欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某涉嫌职务侵占案)(公开版)

2021-09-25 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020)  190-نۇمۇرلۇق

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

  جاۋابكار  ئا**،ئەر ،ويغۇر ، ****-يىلى **-ئاينىڭ ** - كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك گۇۋاھنامە نۇمۇرى: 2215*******652923 ، ئالى تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە،مۇقىم كەسپى يوق،ك**ناھىسىدىن،قامىلىشتىن ئىلگىرى ك** ناھىيە خ** يۇلى ****-نۇمۇر **-بىنا **- ئىشىك ***- ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق.ئىلگىرى جازالانمىغان،2019-يىل 12-ئاينىڭ 7-كۈنى توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ، ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ ئىگەللىۋېلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلغان،2020-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۇنى مەھكىممىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان. 

  بۇ دېلونى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار ئا**نى ۋەزىپىسىدىن پايدىلنىپ ئىگەنلىۋېلىشجىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ (2020) 87-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.

 مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن،دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق.قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:

      1. جاۋابكار  ئا**2018-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى توقسۇ ناھىيە شىمالى سانائەت رايۇنىدىكى«شىنجاڭ مەۋلۇت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىللىرى چەكلىك شىركىتى»دە،سېتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل دېرىكتۇر بۇلۇپ ئىشلەۋاتقاندا،ئىلگىرى سېتىپ چىقارغان خېمىيۋى ئوغۇتنىڭ قالدۇق پۇلنى يىغىش ئۈچۈن،باي ناھىيە سايرام بازار 3-كەنىت 5-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق ئې**نىڭ ئۈيىگە بارغان، ئاندىن ئې**ىدىن خېمىيۋى ئوغۇتنىڭ قالدۇق پۇلىغا ھىساپ 8000 يۈەن نەق پۇلنى ئېلىپ،شىنجاڭ مەۋلۇت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىللىرى چەكلىك شىركىتىگە تاپشۇرماي ئۈزى ئىشلىتىۋالغان،زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن. 

2. جاۋابكار ئا** 2018-يىلى 01-ئاي مەزگىلىدە ، توقسۇ ناھىيە شىمالى سانائەت رايۇنىدىكى«شىنجاڭ مەۋلۇت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىللىرى چەكلىك شىركىتى»دە،سېتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل دېرىكتۇر بۇلۇپ ئىشلەۋاتقاندا،ئۈچتۇرپان ناھىيە بازىرى ئىتتپاق شىمالى يۇلى 19-نۇمۇرلۇق قورو 3-بىنا 2-دەييۈەن 301-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ر** ‹‹ شىنجاڭ مەۋلۇت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىللىرى چەكلىك شىركىتى ›› گە خېمىيۋى ئوغۇت سېتىۋېلىش ئۈچۈن 99000 يۈەن پۇل تاپشۇرغان ھەم شۇ ۋاقىتتا 45000 يۈەن قىممىتىدىكى خېمىيۋى ئوغۇتنى تاپشۇرۇپ ئالغان . 

       جاۋابكار ئا** 2018-يىلى 04-ئاينىڭ 06-كۈنى شىنجاڭ مەۋلۇت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىللىرى چەكلىك شىركىتىدىن،ر**گە ماڭغۇزۇپ بىرىمەن دەپ ئۇنىڭ نامىدا مال تارقىتىش تالۇنى كەستۈرۈپ ،  54000 يۈەن قىممىتىدىكى 30 توننا خېمىيۋى ئوغۇتنى ئېلىپ چىقىپ ر**گە ماڭغۇزۇپ بەرمەي ، ئۈچتۇرپان ناھىيە ئىماملىرىم بازىرى 1-كەنىت 3- مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ئا**قا 63000 يۈەنگە سېتىپ،ئوغۇت پۇلنى مەۋلۇت شىركىتىگە تاپشۇرماي ئۈزى ئىشلىتىۋالغان،ر** مەۋلۇت شىركىتىدىن ئوغۇتنى ماڭغۇزۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلغاندا،جاۋابكار ئا** ر**گە 15000 يۈەن پۇلنى قايتۇرغان بولسىمۇ قالدى 39000 يۈەن پۇلنى قايتۇرمىغان،بۇ 39000 يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن   

