欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某的危险驾驶罪案件)(公开版)

2021-09-22 尘埃 评论0

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ             ئەيىبنامىسى

ئۇ ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىبلەش (2020)xx-نومۇرلۇق

 ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىسىگە:

جاۋابكار ئاxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xx، ئۇچتۇرپان ناھىيە xxۇقاي يېزا xx كەنىت xx-گۇرۇپ xx-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسپى دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020–يىلى 8–ئاينىڭ 28–كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئاxxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار بىلەن نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار بۇ دېلونى تىز سوت قىلىش تەرتىپنى قوللىنىپ سوتلاشقا قۇشۇلدى.

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

جاۋابكار ئاxx 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 17:00 ئەتراپىدا ئاغىنىسى ساxx بىلەن يېڭىشەھەر 4-رايونىدىكى ئەركەكلەر مەيخانىسىدا ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، ئاقتوقاي يېزا 7-كەنىت 3-مەھەللە يول بويىغا توختىتىپ قويغان xx نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتىسكىلىتىنى مەسىت، پىراۋىسىز ھەيدەپ، ئارقىسىغا ساxxنى مىندۈرۈپ مېڭىپ، ئاقتوقاي يېزا 7-كەنىت كومىتېتىنىڭ ئارقىسىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە چارلاش ساقچىلىرى تەرپىدىن بايقالغان.

شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى بويۇملىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنى 4968-نومۇرلۇق ئەدىليىلىك باھالاش دوكلاتىدا «ئاxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 212.40 مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقارغان بۇلۇپ، جاۋابكار مەسىت ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، فۇتۇ-سۈرەت قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار ئاxx يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەم ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ئاxxنىڭ ھاراق ئىچىپ مەسىت، پىراۋىسىز ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىدىكى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان. تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار. 4 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىش، قۇشۇمچە 8000 يۈەن شىتىراپ قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن

پۈتۈكچى: ئارزۇگۇل ياسىن 

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى

ئىزاھات: (1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە. xx

(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top