欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某危险驾驶案)(阿某某危险驾驶案)(公开版)_温宿县人民检察院

2021-09-22 尘埃 评论0

温宿县人民检察院 

起 诉 书

温宿县检一部刑诉〔2020〕605号 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى 

ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

  

                                   ئو ت ئەيىبلەش (2020)    -نومۇرلۇق

   جاۋابكار ئا xx، ئەر، ئۇيغۇر، xx19-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xxxxxxxx6529221971، تولۇقسز ئوتتۇا مەكتەپ مەدەنيەت سەۋىيىسگە ئىگە، ئۇنسۇ ناھىيە xx يېزا xx كەنىت xx-مەھەللە xx-نومۇردا ئۇلتۇرۇشلۇق، يەككە تىجارەتچى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى9-ئاينىڭ 25-كۈنى جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.

  ئونسۇ ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،جاۋابكار ئا xx چېتىشلىق خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن 2020-يىلى11-ئاينىڭ 20-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە گۇناھىنى تونۇپ، قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كىلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دېلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋابكار دېلونى تېزسوتلاش تەرتىۋىدە قاراپ چىقىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار ئا xx 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 00 دىن 57مىنۇت ئەتراپىدا، ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، ئۇزىنىڭ قارا رەڭلىك 新ND xxxxx نومۇرلۇق كىچىك تىپتىككى ئائىلە ماشىنىسغا ئايالى ئە xx نى چىقىرىپ ھەيدەپ، گۇلئاۋات يېزا گۇلئاۋات كەنىت 7-مەھەللە يول بۆلىگىگە كەلگەندە، شۇ يول بۆلكىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ئۇنسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارسى گۇلئاۋات يېزىلىق ساقچىخانا ساقچىلرى تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان. ئەدىلىيىلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش يەكۈنىدە ئا xx نىڭ قېنىدىكى ئسپرىت مىقدارى mg/100ml138.74 چىققان.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى، باھالاش خۇلاسىسى،ئۈن-سىن ماتېرىيالى قاتارلىقلار بار. 

  يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارلارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ. 

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئا xx نىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا  بەلگۈلىمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى شەكىلىنىدۇ.

دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق ،دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، جاۋابكارنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىغىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر.جاۋابكار گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋاقانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگۈلىمىسى،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»    67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسى  بويىچە يىنىكلىتىپ جازابېرىشكە بولىدۇ.

قاتناش بىخەتەرلىگى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىگىنىڭ دەخلى تەرۈزگە ئۇچۇرماسلىغىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكار ئا xx قا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددابىرمەزمۇنى بەلگۈلىمىسىنىڭ 1-تارمىغى بويىچە جىنايى جازا بېرىش زۆرۈر. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

                            ئونسۇ ناھىىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

                                          تەپتىش:  پاتىگۈل ياسىن

                                         پۈتۈكچى:  تاھىر تۇنىياز

                                     2020-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى

[قۇشۇمچە]: (1) جاۋابكار ئا xx ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە (2) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، 1 توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى، 3 نۇسقاجازا ئۆلچەش تەكلىبى، 1نۇسقىدىن«جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» ۋە ھوقوق-مەجبۇريەت ئۇقتۇرۇشنامىسى ،1نۇسقا تېزسوتلاش تەرتىپنى قوللۇنۇش تەكلىبى قاتارلىقلار بىرگە يەتكۈزۈلدى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top