乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2021〕XX号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىپلەش (2021)XX–نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار ئاXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى XXXX، XX ناھىيە XX يېزا XX كەنىت XX-مەھەللە XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، شىنجاڭ ھاياتىم ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنىڭ توختاملىق ئىشچىسى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئاXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى يەتكۈزۈپ، جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار بۇ دېلونى تېز سوت قىلىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوتلاشقا قوشۇلدى.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتكەن پاكىت
جاۋابكار ئاXX 2020-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى سائەت 22:30 ئەتراپىدا XX ناھىيەلىك دوختۇرخانا قىيپاش قارشى تەرىپىدىكى فېيۋىن كاۋاپخانىسىدا ئۆزى يالغۇز ھاراق ئىچكەندىن كېيىن 2020-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى سائەت 00:30 ئەتراپىدا قايتىپ چىقىپ فېيۋىن كاۋاپخانىسى ئالدى تەرەپ پىيادىلەر يولىغا توختۇتۇپ قويغان XX نومۇرلۇق بەش كىشىلىك ئائىلە ماشىنىسىنى ھەيدەپ چوڭ تۆت كوچا دوقمۇش ئەتراپىدىن ئايلىنىپXX تاللا بازىرى قارشى تەرەپ ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىغا كىرىش ئېغىزنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، شۇ ئەتراپتا چارلاۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكى بايقالغان.
شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى بويۇملىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنى « ئاXXنىڭ ھەر100مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئالىكوگۇل مىقدارىنى 298.56مىللىگىرام » دەپ يەكۈن چىقارغان. جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار ئاXX مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ئاXXنىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىدىكى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە دۆلەتنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تەرتىۋىنىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارغا قىلمىشىنى تولۇق تۇنۇش، تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» 15-ماددىسىنى تەدبىقلاپ تۆت ئاي ئون كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، 8000 يۈەن شتىراپ قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: ئايشەمگۈل ئابدۇسەمەت
پۈتۈكچى: ئامانگۈل تۇرسۇن
2021-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى
ئىزاھات: (1) 12 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە، ئالاقىلىشىش تېلىفون نومۇرى: XXXX
(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论