شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 713-نومۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئاXX ، ئەر،ئۇيغۇر،22 ياش،كىملىك نومۇرى: 6529011998XXXXXXXX، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يۇرتى: XX شەھىرى، XXشەھىرى XX يېزا XX- كەنت XX-گۇرۇپ XX-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، كەسپى : دىھقان ،پارتىيە ئەزاسى ئەمەس ، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى09–ئاينىڭ 26-كۈنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلىكىگە بېرىلگەن.
ئـاقسـۇ شـەھـەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكـۇر دېلـونى تەھـقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، (2020)1269-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دېلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقى بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020-يىلى 09-ئاينىڭ 21-كۇنى سائەت 20:00لەر ئەتراپىدا جاۋابكار ئاXX XX شەھەر XX يىزا XX پونكىتىنىڭ قارشى تەرپىدىكى بىر ئاشخانىدا ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ،شۇ ئاشخاننىڭ ئالدىغا تۇختۇتۇپ قۇيغان نۇمۇر تاختىسى يۇق ئىككى چاقلىق مۇتۇسكىلىتنى مەس ھالەتتە (پىراۋسىز)ھەيدەپ ،XX شەھەر XX يىزىلىق ماي قاچىلاش پۇبكىتىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ،شۇ ئەتراپتتا چارلاش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەكشۇرۇش ئارقىلىق جاۋابكار ئاXXنى ھاراق ئىچىپ مۇتۇسكىلىت ھەيدىگەنلىكىنى بايقاپ، XX شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىگە تاپشۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ، تېخنىكىلىق باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار ئاXXىڭ ھەر 100مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتىدارى82.03مىللىگىرام بۇلۇپ( mg/100ml82.03) ، جاۋابكار ئاXX مەس ھالەتتە مۇتۇسكىلىت ھەيدىگەن.
يۇقارقى پاكىتىنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار ئاXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق. جاۋابكار ئاXX قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، بىكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلدى ھەم جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا بىرىنچى مەزمۇن، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسى بۇيىچە خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا، 214-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق.
تەپتىش : نXX
مۇۋەققەت تەپتىش : دXX
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى
ئىزاھات :
1. جاۋابكار ئائىلىسىدە كىپىللىكتە، تىلفۇن نۇمۇرى: 18149XXXXXX
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ۋە بىر توپلام ج خ دېلو ماتىرىيالى بىرگە ئەۋەتىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论