھىيە قاماقخانىدا قاماقتا. جاۋاپكار ئۆ**، نە** ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن.
2. 4 توپلام دېلو بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار كۆپەيتىلمىسى قوشۇپ يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论