乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕xx号
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىبلەش (2020) -نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار دىxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى xx ئۇچتۇرپان ناھىيە xxيېزا xx كەنىت xx-مەھەللە xx-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ ئۈچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن، 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش قارار قېلىنغان .
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار دxxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار بۇ دېلونى تىز سوت قىلىش تەرتىپنى قوللىنىپ سوتلاشقا قۇشۇلدى.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار دxx 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 22:50 ئەتراپىدا يامانسۇ يېزا بازىرىدىكى بىر ئاشخانىدا ھاراق ۋە پىۋە ئىچكەندىن كىيىن، يامانسۇ يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن چېگرا چارلاش ئۈچۈن بىر تۇتاش تارقىتپ بەرگەن xx نومۇرلۇق ئىككى چاقىلىق موتسكىلىتىنى ئۈزى يالغۇز مەسىت ھەيدەپ مېڭىپ (پىراۋىسى بار)، يامانسۇ يېزا 6-كەنىت 2-مەھەللە تەۋەسىگە كەلگەندە، تۇxx پىراۋىسىز ھەيدەپ ماڭغان xx نومۇرلۇق توپا ئىتتىرىش ماشنسى بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن.
يول قاتناش ھادىسى ئېتراپنامىسىدا «دxx تەڭ دەرجىلىك مەسئۇليەتنى، تۇxx تەڭ دەرجىلىك مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دەپ بىكىتكەن.
شىنجاڭ خواتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى بۇيۇملىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنىنىڭ ئەدىليىلىك باھالاش دوكلاتىدا «دxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 206.92 مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقارغان بۇلۇپ، جاۋابكار مەسىت ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، نەق مەيدان ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار دxx يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەم ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار دxxنىڭ ھاراق ئىچىپ پىراۋىسىز، مەسىت ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىدىكى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشىلىك. جاۋابكار جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان. تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار. 4 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىش، قۇشۇمچە 8000 يۈەن شىتىراپ قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن
پۈتۈكچى: ئادىلجان ئابلىتىپ
2020-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى
ئىزاھات: (1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە. xx
(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论