شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ك ت جىنايى ئىشلار بىرىنچى بۈلۈم ئەيىپلەش چىقىش (2020) 879-نومۇرلۇق
كۇچا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار تx، ئەر، ئويغۇر، 19**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 65292319*********، تولۇقسز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، نوپۇس تۇرۇشلۇق جاي ۋە ھازىرقى ئولتۇرشلىقى: شىنجاڭ كۇچا ناھىيە ** يېزىسى** كەنت **-گوروپ **-نومۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان.
خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۇنى كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىلگە بېرىلگەن.
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 410 -نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار تxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايى دىلوسىنى 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقىلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرىنى ئالدۇق، جاۋابكار مەزكۇر دىلونى تىزكىسىم تەرتىپى بىلەن سوت قىلىشقا قۇشۇلدى، يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن دىلودىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :
جاۋابكار تx 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 22:00 لەر ئەتراپىدا كۇچا شەھىرى ** بازىرىدىكى تاللا بازىرىدا دوستى رx، ئاxلەر بىلەن بىللە ھاراق ئىچىپ، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 01:00 لەر بىلەن سۇرۇندىن چىقىپ ئۆيىگە پىيادە قايىتپ كەتكەن، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەتىگەندە ئىشقا بېرىش ئۈچۈن ليۇ xx نامىدىكى 新N***** نومۇرلۇق ماشىننى ھەيدەپ سائەت 10:20 ئۆتكەندە ئاقئۆستەڭ يېزا تاش يۇلى Y136 لىنيە 6 كىلومىتىر 300 مىتىرلىق يول بۆلىكگە كەلگەندە يول بۇيدىكى تۈۋرۈككە سۇقۇلغان، كىيىن چارلاش ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقالغان.
شىنجاڭ قاتناش پەن-تەتقىقات يۇرتى ئەدلىيلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش پىكىرنامىسىدە، تxنىڭ ۋىنا قان تومۇرىدىن ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارىmg/100mL 114 دەپ باھالاپ بېكىتكەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاشنامە، ئېنىقلاپ-تەكشۈرۈش خاتىرسى، ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
دىمەك، جاۋابكار تxنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تۇلۇق بېكىتىشكە بولىدۇ, جاۋاپكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق، ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۇزدىغان جىنايى ھەركەتلەرگە زەربە بېرىپ، قاتناش-تىرانسىپورت ئىشلىرىنىڭ بىخەتەر، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكار تxنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارماق 2-تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىكقاراپ دەپ ، «جوڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، قانۇن بۇيچە ھۈكۈم قىلشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش:رېيىم ياسىن
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى
ئەسكەرتىش:
1 .جاۋابكار تx ئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن ، ھازىر ئائىلىسىدە .
2. بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە ، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ، تىز كىسىم قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئىتراپنامىسى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论