欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(迪某某危险驾驶案)(公开版)

2021-09-21 尘埃 评论0

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش [2020]  428 -نومۇرلۇق 

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

جاۋابكار دXX، ئەر، ئۇيغۇر، 19XX- يىلى X- ئاينىڭ X- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 65290119XXXXXX، ئالىي تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، شىنجاڭ X شەھىردە تۇغۇلغان، نوپۇس تۇرۇشلۇق جاي: كىرىستال يولى ساقچىخانسى، شىنجاڭ Xشەھەر X يولى X- نۇمۇر X- كورپوس X- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىشچى، 2018- يىلى 4- ئاينىڭ 29- كۈنى X خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن 4 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىشكە ھۆكۈم قىلىنغان، خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2020- يىلى 06– ئاينىڭ 20- كۈنى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.

   ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 14- كۈنى [2020]951-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى. 

   قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

جاۋابكار دXX  X- يىلى X- ئاينىڭ X- كۇنى سائەت 09:40 لەردە ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، X شەھەرXX ئولتۇراق رايونى ئىچىگە توختۇتۇپ قويغان 新NXXXXH نۇمۇرلۇق ماشىنىنى پىراۋىسىز ھەيدەپ X شەھەر جەنۇبى Xيولى X ئولتۇراق رايونىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە يول بويىغا توختۇتۇپ قويغان بىر ماشىننىڭ كەينىگە ئۈسىۋالغان، شۇ ئەتراپتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار جاۋابكار دXXنى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەن دەپ گۇمانلىنىپ، قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى جاۋابكار دXXنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ قېنىنى ئېلىپ تېخنىكىلىق باھالاشقا ھاۋالە قىلغاندا 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتىدارى 109.66 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ۋە ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

مەھكىمىمىز جاۋابكار دXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك، جاۋابكار دXX جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، شۇڭا جاۋابكار دXXغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن ۋە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە 1 ئاي 20 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە  3000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىشكە تېگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق. 

                   تەپتىش : نXXX 

                        مۇۋەققەت تەپتىش : ئەXX

   2020-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى

ئىزاھات : 

1.جاۋابكار كېپىلدە. ئالاقىلىشىش نۇمۇرى: 15XXXXXX22، 15XXXXX23

   2. 8نۇسخا ئەيىبنامە، جىنايىتىنى تۇتۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تېل خېتى،  بىر توپلام ج خ دېلو ماتىرىيالى بىرگە ئەۋەتىلدى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top