3. جاۋابكار ئا** 2018-يىلى 05-ئاينىڭ 14-كۈنى توقسۇ ناھىيە شىمالى سانائەت رايۇنىدىكى«شىنجاڭ مەۋلۇت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىللىرى چەكلىك شىركىتى»دە،سېتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل دېرىكتۇر بۇلۇپ ئىشلەۋاتقاندا،جاۋابكار ئا** مەۋلۇت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىللىرى چەكلىك شىركىتىگە ، ئۈچتۇرپان ناھىيە ئىماملىرىم بازىرى 1-كەنىت 3-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ئا** خېمىيۋى ئوغۇتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن پۇلنى بىرىدىغان بولدى دەپ يالغان سۆزلەپ ، شىركەتتىن مال تارقىتىش تالۇنى كەستۈرۈپ 61070 يۈەن قىممىتىدىكى 31 توننا خېمىيۋى ئوغۇتنى ئېلىپ چىقىپ،ئا**قا 65100 يۈەنگە سېتىپ ، ئوغۇت پۇلنى مەۋلۇت شىركىتىگە تاپشۇرماي ئۈزى ئىشلىتىۋالغان، زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

4.جاۋابكار ئا**2016-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى،توقسۇ ناھىيە شىمالى سانائەت رايۇنىدىكى«شىنجاڭ مەۋلۇت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىللىرى چەكلىك شىركىتى»بىلەن بەش يىللىق ئەمگەك توختامى تۈزۈپ ، شىركەتنىڭ سېتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل دېرىكتۇرى بۇلۇپ ئىشلىگەن . شۇ ۋاقىتتا ، «شىنجاڭ مەۋلۇت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىللىرى چەكلىك شىركىتى»  تۆت يىل ئىچىدە پۇلىنى بۈلۈپ شىركەتكە قايتۇرۇش شەرتى ئاستىدا، جاۋابكار ئا**قا خىزمەت جەريانىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن،110000 يۈەن قىممىتىدىكى新N2J505 نۇمۇرلۇق خوندا ماركىلىق بىر دانە ماشىنىنى سەپلەپ بەرگەن بۇلۇپ،جاۋابكار ئا** بۇ جەرياندا مەۋلۇت شىركىتىگە توختام بۇيىچە ماشىنىنىڭ پۇلىنى تاپشۇرمىغان، ئاندىن 2018-يىلى 5- ئايدا مەۋلۇت شىركىتى ئىگىدارلىقىدىكى ئۇ ماشىنىنى باشقىلارغا 65000 يۈەنگە سېتىپ ، پۇلىنى ئۈزى ئىشلىتىۋالغان، زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

جاۋابكار ئا** ئۈچ قېتىمدا ، باشقىلاردىن يىققان 123070 يۈەن خېمىيۋى ئوغۇت پۇلىنى مەۋلۇت شىركىتىگە تاپشۇرماي ئۈزى ئىشلىتىپ كەتكەن ھەم مەۋلۇت شىركىتى ئىگىدارلىقىدىكى 110000 يۈەن قىممىتىدىكى ماشىنىنى سېتىۋېتىپ پۇلنى ئۈزى ئىشلىتىۋالغان بۇلۇپ ، مەۋلۇت شىركىتىنىڭ جەمى 233070 يۈەن نەق پۇل ۋە مۈلىكىنى ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ ئىگەللىۋالغان،20000يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، قالدى 213070 يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن  .       

   يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات،زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاچىنىڭ گۇۋالىقى، ئۈن – سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ.

    مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار ئا**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن  ۋەزىپىسىدىن پايدىلنىپ ئىگەللىۋېلىش جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكار ئا**قا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ271- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋابكار ئا**قا مۇددەتلىك 2يىلدىن يۇقرى 4 يىلدىن قاماق جازاسى بىرىش تەكلىۋى بىرىمىز،شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا  ئەيىپلىدۇق قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم  قىلغايسىلەر.

تەپتىش : گۈلەم تاش

تەپتىش : مۇنىرە ئېلى

                         2020يىلى4-ئاينىڭ 24-كۈنى

قۇشۇمچە :① جاۋابكار ھازىر توقسۇ ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقتا. ② دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام. 3› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top