博乐市人民检察院
起 诉 书
博乐市检公诉刑诉〔2019〕352号
بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ب ش ت ج ئەيىپلەش خەتلىك (2019) 352-نۇمۇرلۇق
جاۋابكار ئا**، ئەر، ئۇيغۇر، 1990-يىلى **-ئاينىڭ **-كۇنى توغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 6527011990********،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسگە ئىگە، تۇرۇشلۇق ئورنى:بورتالا شەھەر *بازىرى * ئولتۇراق رايونى *-بىنا *-كورپوس *-نومۇرلۇق ئۆي ،نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇن: بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى * چېگرا ساقچىخانىسدا، 2019-يىلى 08-ئاينىڭ 08-كۈنى قەستەن زەھمىلەندۈرۈش گۇمانى بىلەن بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇلۇپ قويۇلغان، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇن بۇيىچە قولغا ئىېلىندى.ھازىر بورتالا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
مەزكۈر دىلونى بورتالاشەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 08-ئاينىڭ 21-كۈنى (2019) 268-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق جاۋابكار ئا**نى قەستەن زەخىملەندۇرۇش جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ھەم جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، پۈتۈن دىلو ماتىرىياللارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىمىزچە تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئىنىقلاندى:
2019-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى جاۋابكار ئا** خىرمەتداشلىرى ئاب**، ئابد** قاتارلىقلار بىلەن كەش سائەت 20 لەر بولغاندا بورتالا شەھەر ** بازىرى ئىچىدىكى چيڭ ** دىگەن ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يىگەن، شۇ ئارلىقتا جاۋابكار ئا** ئاشخانىنىڭ ئايال خوجايىنىغا ئايرىمخانىغا كىرىپ چاي قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، ئايال خوجايىن جاۋابكار ئا**كە چاينى ئۆزى قويۇشنى ئېيتقان ھەم بۇ ئىش توغۇرسىدا جاۋابكار ئا** ئاشخانىنىڭ ئەر خوجايىنى م** بىلەنمۇ گەپ تالىشىپ قالغان، كىيىن جاۋابكار ئا** شۇ ئاشخانىدىكى بىر ئورۇندۇقنى قولىغا ئېلىپ، زىيانكەشلككە ئۇچۇرغۇچى ما**نىڭ بېشىغا قاتتىق ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان.
بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى(2019) 22-نومۇرلۇق ماددى ئىسپات باھالاش ئىشخانىسى قانۇن ئىلمى ئادەم بەدىنى زەخمە دەرىجىسى باھالاشنامىسى يەكۇنىدە: زىيانكەشلككە ئۇچۇرغۇچى ما**نىڭ زەخمىسى 2-دەرىجىلىك ئېغىر زەخمە دەپ يەكۇن چىقارغان.
يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، يازما ئىسپات قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋابكار ئا**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن دۆلىتىمىز «جىنايى ئىشلار قانۇن» نىڭ 234-ماددىسى 2-تارمىقىغا ئاساسەن قەستەن زەخىملەندۇرۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جىنايى پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست ، جاۋابكارنىڭ يۇقارقى جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن :
بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش :گۇلجامال نۇرتاش
2019-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى
قوشۇمچە :
1) جاۋابكار ئا** بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.
2) دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى، گۇۋاھچىلار تىزىملىكى، ج خ 3توپلام، تەپتىش 1توپلام بىللە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论