欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(阿不都沙某木·阿尼瓦盗窃案)(公开版)

2021-09-19 尘埃 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئۈ ش ت ت 1-بۆلۇم ج ئە چىقىش (2020) 107–نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

   جاۋابكار ئابدۇسالام ئەنۋەر، (بۇرۇنقى ئىسمى سادام ئەنۋەر) ئەر، ئۇيغۇر، 1994-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى ** تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: ********6501021994 ،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى: ئۈرۈمچى شەھىرى ** رايۇنى ** كوچىسى **-نۇمۇر **-بىنا **-ئىشىك **-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق.2016-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمگو رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن مۇدەتلىك 2يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، باسقۇنچىلىق جىنايىتىگە مۇددەتلىك 2 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، مۇددەتلىك 4 يىللىق قاماق بېرىلگەن. 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچۇرۇم ئېلىپ قويۇپ بېرىلگەن. بۇ قېتىم ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ  2020-يىلى 3-ئاينىڭ 25- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلغان.  2020 -يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى مەھكىمىمىز ئوغىرلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنشنى تەستىقىلىغان. شۇ كۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى  قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان. 

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئابدۇسالام ئەنۋەرنىڭ ئوغۇرلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 6–ئاينىڭ 3-كۈنى  قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە  جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

   جاۋابكار  ئابدۇسالام ئەنۋەر 2020-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى  كەچ سائەت 10لەر ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى شەھەر تىيانشان رايۇنى ** كىنوخانىسى ئەتراپىدىكى قازاقلارنىڭ مۇزىكىلىق تاماقخانىسى(**ا مۇزىكىلىق تاماقخانىسى)دا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مە**تنىڭ  سەھنىگە ئوينىغىلى چۇشۇپ كەتكەن پۇرسىتىدىن پايدىلنىپ ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قويغان 2000يۇەن قىممىتىدىكى ھال رەڭلىك ۋېيۋو XPLAY5 تىپلىق يانفوننى ئوغۇرلاپ چىقىپ سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن.دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زاڭ مال قايتۇرۇپ كېلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن.

   جاۋابكار ئابدۇسالام ئەنۋەر 2019-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەر تىيانشان رايۇنى ** يولى * * بى رايۇن **-بىنا **-كورپۇس **-نۇمۇرلۇق تۇرالغۇسىدىن تىيانشان رايۇنلۇق جىنايى ئىشلار 2-ئەترەت تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. يازما ئىسپات: جاۋابكار ئابدۇسالام ئەنۋەرنىڭ نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى؛

2.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دىلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛

3. جاۋابكار ئابدۇسالام ئەنۋەرنىڭ  تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

4. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار:جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى؛ دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۇنى، دىلۇنى يۈزلەشتۈرۈش خاتىرىسى، 

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلىشنى خالايدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئابدۇسالام ئەنۋەرنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، شەخسلەرنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى مېلىنى يوشۇرۇن ئوغىرلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار ئىلگىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقۇرى قاماق جازاسغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ تەكرار جىنايەتچى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 65–ماددىسىنى تەدبىقلاپ جازا بېرىش كېرەك. شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

                 تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن

                 تەپتىش ياردەمچىسى:مەردان ھۈسەنجان

2020 –يىلى 7–ئاينىڭ 1–كۈنى

ئەسكەرتىش:

   1 .جاۋابكار ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا؛

   2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش ماتىرىيال توپلىمى2 توپلام بىرگە يوللاندى؛

   3.ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش تەكلىبى ۋە جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى؛

   4.جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.

  

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top