欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿不都色力木·阿不力米提贩卖毒品案)(公开版)

2021-09-20 尘埃 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئۈ ش ت ت 1-※بۆلۇم ج ئە چىقىش (2020)122–نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

جاۋابكار ئا**، ئەر، ئۇيغۇر، 1985-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6501021985، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، نوپۇسى ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئادرىسى: ** شەھەر ** رايۇنى ** يولى **-نۇمۇر **-بىنا **-كۇرپۇس **-ئۆيدە. زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايۋاغ رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى مەھكىمىمىز زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ كۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايۋاغ  رايونلۇق شۆبىسى  قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان. 

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئا**نىڭ زەھەر ئېلىپ-سېتىش دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2019-يىلى 5–ئاينىڭ 21-كۈنى قايتا قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋاپكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى .دىلونى بىر قېتىم تولۇقلاشقا قايتۇردۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

     جاۋابكار ئا**2019--يىلى**-ئاينىڭ **- كۈنى بىيىجىڭ ۋاقتى 19لەردە ** شەھەر ** رايونى ** يۇلى **مىھمانخانىسى قارشى تەرەپ يول بۇيىدا **نىڭ خەنلەندا 新A***** نۇمۇرلۇق ماشىنسىنىڭ ئىچىدە  باشقىلارغا بىر بولاق يىشىل رەڭلىك پارچە ياپىراقسىمان زەھەرلىك چېكىملىك ناتاشانى 100يۇەنگە ساتقان نەق مەيداندا ج خ خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.تۇتۇلغاندىن كېيىن يېنىدىن بىر بولاق ناتاشانى ئاختۇرۇپ تاپقان.     ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئورنى(2019)313-نومۇرلۇق باھالاشنامىدە جاۋابكارباشقىلارغا ساتقان بىر بولاق يىشىل رەڭلىك پارچە ياپىراقسىمان گۇمانلىق بۇيۇمنىڭ تەركىۋىدىن زەھەرلىك چىكىملىك (5F-ADB)ناتاشا  تەركىۋى بولۇپ، ئېغىرلىقى 0.733گىرام دەپ باھالىغان. يېىنىدىن چىققان بىر بولاق يىشىل رەڭلىك پارچە ياپىراقسىمان گۇمانلىق بۇيۇمنىڭ تەركىۋىدىن زەھەرلىك چىكىملىك (5F-ADB)ناتاشا  تەركىۋى بولۇپ، ئېغىرلىقى 0.263گىرام دەپ باھالىغان.

   2019-يىلى 12-ئاينىڭ 23-**شەھەر ** رايونى**يۇلى **مىھمانخانىسى قارشى تەرەپ يول بۇيىدا **خەنلەندا 新A***** نۇمۇرلۇق ماشىنسىنىڭ ئىچىدە  باشقىلارغازەھەر ساتقان نەق مەيداندا دوسلۇق شىمالىي يولى ساقچىخانىسى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. يازما ئىسپات: جاۋابكار ئا**نىڭ نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى؛

2. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى: گۇۋاھچى يۇ**نىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛

3. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى: جاۋابكار ئا**تنىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

4. باھالاش پىكرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى؛

5. ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى: ئاختۇرۇش خاتىرىسى، دېلوغا چېتىشلىق زەھەرلىك بۇيۇمدىن ئەۋرىشكە ئېلىش، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش خاتىرىسى؛ 

6. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى، مۇناسىۋەتلىك سۆرەتلەر.

  يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقىي بولۇپ،شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق ھەمدە ئۆزلىگىدىن جىنايىتىنى تونۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىشنى خالايدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئا**نىڭ پايدا تېپىش مەقسىتىدە، باشقىلارغا زەھەرلىك بويۇم ناتاشا ساتقان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347–ماددىسىنىڭ 1-، 4-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

                             تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن

                            تەپتىش ياردەمچىسى:مەردان ھۈسەنجان

2020–يىلى 7–ئاينىڭ 3-كۈنى

ئەسكەرتىش:

1.جاۋابكار ئا** ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 2-قاماقخانىدا قاماقتا.

2.8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش دېلو ماتىرىيالى 3 توپلام بىرگە يوللاندى.

3.ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى ۋە جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى.

4.جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top