欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿某某外力·阿某都热依木盗窃案)(公开版)

2021-09-19 尘埃 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئۈ ش ت ت 1-بۆلۇم ج ئە چىقىش (2020) 92 –نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

    جاۋاپكار ئابدۇۋەلى ئابدۇرېھىم، ئەر، ئۇيغۇر، 1997-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: *********6541211997، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىگە ئىگە، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپوس تۇرۇشلۇق ئورنى: **ناھىيەسى ** يېزىسى **كەنتى ** يولى **-نۇمۇر، دائىم تۇرۇشلۇق ئورنى : **شەھەر **يېزىسى **مەھەللە كەنىت **-كوچا ** -نۇمۇر. 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق قورغاس ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 1يىل 4ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلىپ2017-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى  مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن. بۇ قېتىم ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىز ئوغىرلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنشنى تەستىقلىغان.شۇ ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئابدۇۋەلى ئابدۇرېھىمنىڭ ئوغۇرلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 5–ئاينىڭ 15-كۈنى قايتا قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە  جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. 

دىلونى 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى بىر قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇردۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2019   -يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى كېچە كېچە سائەت 12لەردە  جاۋابكار ئابدۇۋەلى ئابدۇرېھىم،فې**(ئايرىم بىر تەرەپ قىىلىنغان) ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى مەدەنىيەت كوچىسىدا  كېتىۋاتقان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئى**نىڭ دوستى سى**نىڭ  ئارقا تەرەپ كاسا يانچۇقىدىن بىر دانە  ئەرەنچە پورتمالنى(ئىچىدە بىر يۈئەن بار) ئوغرىلىۋالغاندا ئىگسى سېزىپ قېلىپ، ئىككى تەرەپ جېدەللىشىپ قالغان پۇرسىتىدىن پايدىلنىپ  جاۋابكار ئابدۇۋەلى ئابدۇرېھىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى  ئى**نىڭ  ئالدى تەرەپ ئىشتان يانچۇقىغا سېلىپ قويغان 2300يۇەن قىممىتىدىكى بىر دانە قارا رەڭلىك ئوپپو ماركىلىق رىنو تىپلىق تېلېفوننى ئوغرىلاپ ئېلىۋالغان.زاڭ مال قايتۇرۇپ كېلىنمىگەن.

   جاۋابكار ئابدۇۋەلى ئابدۇرېھىم 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى تىيانشان رايۇنى خەلق كىنوخانىسى ئەتراپىدىن تىيانشان رايۇنلۇق ج خ شۆبىسى2-ئەترىتى تەرىپىدىن ئوغىرلىق قىلمىشى بىلەن تۇتۇلغان.  

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. يازما ئىسپات: جاۋابكار ئابدۇۋەلى ئابدۇرېھىمنىڭ نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى؛

2.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دىلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛

3. جاۋابكار ئابدۇۋەلى ئابدۇرېھىمنىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

4. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار:جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى؛ دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۇنى،جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى:

    يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلىشنى خالايدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئابدۇۋەلى ئابدۇرېھىمنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، شەخسلەرنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى مېلىنى يوشۇرۇن ئوغىرلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار ئابدۇۋەلى ئابدۇرېھىم ئىلگىرى ئوغرىلىق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بىرىلگەندىن كىيىنكى بەش يىل ئىچىدە يەنە مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جىنايى جازا بېرىلىدىغان جىنايەت سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 65-ماددىسىنى تەدبىقلاش لازىم.شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

                                                        تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن 

                        تەپتىش ياردەمچىسى: سەمىجان  

2020–يىلى 6–ئاينىڭ 10–كۈنى

ئەسكەرتىش:

1.جاۋابكار ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا؛

     2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش ماتىرىيال توپلىمى3 توپلام بىرگە يوللاندى؛

    3.ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش تەكلىبى ۋەجازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى؛

    4.جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top