خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
خېجىڭ تەپتىش جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش (2019) 496 -نومۇرلۇق
جاۋابكار ئا** ،ئەر، ئۇيغۇر، **-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى1418******652827، ساۋاتسىز،كەسپىي دېھقان، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىنجاڭ ** ناھىيسى ** بازىرى ** كەنتى **-گۇرۇپپا**-نۇمۇر،2019-يىل 04-ئاينىڭ 04-كۈنى بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئورمان جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن دەل-دەرەخلەرنى كەلسە-كەلمەس كېسىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن كېپىللىكە بېرىلگەن،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: ** ناھىيلىك ياشانغانلار ساناتۇرىيىسىدە،كىپىللىكتە.
جاۋابكار ئا** 2012-يىلى4-ئاينىڭ18-كۈنى خېجىڭ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن دەل-دەرەخلەرنى كەلسە-كەلمەس كېسىش جىنايتى ئۈچۈن بىر يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىرلىپ 2يىل كىچىكتۈرۈپ ئىجىرار قىلىش،قۇشۇمچە 4000يۈەن جەرىمانە قۇيۇش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان .
جاۋابكار ئا**نىڭدەل-دەرەخلەرنى كەلسە-كەلمەس كېسىش دىلوسى ئۈستىدە بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئورمانچىلىق جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2019-يىلى8-ئاينىڭ6-كۈنى بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگەتەكشۈرۈپ ئەيىپلەشكە يوللىغان ،بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمسسى 2019-يىلى8-ئاينىڭ24-كۈنى دىلونى باشقۇرۇش تەۋەلىكى بويىچە مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپپلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ،مەھكىممىز 2019-يىلى9-ئاينىڭ19-كۇنى دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن 2019-يىلى 9–ئاينىڭ20-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى،بۇ ئارلىقتا دىلو تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇلمىدى،2019-يىلى10–ئاينىڭ5-كۈنى جاۋابكارغا جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى،دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى، دىجورنى ئاۋۇدۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكار بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى ئىمزالاندى،جاۋابكار ئا** مەزكۇر دىلودا ئاددىي تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى .
قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ كۆرگىنىمىزدە:
جاۋابكار ئا** 2016-يىلى 4-ئاي مەزگىلىدە،** ناھىيە** بازىرى ** كەنتى **-گۇرۇپىدا ئولتۇرۇشلۇق ش**نىڭ تۇرالغۇ ئۆيىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدىكى تەخمىنەن 150مىتىر ئورۇندىكى ئاق تېرەكنى ۋە تېرىلغۇ يېرىنىڭ بېشىدىكى ئاق تېرەكنى 5400 يۈەنگە سېتىۋالغاندىن كېيىن،ئورمانچىلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىدىن دەل-دەرەخلەرنى كېسىش ئىجازەتنامىسىنى بىجىرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا،ئۆز مەيلىچە يۇقارقى ئىككى ئورۇندىكى دەل-دەرەخلەرنى كىسىۋەتكەن.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئورمان جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزى (2017)**-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدە جاۋابكار ئا** كەسكەن دەرەخنىڭ دەرەخ تۈرى ئاق تىرەك جەمئىي505تۈپ،ھەجىم مىقدارى بولسا 36.388كۇپ مىتر دەپ بىكىتكەن.
خېجىڭ ناھىيلىك ئورمان ۋە ئوتلاق ئىدارىسى جاۋابكار ئا**كەسكەن دەرەخنى ش**نىڭ ئىگىدارلىقىنى دەرەخ ،كىسىلگەن ئورمان تۈرى ئىھاتە ئورمان تۈرىگە تەۋە دەپ ئەھۋال چۈشەندۈرش بىلەن تەمىنلىگەن.
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،نەق مەيدان تەكشۇرۇش-ئېنىقلاش خاتىرسى ۋە رەسىمى، تۇنۇتۇش رەسىمى ۋە خاتىرىسى،باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ،جاۋابكار ئا** ئورمانچىلىق قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،مۇناسىۋەتلىك دەرەخ كىسىش ئىجازەتنامىسى بىجىرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئۆز ئالدىغا باشقىلارنىڭ 36.388كۇپ مېتىر (505 تۈپ) دەرىخىنى كېسىۋەتكەن ،مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ ،جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، قىلمىشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 345-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،شۇڭا قانۇن بويىچە دەل-دەرەخلەرنى كەلسە-كەلمەس كېسىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك ، جاۋابكار ئا**نى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمەڭلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن:
خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش:ئەركىنجان تۇردى
2019-يىلى10-ئاينىڭ5-كۈنى
1)جاۋابكار ئا** كىپىللىكتە، ھازىر ** ناھىيلىك** ساناتۇريىسىدە تۇرۇشلۇق.
2)دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论