شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
غۇلجا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
غ ن تەپتىش ئەيىبلەش(2019) 225-نومۇرلۇق
جاۋاپكار ئا**، ئەر، ئۇيغۇر ، 42ياش، *-يىلى*- ئاينىڭ *-كۈنى توغۇلغان . كىملىك نومۇرى : ************* ، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئۇرنى: غۇلجا ناھىيە دولان دېھقانچىلىق مەيدانى *-ئەترەت، پىراۋا نومۇرى B2 ، ئىلگىرى جازالانمىغان ،新F** -نومۇرلۇق يىنىك تىپتىكى يۈك ماشىنىنى ھەيدىگەن ، 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى غ ن ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن كېپىلگە بىرىلگەن ، ھازىر سىرىتتا .
بۇ دېلونى غۇلجا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2019- يىلى 6–ئاينىڭ 10-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن جاۋاپكارنى قانۇن بويچە سوراق قىلىپ، ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق، دېلودا بار بولغان جىنايى پاكىتنى تەكشۇرۇپ چىقىپ ، دېلو تەكشۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2018-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى بىيجىڭ ۋاقتى سائەت 3دىن 35مىنۇت ئۆتكەندە، جاۋابكار ئاب** ئۆزىنىڭ新F** -نومۇرلۇق يىنىك تىپتىكى يۈك ماشىنىسىنى ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە ھەيدەپ ، غۇلجا ناھىيە ج خ ئىدارىسى نوڭدا تەكشۈرۈش پۇنكىتىدىن ئۆتكەندە ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقالغان .
ئىلى ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى ماددىي بۇيۇملارنى باھالاش ئورنى 2018 - يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى چىقارغان [2018]485-نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارىنى تەكشۈرۈپ بىكىتىش نەتىجىسدە ، جاۋابكار ئا**نىڭ قىنىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭmg/100ml 232.55 گە يەتكەنلىگى بىكىتلىگەن.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشكە بولىدىغان دەلىل- ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1.يازما ئىسپات ؛
2.گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى ؛
3.جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ؛
4. باھالاشنامە ؛
5. ئۈن سىن ماتىريالى ؛
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ:
جاۋاپكار ئا**نىڭ قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق ، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست ،خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك. شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بويىچە جىنايى جازا بېرىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غۇلجا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش:مەرھابا ئابدۇكىرىم
ئىنتىزار روزاخۇن
2019- يىلى 7- ئاينىڭ2- كۈنى
قوشۇمچە :
1.جاۋابكار ئائىلسىدە كىپىلىدە .
2.دەلىل- ئىسپات مۇندەرىجىسى بىلەن گۇۋاھچىلار تىزىملىكى قوشۇپ يوللاندى.
3. 2توپلام دېلو بىلەن مۇناسۋەتلىك ماتېرىياللار كۆپەيتىلمىسى قوشۇپ يوللاندى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论