欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿拉巴某·阿不都艾某等2人涉嫌贩卖毒品案)(公开版)

2021-09-23 尘埃 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

                     

                     ئۈ ت ت 2-ب ج ئە2020﹞51–نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

جاۋابكار ئارافات ئابدۇغېنى، ئەر، ئۇيغۇر، 1998-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى شىنجاڭ تۇرپان شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6521011998، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، مۇقۇم خىزمەت ئورنى يوق، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرسى: ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنى *** يولى ***-نۇمۇر **-بىنا *-زال ***-ئۆي. 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن بىر يىل ئون ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ قۇشۇمچە 8000 يۈەن شىتىراف قۇيۇلغان (2018-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بېرىلگەن). 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مىچۈەن-دوڭسەن رايۇنلۇق شۆبە ئىدارىسى تەرىپىدىن زەھەر چەككەنلىكى ئۈچۈن 5 كۈنلۈك مەمۇرى توختىتىش جازاسى بېرىلگەن. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مىچۈەن-دۇڭسەن رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى مەھكىمىمىز زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ ئاينىڭ 9-كۈنى كېسىلى بولغانلىق سەۋەبىدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مىچۈەن-دۇڭسەن رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى تەرىپىدىن داۋاملىق كېپىلگە بېرىلگەن.

جاۋابكار ئى****، ئەر، ئۇيغۇر، 1999-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى شىنجاڭ يۇپۇرغا ناھىيسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: *******6531281999، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: شىنجاڭ يۇپۇرغا ناھيىسى **** يىزىسى **** كەنىتى *-گۇرۇپ ***-نۇمۇر، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرسى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك تىيانشان رايۇنى *** يولى ***-نۇمۇر **-بىنا ***-ئۆي. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مىچۈەن-دوڭسەن رايۇنلۇق شۆبە ئىدارىسى تەرىپىدىن زەھەر چەككەنلىكى ئۈچۈن 5 كۈنلۈك مەمۇرى توختىتىش جازاسى بېرىلگەن. 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مىچۈەن-دۇڭسەن رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى مەھكىمىمىز زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مىچۈەن-دۇڭسەن رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مىچۈەن-دۇڭسەن رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئارافات ئابدۇغېنى، ئى****نىڭ زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 7–ئاينىڭ 7-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2020-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 21:20 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار ئارافات ئابدۇغېنى شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايۇنى تىنچلىق جەنۇبى يولى 40-باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپىدا، بىر بولاق يېشىل رەڭلىك ياپراقسىمان گۇمانلىق بۇيۇمنى جاۋابكار ئى****قا 8000 مىڭ يۈەن نەق پۇلغا ساتقان. جاۋابكار ئى**** جاۋابكار ئارافات ئابدۇغېنىدىن سېتىۋالغان بۇ بىر بولاق يېشىل رەڭلىك ياپراقسىمان گۇمانلىق بۇيۇمدىن بىر كىچىك بولاقنى پايدىسىغا ئايرىۋالغاندىن كېيىن زەھەرلىك بويۇم سېتىۋالغۇچى زۇ****غا 8000 يۈەنگە ساتقان، ھەمدە نەق مەيداندا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان. قانۇن بويىچە ئاختۇرۇش ئارقىلىق، جاۋابكار ئى****نىڭ يېنىدىن يەنە ئىككى بولاق يېشىل رەڭلىك ياپراقسىمان گۇمانلىق بۇيۇم ئاختۇرۇپ تېپىلغان.

