欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某涉嫌敲诈勒索案)(公开版)

2021-09-20 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020)   90-نۇمۇرلۇق

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

  جاۋابكار ئا**، ئەر، ئۇيغۇر، ** ياش، **-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:1330 **652925 ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە ، مۇقىم كەسپى يوق، ** ناھيىسىدىن، ** ناھىيە ** بازار ** كەنت **-گوروپ **-قورودا ئولتۇرۇشلۇق ، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى قاقتى-سوقتى قىلىش قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن توقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن. 

  بۇ دېلونى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار ئا**نى قاقتى-سوقتى قىلىشجىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ (2020) 91-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق.قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:

جاۋابكار ئا** 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرتى يانتاققۇدۇق ساقچى تەكشۈرۈش پونكىتىدا نورمال خىزمەت قىلۋاتقان بولۇپ، سائەت 2:00لەر ئەتراپىدا جاۋابكار ئا** ئاقسۇ شەھىردىن–شايار ناھىيسىگە ماڭغان ئاقسۇ شەھىرى دولان ئولتۇراق رايۇنى Cرايۇن 10-بىنا1-كورپۇس101-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ي** ھەيدەپ ماڭغان خوندا ماركىلىق، ئاق رەڭلكىك ماشىننى يانتاققۇدۇق تەكشۈرۈش پونكىتىدا توسۇپ تەكشۈرۈپ، ماشىنىدا بىللە ماڭغان ي** ۋە ئايالى گ** ئاقسۇ شەھىرى مائارىپ يولى 10-نۇمۇر 26-بىنا 1-كورپۇس 501-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ئا** ۋە ئايالى س** قاتارلىقلارنىڭ تېلفۇنىنى تەكشۈرگەن، جاۋابكار ئا** يۇقارقىلارنىڭ تېلفۇنىنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن گ** ۋە ئا**نىڭ تېلفۇنىنى قايتۇرۇپ بېرىپ، ي** بىلەن س**نىڭ تېلفۇننى ئېلىپ قالغان، ئاندىن يانتاققۇدۇق تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ساقچىسى ئا**كە يۇقارقى ئىككى دانە تېلفۇندىن قانۇنسىز مەزمۇندىكى قول يازما ۋە سۆرەت بايقالدى دىگەن، ئا** بىلەن جاۋابكار ئا**،  ي** بىلەن س**نى ساقچى ئىش بىجىرىش مۇلازىمەت پونكىتىغا ئېلىپ كىرگەن،جاۋابكار ئا** ي** ۋە س**كە سىلەرنىڭ تېلفۇنۇڭلاردىن قانۇنسىز مەزمۇندىكى قول يازما ۋە بېشىدا شاپاق دوپپا كىيگەن سۆرەت چىقتى قانداق قىلمىز، سىزلەر يۇقارقى ئىشلىڭلار ئۈچۈن تۈرمىدە ياتىسىلەر، سىلەر تۈرمىدە ياتساڭلار باللىرىڭلارنى كىم باقىدۇ دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ قورقاتقان، ھەمدە ئۈندىداردا ئۆزىگە گەپ قىلىپ ساقچىلارغا گەپ قىلغان قىياپەتتە بىزنىڭ بۇيەردە ئىككى كىشىنىڭ تېلفۇندىن قانۇنسىز نەرسە چىقتى، كىلىپ ئېلىپ كىتىڭلار دەپ تېخىمۇ قورقاتقاندىن كىيىن، ي** ۋە س** جاۋابكار ئا**كە بىرەر ئىش بولسا مۇشۇ يەردە تۈگىتەيلى دىگەن ، جاۋابكار ئا** ھەر بىرىڭلار 2000يۈەندىن زاكالەت پۇلى تۆلىسەڭلار ئاندىن ماڭغۇزىمىز دىگەن، ي** ۋە س**لەر يېنى ئاختۇرۇپ 450يۈەن پۇل چىقرىپ جوزىغا قويغاندا جاۋابكار ئا** بىلەن ئا** پۇلنى ئالماي ، ئۇلارغا بىرەر ئىش چىقىپ قالسا، مەسئۇليەتكە ئۆزىمىز ئىگە دىگەن مەزمۇندا ھۆججەت يېزىپ بېرىپ قايتىپ تۇرۇشنى دىگەندىن كىيىن ي** ۋە س** «تېلفۇنىمىزىدىن چىققان قانۇنسىز نەرسە راسىت، كىيىنچە تەكشۈرۈپ بىرەر ئىش چىقىپ قالسا ھەر قانداق مەسئۇليەتكە ئۆزىمىز ئىگە» دەپ  يېزىپ بەرگەن، جاۋابكار ئا** يەنە ئۇلارنىڭ ئىسمىنى، ئالاقىلىشىش تېلفۇن نۇمۇرىنى قالدۇرۋالغاندىن كىيىن، شايارغا بارماي ئارقىغا يېنىپ ئاقسۇ شەھىرىگە قايتىپ كىتىشنى دەپ ماڭدۇرۋەتكەن، ي** ۋە س** ماقۇل بولۇپ ماشىننى ھەيدەپ ئۇدۇل ئاقسۇ شەھىرىگە قايتىپ كەتكەن، ئەتىسى يەنى 2019-يىلى3-ئاينىڭ 12-كۈنى جاۋابكار ئا** ي**كە تېلفۇن قىلىپ س**نى ئېلىپ توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىگە كىلىڭلار دىگەندىن كىيىن، ي** ماقۇل مەن باراي دىگەن، جاۋابكار ئا** يەنە يۈسۈپ مەمەتكە، تۆنۈگۈن بىز پاراڭلاشقان ۋاقىتتا بىر ساقچى بالا بىزنى كۆرۈپ قاپتۇ، شۇ ساقچى بالىنىڭ ئاغىزىنى ئەتمىسەم چاتاق چىقىدۇ، س** ئىككىڭلار 2000يۈەندىن 4000يۈەن پۇل بېرىڭلار دىگەن، ي**ماقۇل بولۇپ جاۋابكار ئا**نى ئۈندىدارغا جالاپ، ئۈندىداردا پۇل يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق جاۋابكار ئا**نىڭ ئۈندىدارىغا 2000يۈەندىن ئىككى قېتىمدا 4000يۈە پۇلنى يۆتكەپ بەرگەن . دىلو پاش بولغاندىن كىيىن4000 مىڭ يۈەن ئەسلىگە كەلگەن.

   يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، گۇۋاچىنىڭ گۇۋالىقى، ئۈن – سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ.

مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار ئا**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن قاقتى–سوقتى قىلىش جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكار ئا**كە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ274- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

                         مۇئاۋىن باش تەپتىش :  ئۆمەر ئەمەت

                                       تەپتىش: گۇلەم تاش

                             2020-يىلى4-ئاينىڭ 2-كۈنى

قۇشۇمچە :

1› جاۋاپكار ھازىر  ئائىلىسىدە كېپىلدە.

2› دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام.

3› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top