欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某、尼某某盗窃案)(公开版)

2021-09-20 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى 

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                                           شايار ت ج ئە  (2020)  442  -نومۇرلۇق  

جاۋابكار نxx، ئەر، xx19 -يىلى x-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 65292419xxxxxxxxxx، ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئېگە، دېھقان، شايار ناھىيە شايار بازىرى xx يۇلى x-كوچا x-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن مۇددەتلىك بىر يىل ئۈچ ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەن. بۇ قېتىم 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئوغرىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن قولغا ئېلىنغان.

 جاۋابكار ئاxx، ئەر، xx19 -يىلى x-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xxxxxxxxxx65292419 ، ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئېگە، دېھقان، نوپۇسى تورۇشلۇق جاي: شايار ناھىيە شايار بازىرى xx يۇلى xx-نۇمۇر، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇقى: شايار ناھىيە xx بازىرى xx كەنت، 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك بىر يىل ئىككى ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەن. بۇ قېتىم 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئوغىرىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن قولغا ئېلىنغان.

شايار ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار ئاxx، نxxنىڭ ئوغرىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 7–ئاينىڭ 20-كۈنى ش ج خ چىقىش (2020) 78-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئوقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دېجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. 

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە : 

 جاۋابكار نxx 2019-يىلى 8-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىنىڭ بىر كۈنى، ئوغرىلىق قىلىش مەقسىتدە ئۆزى يالغۇز xx بازىرى xx كەنتىگە بېرىپ، xx كەنت x-گورپتا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى مxxنىڭ ئۆيىدە ئادەم يوقلۇقنى بايقاپ، ئۆينىڭ دەرىزىسدىن ئۆي ئىچىگە كىرىپ، 200 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانەvivo ماركىلىق ئالتۇن رەڭلىك يان تېلفۇننى ئوغۇرلاپ چىقىپ كەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنى ئەسلىگە كەلمىگەن.

جاۋابكار نxx، ئاxxلەر 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ئەتىگەن سائەت 9:00 لار ئەتىراپىدا، جاۋابكار نxxنىڭ ئوغرىلىق قىلىش مەسىلھەتى بىلەن، شايار ناھىيە xx بازىرى xx كەنت x-گورۇپتا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى لxxنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ، زىيانلانغۇچى لxxنىڭ 150 يۈەن قىممتىدىكى ئۈچ دانە تۇخۇسىنى ئوغۇرلاپ چىقىپ بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچىنىڭ زىينى ئەسلىگە كەلمىگەن. 

جاۋابكار نxx، ئاxxلەر 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچ سائەت 10:00 لار ئەتىراپىدا، جاۋابكار نxxنىڭ ئوغرىلىق قىلىش مەسىلھەتى بىلەن، شايار بازىرى xxيولىدىكى xx رېستۇرانىنىڭ يان تەرىپىگە جايلاشقان زىيانلانغۇچى مxxنىڭ ئىجارە ئالغان ھويلىسىغا كىرىپ، زىيانلانغۇچى مxxنىڭ 180 يۈەن قىممىتىدىكى ئىككى دانە تۇخۇسى ( يەرلىك تۇخۇ) نى ئوغۇرلاپ چىقىپ كەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچىلارنىڭ زىيىنى ئەسلىگە كەلمىگەن.

جاۋابكار نxx، ئاxxلەر 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ئوغرىلىق قىلىش مەقسىتىدە، نxxنىڭ تويبولدى بازىرى تېرەك كەنتىدىكى ئۆيىدىن نxxنىڭ ئىككى چاقلىق موتوسىكلىتنى ھەيدەپ، ئوغۇرلايدىغان نىشان ئىزدەپ مەھەللە ئارلاپ كېتىۋېتىپ، xx كەنت x-گورۇپپىدىكى زىيانلانغۇچى ئېxxنىڭ دەرۋازىسنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان 550يۈەن قىممتىدىكى بىر دانە خاۋجۆ ماركىلىق ئىككى چاقلىق موتوسىكلىتنى كۆرۈپ ئوغۇرلىماقچى بۇلۇپ، جاۋابكار نxx يولدا ئەتىراپنى كۈزىتىپ تۇرغان، جاۋابكار ئاxx زىيانلانغۇچى ئېxxنىڭ توختۇتۇپ قويغان موتوسىكلىنى ئوغۇرلاپ يېتىلەپ كىلىپ، جاۋابكار نxxنىڭ موتوسىكلىتىنىڭ كەينىگە ئارغامچا بىلەن سۆرىتىپ، گۈلباغ بازىرى ئىنچىكە كەنت تەۋەسدىكى «ۋاڭ چېڭئەن» كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغۋېلىش پونكىتغا ئاپرىپ سېتىۋەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچى ئېxxنىڭ زىيىنى ئەسلىگە كەلگەن. 

