欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某交通肇事案)

2021-09-21 尘埃 评论0

توقسۇن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

توقسۇن تەپتىش 1- بولۇم ئەيىپلەش 〔2020〕2  -نومۇرلۇق

توقسۇن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

   جاۋاپكار ئا**، ئەر، ئۇيغۇر، ****-يىلى *-ئاينىڭ *-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 0910********652123 باشلانغۇچ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، نۇپۇسىقا ئېلىنغان جايى ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق جايى: ** ناھىيە ** بازار ** كەنت *-ئەترەت *-*-***-نۇمۇر، بۇرۇن جازالانمىغان .

جاۋاپكارئا**قاتناش ھاددىسسى سادىر قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىك بولغانلىقى ئۈچۈن 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 8–كۈنى توقسۇن ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بىرىلگەن.

   توقسۇن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋاپكار ئا**نىڭ قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە سۇنغان، مەھكىمىمىز دېلو ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، دېلو ماتېرىياللىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتۇق، جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق، ھازىر بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.

  مەھكىمىمىز تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن دېلو پاكىتى ۋە دەلىل- ئىسپاتلار

  جاۋاپكار ئا** 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 09:10لار ئەتراپىدا، ** تۇ تور ** مەسئولىيەت چەكلىك شىركىتى نامىدىكى56****新 نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى يۈك ماشىنىنى شەرقتىن غەرىپ يۈلۈنىشكە قاراپ ھەيدەپ مېڭىپ، ** ناھىيە ** يېزىسى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، يانداپ ئۆتمەكچى بولغاندا، ئالدى تەرەپتە گ** پىراۋېسىز مىنىپ ئوخشاش يۇلىنىشتە كېتىۋېتىپ سولغا بۇرۇلۇپ ماڭغان94**** 新电نۇمۇرلۇق ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىت بىلەن سوقىلىشىپ كەتكەن، ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىت مىنگۈچى گ** دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان، توكسىكىلىتتا ئولتۇرغۇچى گ** 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان، توكسىكىلىتتا ئولتۇرغۇچى م**، س**لار يارلانغان. كىچىك تىپتىكى يۈك ماشىنىسى، ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىت ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزۇلۇپ، ئادەم ئۈلۈش، يارلىنىش قاتناش ھاددىسى شەكىللەندۇرگەن.

   يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار: دېلو قۇبۇل قىلىش جەدۋىلى، دىلو تۇرغۇزۇش قارارنامىسى، نوپۇس ئىسپاتلىقى، دىلونىڭ پاش بولۇش جەريانى قاتارلىق يازما ئىسپاتلار، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، توقسۇن ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى ماددىي ئىسپاتلارنى باھالاش ئىشخانىسىنىڭ [2019]**-، [2019]**-نۇمۇرلۇق جەسەت تەكشۈرۈش دوكىلاتى، شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2019]**-، [2019]**-نۇمۇرلۇق ئەدىليەك باھالاش پىكىرنامىسى، توقسۇن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى ئەترىتىنىڭ [2019] **-نۇمۇرلۇق ھاددىسە مەسئۇلىيەت ئېتىراپنامىسى، نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى، سۈرەتلىرى، خەرىتىسى قاتارلىقلار. 

   يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار ئا**نىڭ قىلمىشى قاتناش ھاددىسسى سادىر قىلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، دېلونىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ھەم راست بولۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 133-ماددىسى، 67-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك، جاۋابكار جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىنى تەدبىقلاشقا تىگىشلىك، جاۋابكارغا 3 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىرىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمىز.

شۇڭا، جاۋاپكارنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بۇيىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق.

ھۆرمەت بىلەن:

                      تەپتىش: رەيھانگۇل كىرەم

      2020-يىلى 01-ئاينىڭ 21-كۈنى

قۇشۇمچە:

1.جاۋاپكار ئا** ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە.

2.دىلو ج خ توپلىمى بىر توپلام، تەپتىش توپلام بىر توپلام  بىرگە يوللاندى.

3.بىر نۇسخا «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى » بىرگە يوللاندى.

4.زىيانلانغۇچى گ**، گ** ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ھەق- تەلەپ ئەرزى بار.

5.زىيانلانغۇچى م**، س** ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ھەق-تەلەپ دەۋاسى يوق.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top