欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某危险驾驶案件)

2021-09-19 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                             ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش  (2020) 780 - نۇمۇرلۇق

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

 جاۋاپكار ئا X X، ئەر، ئۇيغۇر، 35 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529011985XXXXXXX، تۇلۇقسىز مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋيسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھەر، ئاقسۇ شەھەر X X بازار X X - كەنىت X X - گۇرۇپ X X - گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمغان. 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 21- كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 11- ئاينىڭ 9- كۈنى (2020) 1175 - نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلىپ، جاۋاپكارغا ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھۇقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇختۇرۇپ قويۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2020- يىلى 9- ئاينىڭ 16- كۈنى سائەت 18:00 لەر ئەتراپىدا جاۋاپكار ئا X X ئاقسۇ شەھەر X X تاللا بازىرىنىڭ يېنىدىكى دۇكاندا ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن شۇ دۇكاننىڭ ئالدىغا توخىتىپ قويغان نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى پىراۋىسىز مەست ھالەتتە ھەيدەپ X X - نۇمۇرلۇق تاشيولنىڭ X X كىلومىتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە موتوسىكىلىتنى كونتىرول قىلالماي يىقىلىپ چۈشكەن. شۇنىڭ بىلەن شۇ ئەتراپتا چارلاش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن تۇتۇلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكار ئا X X نىڭ ھەر 100 مىللىلىتر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتارى 265.65 مىللىگىرام (100ml/265.65mg) بۇلۇپ، مەسىت ھالەتتە ماشىنا ھەيدىگەن.

شىنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى ئىسپاتلىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2020) 4502 - نۇمۇرلۇق ئەدىليىلىك باھالاشنامىسىدا « ئا X X نىڭ ھەر 100 مىللىلىتر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتارى 265.65 مىللىگىرام (100ml/265.65mg) » دەپ بىكىتىلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش - تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋابكار ئا X X يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن يۇقارقى قىلىمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددا 1- مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇلۇق، جاۋابكار ئا X X جىنايىتىنى ئەيىنەن ئىقرار قىلىپ، بىكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلىدى ھەم جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15- ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن. شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددا 1- مەزمۇن، 67- ماددا 3- تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە جاۋابكار ئا X X نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە X X ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە X X يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.       

     

تەپتىش : ئېرپان ھامۇت

    تەپتىش :  ئالىمجان ئېزىز

  2020- يىلى 12- ئاينىڭ  3- كۈنى

ئىزاھات:

(1) جاۋاپكار ئائىلىسىدە كىپىلدە، ئالاقىلىشىش تېلفۇن نۇمۇرى: 1502636XXXX

(2) 8 نۇسخا ئەيىپنامە، جىنايەتنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىل خېتى، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى ۋە بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top