 جاۋابكار نxx، ئاxxلەر 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ئوغرىلىق قىلىشنى مەسلھەتلىشىپ، جاۋابكار نxxنىڭ ئىككى چاقلىق موتوسىكلىتنى ھەيدەپ، xx بازىرى xxكەنت تەۋەسىدىكى زىيانلانغۇچى ئاxxنىڭ ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئاچقۇچى بىلەن توختۇتۇپ قويغان 2900 يۈەن قىممتىدىكى شىباۋ ماركىلىق ئىككى چاقلىق توكسىكلىتنى كۆرگەندىن كىيىن، يۇقارقى توكسىكلىتنى ئوغرىلاش مەقستىدە، جاۋابكار نxx يولدا ئەتىراپنى كۈزتىپ تۇرغان، جاۋابكار ئاxx زىيانلانغۇچى ئايxxنىڭ ئىككى چاقلىق توكسىكلىتنى ھەيدەپ شايار بازىرىغا ئاپىرىپ، جاۋابكار نىxx بىلەن باشقىلارغا سېتىپ پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنى ئەسلىگە كەلمىگەن. 

جاۋابكار نxx، ئاxxلەر 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى گۈلباغ بازىرى تەرەپكە بېرىپ ئوغرىلىق قىلىشنى مەسلىھەتلىشىپ، جاۋابكار نxxنىڭ ئىككى چاقلىق موتوسىكلىتىنى ھەيدەپ، xx بازىرى xx كەنت x-گوروپ تەۋەسدە نىشان ئىزدەپ كىتىۋېىتىپ، گۈلباغ بازىرى xx كەنت x-گوروپ x-نۇمۇرلۇق ئۆينىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان زىيانلانغۇچى خxxنىڭ 1500 يۈەن قىممتىدىكى ئىككى چاقلىق خاۋجۆ ماركىلىق جۈزى رەڭلىك ئايالچە موتوسىكلىتنى كۆرگەندىن كىيىن، يۇقارقى موتوسىكىلىتنى ئوغرىلاش مەقستىدە، جاۋابكار نxx يولدا ئەتىراپنى كۈزتىپ تۇرغان، جاۋابكار ئاxx زىيانلانغۇچى خxxنىڭ موتوسىكىلتىنى ھەيدەپ جاۋابكار نxxنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ يۇشۇرۇپ قۇيۇپ، شۇ كۈنى كەچلىكى جاۋابكار نxx، ئاxxلەر يۇقارقى موتوسىكىلتىنى باشقىلارغا سېتىۋەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنى ئەسلىگە كەلگەن.  

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋابكار نxx، ئاxxلەرنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، باشقىلارنىڭ كۆپىرەك مىقداردىكى مال-مۈلكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇپۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈككە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئېگە قىلىش ئۈچۈن، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 25-ماددا، 65-ماددا، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جاۋابكار نxx، ئاxxلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار نxx، ئاxxلەر تەكرار جىنايەتچى، كۆپ قېتىم ئوغرىلىق قىلغان، زىياننىڭ بىر قىسمى ئەسلىگە كەلگەن، جىنايىتنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولغان بۇلۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمسىگە ئۇيغۇن. شۇڭا جاۋابكار نxxغا بىر يىل ئىككى ئاي 11 كۈن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە 2000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش؛ جاۋابكار ئاxxكە بىر يىل مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە 2000 شىتىراف قۇيۇش توغىرسىدا جازا ئۆلچەش تەكلىپى بېرىمىز. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن ئەيىپلىدۇق، قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن : 

شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top