شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
پىچان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
پىچان تەپتىش 1-بۆلۈم ج ئىئە چىقىش (2020) 667-نومۇرلۇق
پىچان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار : د** ، ئەر، ئۇيغۇر،19**- يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى 65212219******2750، پىچان ناھىيە ** بازار ** كەنىت **- گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنيەت سەۋىيسىگە ئىگە،دىھقان ، ئىلگىرى جازالانمىغان. جاۋابكار د** خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ 2020- يىلى07-ئاينىڭ 07- كۈنى پىچان ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بېرىلگەن، 2020- يىلى 09- ئاينىڭ 28- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە قايتا كىپىللىككە بېرىلگەن.
پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار د** نىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇق-مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق .دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:
2020- يىلى 06- ئاينىڭ25-كۇنى سائەت 22دىن 15مىنۇت ئۆتكەندە، جاۋاپكار د** پىراۋاسىز ھالدا،ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە 新K**نۇمۇرلۇق (باشقا موتوسىكىلىتنىڭ نۇمۇر تاختىسىنى ماي قاچىلاش ئۈچۈن ئىسىۋالغان ) داياڭ ماركىلىق ئىككى چاقلىق قىزىل رەڭلىك موتوسكىت ھەيدەپ ،شەرىقتىن غەرىپكە قاراپ مىڭىپ ،پىچان ناھىيە لەمجىن بازارخاندو 6-دادۈي4-گۇرپپا يول بۈلىكىگە كەلگەندە،غەرىپتىن شەرىققە قاراپ ماڭغان ق** ھەيدىگەن 新KE**نۇمۇرلۇق زۇڭشىن ماركىىلىق ئۈچ چاقلىق موتوسكىلىت بىلەن سۇقۇلغان ،نەتىجىدە ھادىسىدە د** ئۆزى يارلىنىپ ،قاتناش ۋاستىسى زىيانغا ئۇچىراشتەك قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغان .ھادىسىدە د** پۈتۈن مەسئوليەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ ، ق** مەسئوليتى يوق دەپ بېكىتكەن .
شىنجاڭ «خۇا توڭ» ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2020]3565- نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۇرۇش دوكلاتنامىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا د**دىن ئېلىنغان قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىmg/100ml 268.04دەپ يەكۈن چىقارغان.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن:
1.مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛2.گۇاچىلارنىڭ گۇاھلىق سۆزى ؛3.جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛4. باھالاش يەكۈنى؛ 5.نەق مەيدان ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرە- سۈرەتلىرى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار د** ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ. جاۋابكار تېز كىسىم چىقىرش تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلىدۇ.
مەھكىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار د**نىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش- ترانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن- نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ، مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بىرى 1- تارماق 2- تۈرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار د** جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋابكار د**گە بەش ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش ، قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش تەكلىپىنى بېرىپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش: ئابدۇراخمان ئابدۇللا
تەپتىش ياردەمىچىسى: ئايجەننەت ھىمىت
2020 -يىلى 10-ئاينىڭ22-كۈنى
ئىزاھات :
1. جاۋاپكار د** ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە.
1. دېلو ماتىرىيالى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى دېلو ئارخىپى 2 توپلام ،تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىبنامە 10 نۇسخا، جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىنى
قوبۇل قىلىش تىلخىتى بىر پارچە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论