欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某交通肇事案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-21 尘埃 评论0

乌什县人民检察院

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2021〕76号

  ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ

  ئەيىبنامىسى

ئۇ ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبنامە (2021) 76-نۇمۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار ****، ئايال، ئۇيغۇر، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى 652927******3563، ئۇچتۇرپان ناھىيە ئىماملىرىم بازىرى **-كەنىت **-مەھەللە **-نۇمۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.  

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ****نىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. 

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت

جاۋابكار **** 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 21:00 ئەتراپىدا ئۈزىنىڭ نومۇر تاختىسى يوق دايۈن ماركىلىق ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتىنى ئۇچتۇرپان ناھىيە ئىماملىرىم بازىرى **-كەنىت تەۋەسىدە غەرىپتىن- شەرىققە قاراپ ھەيدەپ مېڭىپ، ئىماملىرىم بازىرى **-كەنىت **-مەھەللە تەۋەسىگە كەلگەندە، ئالدىدا ئوخشاش يۈلىنىشتە پىيادە ماڭغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ****نى سۇقىۋەتكەن، نەتىجىدە **** زەخمىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىش جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەن. ھادىسىدىن كېيىن جاۋابكار **** زىيانكەشلىكە ئۇچرىغۇچى ****نىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا ھەق تەلەپ تۆلىمى ئۈچۈن 60 مىڭ يۈەن تۆلەپ بەرگەن. 

جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىدا «باھالانغۇچى **** قاتناش ھادىسىسى سەۋەبىدىن ئىچكى ئەزالىرى يېپىق زەخمىلىنىپ، قانسىراش خاراكتىرلىك شۈك بولۇپ ئۆلگەن» دەپ بىكىتكەن.

يول قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىدا «**** بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، **** ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ» دەپ بىكىتكەن. 

ئەدلىيەلىك باھالاش پىكرىدە «**** ھەيدەپ ماڭغان دايۈن ماركىلىق ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتىنىڭ سوقۇلغان چاغدىكى سۈرىتىنى km/h34 دەپ، دايۈن ماركىلىق ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتنىڭ تىپىنى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى» دەپ بىكىتكەن.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى، نەق مەيدان ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ****نىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش تىرانسىفورىت-قانۇن نىزاملىرىغا خىلاپ يول، ھادىسە سادىر قىلىپ، بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دىلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، «جوڭخوا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشىلك. جاۋابكارغا جىنايى جازا ئۆلچىگەندە جاۋابكارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغانلىغى، جىنايى قىلمىشىنىڭ ئىجتىمائى تەسىرى، خەۋپى ۋە ئاقىۋىتى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلەندى.

  تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن 

تەپتىش: قاۋۇلجان ئابباس

2021-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلوسى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسى يوللاندى.

(2) جاۋابكار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، تېلىفۇن نومۇرى xxx .    

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top