欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某信用卡诈骗案)(公开版)

2021-09-19 尘埃 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

                   

             ئۈ ت ت 3-ب ج ئە2020﹞24–نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

 جاۋابكار ئا **، ئەر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى شىنجاڭ ئۈچتۇرپان ناھىيسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6529271995، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ** ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ ۋاقىتلىق ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىمى، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئادرىسى شىنجاڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى **يېزىسى ** كەنىت **-گۇرۇپ **-نۇمۇرلۇق ئۆي، ئۈرۈمچىدە مۇقىم تۇرۇشلۇق ئورنى يوق. ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلغان، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق كرېدىت كارتسى ئالدامچىلىقى جىنايىتى جىنايى بىلەن قولغا ئېلىنغان، شۇ كۈنى  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجىرا قىلغان. 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئا ** نىڭ كرېدىت كارتسى ئالدامچىلىقى جىنايىتى دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 6–ئاينىڭ 30-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق.  جاۋابكارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

2020-يىلى  2-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كىيىن 3:00 لەر ئەتىراپىدا، جاۋابكار ئا ** ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنى ** يولىدىكى ** ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ ئەتىراپىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھۆ**نىڭ ******** 6259066نۇمۇرلۇق جۇڭگۇ بانكىسى ئىناۋەتلىك كارتسىنى تېپىۋالغان ھەمدە كارتىنىڭ ئارقا تەرىپىگە مەخپىي نۇمۇرىنىڭ يېزىپ قويۇلغانلىقىنى بايقىغان. 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە بولغان ۋاقىتتا، جاۋابكار ئا ** تىيانشان رايۇنى ** يولىدىكى شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى جۇڭگۇ سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى ۋە تىيانشان رايۇنى دۆڭكۆۋرۈكتىكى جۇڭگۇ سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل ماشىنىسىدا يۇقارقى تېپىۋالغان بانكا كارتىسىدىن كارتا كەينىگە يېزىپ قويۇلغان مەخپى نۇمۇرنى كىرگۈزۈپ مەشغۇلات قىلىپ، 7 قېتىمدا جەمئىي 8100 (سەككىز مىڭ بىر يۈز) يۈەننى چېقىرىۋىلىپ، 2600 (ئىككى مىڭ ئالتە يۈز) يۈەننى ئۆزىنىڭ شەخسى ئېشىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن  5500 (بەش مىڭ بەش يۈز) يۈەن قايتۇرۇپ كېلىنىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇلغان. 

2020-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى، جاۋابكار ئا ** تەھقىقلىگۈچى ئورگان تەرىپىدىن تۇتۇلغان. 

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. يازما ئىسپات: جاۋابكار ئا **نىڭ  سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، تۇتۇلۇش جەريانى ئىسپاتى، دېلوغا چېتىشلىق بانكا كارتىسىنىڭ كىرىم چىقىم خاتىرىسى، تۇتۇپ قىلىنغان ۋە قايتۇرۇلغان بۇيۇملار تىزىملىكى؛

2.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى: زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ** نىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە گەپ سوراش خاتىرسى؛ 

3.جاۋابكارنىڭ ئېقىرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى: جاۋابكار ئا **نىڭ  تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

4. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: نەق مەيدان تونۇتۇش سۈرەتلىرى قاتارلىقلار؛ 

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار قانۇنلۇق توپلانغان، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئا **نىڭ تېپىۋالغان باشقىلارنىڭ بانكا كارتسىنى ئىشلىتىپ، بىر قەدەر زور سوممىدىكى پۇلنى چېقىرىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 196–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ،كرېدىت كارتسى ئالدامچىلىقى جىنايىتى جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

    تەپتىش: پاتىگۈل تۇرسۇن  

   تەپتىش ياردەمچىسى: مەمەت توختى

2020–يىلى 7–ئاينىڭ 13–كۈنى

ئەسكەرتىش:

1. جاۋابكار ئا ** ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا؛

2. مەھكىمىمىزنىڭ 8 نۇسخا ئەيىبنامسى ۋە تەھقىقلەش دېلو ماتىريالى 2 توپلام بىرگە يوللاندى.

3. جازا ئۆلچەش پىكىرى ۋە ئاددى تەرتىپنى تەدبىقلاپ سوت قىلىش تەكلىپنامىسىدىن 1 نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top