شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كۇچا ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش (2020)1233 - نومۇرلۇق
كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار ئاX ، ئەر ، ئويغۇر ، 1990-يىلى **-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان ، كىملىك نۇمۇرى : ********6529231990، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ، توكچى ،شىنجاڭ كۇچا شەھىرىدىن ، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: كۇچا شەھەر ** ئىجتىمائى رايون **-گوروپپا **-نۇمۇرلۇق قورو ، ئىلگىرى جازالانمىغان .
2020-يىلى10-ئاينىڭ 30-كۈنى ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى ئۈچۈن كۇچا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تۇتۇلۇپ ، 2020-يىلى 11–ئاينىڭ 07-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلسىگە كېپىلگە بېرىلگەن ، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە .
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 608-نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار ئاXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايى دىلوسىنى 2020- يىلى 11- ئاينىڭ 27- كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق ۋە جاۋاپكار ۋە دىجورنى ئادۋوكاتىنىڭ پىكرىنى ئالدۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا تېز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى. دىلودىكى دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :
جاۋابكار ئاX 2020-يىلى10-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت17:30 دە **بازار ** كەنىت تەۋەلىكىدىكى ئاشخانىدا ئاغىنىسى ئاX،ئېلى ئىX قاتارلىقلار بىلەن ھاراق ئىچكەن، سائەت 20:30 ئەتراپىدا ئۈيىگە تاكسى تۇسۇپ قايتىپ كەتكەن،سائەت 21:00 دە ** بازىردىكى بىر دۇكان ئىگىسى دۇكىنىدىكى كۈزتۈش ئاپراتى بۇزلۇپ قالغانلىقنى ئېيىتقاندىن كىيىن،ئاX 2-ئولتۇراق رايونىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان ئۆزىنىڭ 新N****نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى مەسىت ھەيدەپ مېڭىپ ** يۇلى **سودا بازىرنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندە شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان .
شىنجاڭ قاتناش پەن-تەتقىقات يۇرتى ئەدلىيلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش پىكىرنامىسىدە، ئاXنىڭ ۋىنا قان تۇمۇرىدىن ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقتارى/100ml mg296 دەپ باھالاپ بېكىتكەن.
يۇقارقى پاكىتىنى يازما ئىسپات ،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ، باھالاش پىكىرى ، ئېنىقلاپ-تەكشۈرۈش خاتىرسى ، سۈرەت قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
دىمەك ، جاۋابكار ئاXنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ ، دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق ، دەلىل- ئىسپاتى راست ۋە تۇلۇق بېكىتىشكە بولىدۇ ,جاۋاپكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق ، ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىز جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۇزدىغان جىنايى ھەركەتلەرگە زەربە بېرىپ ، قاتناش- تىرانسىپورت ئىشلىرىنىڭ بىخەتەر ، راۋان بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، جاۋابكار ئاXغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددا 1-تارماق 2-تارماقچىسى ، 67- ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايەت بىكىتىپ جازا ئۆلچەپ ، «جوڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: ئەنۋەر ئەخمەت
2020-يىلى 12-ئاينىڭ 08-كۈنى
ئەسكەرتىش:
1 .جاۋابكار ئاX ئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە .
2. بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، تېز كېسىم تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى قۇبۇل قىلىش ئېتراپنامىسى بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论