شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
شايار ت ج ئە (2020) 69-نومۇرلۇق
جاۋابكار ئا XX، ئەر، ئۇيغۇر,XX 19-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 74XXXXXXXX65292419، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، شايار ناھىيە XX بازىرى XX كەنت X-گورۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق. 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى باسقۇنچىلىق جىنايىتىگە ئاساسەن لوپنۇر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 3 يىل 6 ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بېرىلگەن. بۇ قېتىم 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 12–كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتىگە ئاساسەن شايار ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، كېپىلگە بېرىلگەن مەزگىلدە قايتا ئوغرىلىق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى شايار ناھىيىلىك ج خ .ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار سۈپىتىدە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان، ھازىر شايار ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
شايار ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار ئاXXنىڭ ئوغرىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 1–ئاينىڭ 21-كۈنى ش ج خ چىقىش (2020) 370-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكار سوراق قىلىندى .
جاۋابكار ئاXX ئوغىرلىق جىنايىتى بىلەن كېپىلگە بېرىلگەن مەزگىلدە، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى شايار ناھىيە XX يۇلىغا جايلاشقان بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تىجارەت زالىنىڭ يان تەرەپ پەلەمپەيدە زىيانلانغۇچى مXXنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىدىن «华为畅享9e» ماركىلىق 1140 يۈەن قىممىتىدىكى يان تېلفۇنىنى ئوغىرلىۋالغاندىن كىيىن 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى كXXغا 800 يۈەنگە سېتىپ خەجلىگەن.
دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچى لىXX بىلەن مXXنىڭ زىيىنى ئەينەن ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ زاڭ سېتىۋالغۇچىنىڭ 800 يۈەن زىيىنى ئەسلىگە كەلمىگەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋابكار ئاXXنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، باشقىلارنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى مال-مۈلكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋابكار تەكرار جىنايەتچى. پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈككە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئېگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264- ماددا، 65-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جاۋابكار ئاXXنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەزكۇر دىلونى مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارغا تەكلىپ بېرىمىز.
ھۆرمەت بىلەن :
شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش: مۇكەرەم ئالاۋۇدۇن
مۇۋەققەت تەپتىش: دىلرابا مۇرات
2020-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى
قۇشۇمچە: 1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، دەلىل-ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، تەھقىقلەش دېلو ئارخىپى ئىككى توپلام، جەمئىى 243 بەت) بىرگە يوللاندى.
2) جاۋابكار قاماقخانىدا قاماقلىق
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论