欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(迪某某危险驾驶案)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

XX شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2019) 22-نومۇرلۇق

XX شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋاپكار دXX، ئەر، ئۇيغۇر، 29ياش، 1989-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى XXXXXXXX6529011989،تۇللۇقسىز مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، يۇرتى:XX شەھىرى، XXشەھەر XX بازار 19-كەنىت 1-ئەترەت 31-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق. 2018– يىلى 7– ئاينىڭ 3– كۈنى XX شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.

XX شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى (2018)545- نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى .مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋاپكارغا ئاقلىنىش ھۇقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سورىدى .

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋاپكار دXX 2018- يىلى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 00:00 لەر ئەتراپىدا XX شەھەر <لىڭشۈي KTV> دا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن <لىڭشۈي KTV> نىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان 新N4R545 نۇمۇرلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ XX شەھەر خاڭجۇ يولى قاتناش چوڭ ئەترىتىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، شۇ ئەتراپتا تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجىرا قىلۋاتقان ساقچلار تەرپىدىن بايقالغان، تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىلشات تۇردىنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 176مىللىگىرام (mg/100ml176) بۇلۇپ، مەسىت ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەن.

يۇقارقى پاكىتىنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرىسى، تېخنىكىلىق باھالاش يەكۈنى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋابكار دXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق . خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، جاۋابكار دXX قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، بىكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلدى ھەم جازاغا قايىل بولىدى، بۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن .شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسگە ئاساسەن، جاۋابكار دXXنىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتىگە 1ئاي 15كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە 5000يۇەن شىتىراف قۇيۇش مۇۋاپىق دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق.ئاددى تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشىڭىزلارغا تەكلىپ بېرىمىز.

تەپتىش : نۇسرەت ئابلىز

مۇۋەققەت تەپتىش : دىلمۇرات ئەمەر

2019-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى

ئىزاھات :

1.​ جاۋابكار كېپىلدە. ئالاقىلىشىش نۇمۇرى:XXXX1559995

2.​ 8 نۇسخا ئەيىبنامە ،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىل خېتى ۋە بىر توپلام ج خ دېلو ماتىرىيالى بىرگە ئەۋەتىلدى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top