جاۋابكار ئى**** زۇ****غا سېتىپ بەرگەن بىر بولاق يېشىل رەڭلىك ياپراقسىمان گۇمانلىق بۇيۇم ۋە جاۋابكار ئى****نىڭ يېنىدىن ئاختۇرۇپ تېپىلغان ئىككى بولاق يېشىل رەڭلىك ياپراقسىمان گۇمانلىق بۇيۇمنىڭ ئېغىرلىقىنى قانۇن بويىچە ئۆلچەش ۋە تەركىبىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈپ باھالاش ئارقىلىق، جاۋابكار ئى**** زۇ****غا ساتقان بىر بولاق يېشىل رەڭلىك ياپراقسىمان گۇمانلىق بۇيۇمنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ 84.09 گىرام ئىكەنلىكى، تەركىبىدە 3،3-دىمىتىل رادىكالى-2-مىتىل بوتىرات (باشقا ئىسمى:5F-ADB ) تەركىبىنىڭ بارلىقى، جاۋابكار ئى****نىڭ يېنىدىن ئاختۇرۇپ تېپىلغان ئىككى بولاق يېشىل رەڭلىك ياپراقسىمان گۇمانلىق بۇيۇمنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 26.6 گىرام ۋە 3.19 گىرام ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 3.19 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر بولاق يېشىل رەڭلىك ياپراقسىمان گۇمانلىق بۇيۇمنىڭ تەركىبىدە 3،3-دىمىتىل رادىكالى-2-مىتىل بوتىرات(باشقا ئىسمى:5F-ADB ) تەركىبىنىڭ بارلىقى ئېنىقلانغان.

جاۋابكار ئارافات ئابدۇغېنى 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى تەھقىقلىگۈچى ئورگان تەرىپىدىن تۇتۇلغان. 

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. جاۋابكار ئارافات ئابدۇغېنى، ئى****نىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، ئۈندىدار پاراڭلىشىش ۋە ھېساۋات يۆتكەش خاتىرىسى، دېلوغا كىلىش(تۇتۇلۇش) جەريانى ئىسپاتى قاتارلىقلار؛

2. گۇۋاھچى زۇ****دىن ئېلىنغان گەپ سوراش خاتىرىسى؛

3. جاۋابكار ئارافات ئابدۇغېنى، ئى****نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

4. دېلوغا چېتىشلىق زەھەرلىك بويۇمنى ئاختۇرۇش تېپىش، تۇتۇپ قېلىش، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش، ئەۋرىشكە ئېلىش خاتىرىسى؛ 

5. باھالاش پىكرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بويۇملارنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش مەركىزىنىڭ دېلوغا چېتىشلىق زەھەرلىك بويۇمنىڭ تەركىبىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى؛

6. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: جاۋابكار ئارافات ئابدۇغېنى، ئى****نىڭ ئىلگىرى جازالانغانلىقىغا ئائىت ئىسپات، تەھقىقلىگۈچى ئورگان تەمىنلىگەن چۈشەنچە ئىسپاتى قاتارلىقلار.

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار قانۇنلۇق توپلانغان، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار ئارافات ئابدۇغېنى، ئى****نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا نىسپەتەن باشقىچە پىكرى يوق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئارافات ئابدۇغېنى، ئى****نىڭ پايدا تېپىش مەقسىتىدە، باشقىلارغا زەھەرلىك بويۇم ساتقان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347–ماددىسىنىڭ 1-، 4-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار ئارافات ئابدۇغېنىنى ئىلگىرى قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كىيىنكى بەش يىل ئېچىدە يەنە مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جىنايى جازا بېرىلىدىغان قەستەن جىنايەت سادىر قىلغان، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 65-ماددىسى بويىچە ئېغىر جازا بېرىش كىرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

    تەپتىش: قۇدۇس قاسىم 

   تەپتىش ياردەمچىسى: سەمىجان سەمەت

–2020يىلى 9–ئاينىڭ 30–كۈنى

ئەسكەرتىش:

1. جاۋابكار ئى**** ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا، جاۋابكار ئارافات ئابدۇغېنى ئائىلىسىدە كېپىلدە؛

2. مەھكىمىمىزنىڭ 13 نۇسخا ئەيىبنامىسى ۋە تەھقىقلەش دىلو ماتىرىيالى 3 توپلام بىرگە يوللاندى.

3. جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتىدىن بىر نۇسخا(ئەسلى نۇسخىسى)، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش پىكىرنامىسى ۋە جازا ئۆلچەش تەكلىبىدىن بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.

4. دېلوغا چېتىشلىق ماددى ئىسپات (بىر دانە ئوپپو ماركىلىق يانفون) دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top