欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(赵某某等6人涉嫌组织,领导传销活动一案)(公开版)

2021-09-19 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بايىنغولىن مۇڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستى 

كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 

ئەيىبلەشنامىسى

ك ش ت ج ئەيىبلەش (2017) 486-نۇمۇرلۇق

1. جاۋاپكار جاXX، ئايال، 1958-يىلىXX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: 6528011958XXXXX،مانجۇ،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، پىنسىيىگە چىققان ئىشچى، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: كورلا شەھەر XX يولى XX-نۇمۇر XX-بىنا XX-ئىشىك XX-نۇمۇر،تۇتۇلۇشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق ئورنى: كورلا شەھەر XX ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX-ئىشىك XX-نۇمۇر .بۇرۇن جازالانمىغان. 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن شاخلىتىپ سېتىش پائالىيىتىگە تەشكىللەش،رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان.2017-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۇنى مەھكىمىمىز شاخلىتىپ سېتىش پائالىيىتىگە تەشكىللەش،رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان.شۇ كۇنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

2. جاۋاپكار جاڭ XX، ئايال، 1967-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى:XXXXX6528011967،خۇيزۇ،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،كەسپى:يەككە تىجارەتجى،نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە تۇتۇلۇشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق ئورنى:كورلا شەھەر XX يولى XX-نۇمۇر XX-بىنا XX-ئىشىك XX-نۇمۇر،بۇرۇن جازالانمىغان. 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن شاخلىتىپ سېتىش پائالىيىتىگە تەشكىللەش،رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان.2016-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۇنى مەھكىمىمىز شاخلىتىپ سېتىش پائالىيىتىگە تەشكىللەش،رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان.ئەتىسى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

3.جاۋاپكار ئاXX،ئايال،1972-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى:XXXXX6528261973 ،ئۇيغۇر،ئالى تىخنىكۇم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،كەسپى:ئوقۇتقۇچى،سىياسى قىياپىتى:پارتىيە ئەزاسى،ئىلگىرى جازالانمىغان،نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: قاراشەھەر ناھىيىسى XX يېزىسى XX كەنت XX-گۇرۇپ XX-نۇمۇر.تۇتۇلۇشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق ئورنى:كورلا شەھەر XX ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX-كۇرپۇس XX-XX-نۇمۇر. 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن شاخلىتىپ سېتىش پائالىيىتىگە تەشكىللەش،رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان.2016-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۇنى مەھكىمىمىز شاخلىتىپ سېتىش پائالىيىتىگە تەشكىللەش،رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان.ئەتىسى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

4. جاۋاپكار خاXX،ئايال،1970-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: XXXXX6528221970،ئۇيغۇر،تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،كەسپى:تىجارەتچى،ئىلگىرى جازالانمىغان، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ كورلا شەھىرى XX يولى XX-كوچا XX-بىنا XX-ئۆي .ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: كورلا شەھىرى XX رايونى XX-رايون XX-بىنا XX-كورپوس XX-ئۆي.2016-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن شاخلىتىپ سېتىش پائالىيىتىگە تەشكىللەش،رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بىرىلگەن.

5. جاۋاپكار ماXX،ئايال،1969-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى:XXXXX6528011969،ئۇيغۇر،چالا ساۋات،مۇقىم خىزمىتى يوق،ئىلگىرى جازالانمىغان، نوپۇس تۇرۇشلۇق جايى:كورلا شەھىرى XX يولى XX- كوچا XX-بىنا XX-ئىشىك XX-نۇمۇر. تۇتۇلۇشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق جايى: كورلا شەھىرى XX يول XX- رايۇن XX- بىنا XX- ئىشك XX-نۇمۇر.2016-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن شاخلىتىپ سېتىش پائالىيىتىگە تەشكىللەش،رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان.2016-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۇنى مەھكىمىمىز شاخلىتىپ سېتىش پائالىيىتىگە تەشكىللەش،رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان.ئەتىسى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

 6.جاۋاپكار باXX،ئايال،1968-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى:XXXXX6528011968 ،ئۇيغۇر،تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،ئىشچى،ئىلگىرى جازالانمىغان،نوپۇس تۇرۇشلۇق جايى:كورلا شەھىرى XX يولى XX-قۇرۇ XX-بىنا XX-ئىشىك XX-ئۆي.تۇتۇلۇشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق جايى: كورلا شەھىرى XX بىناسى XX-قەۋەت XX-ئۆي.2016-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن شاخلىتىپ سېتىش پائالىيىتىگە تەشكىللەش،رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان.2016-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۇنى مەھكىمىمىز شاخلىتىپ سېتىش پائالىيىتىگە تەشكىللەش،رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان.ئەتىسى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

    كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بۇ دىلۇنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2017- يىلى1-ئاينىڭ 23-كۈنى جاۋابكارلارنى شاخلىتىپ سېتىش پائالىيىتىگە تەشكىللەش،رەھبەرلىك قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان،مەھكىمىمىز دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن،شۇ كۈنى جاۋابكارلارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق،جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ بارلىق دىلۇ ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۈرۈپ،ئىككى قىتىم ج خ ئىدرىسىنىڭ تۇلۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇرۇپ،ئارلىقتا تەكشۇرۇپ ئەيىپلەش ۋاقتىنى 15كۇن ئۇزارتىپ ،دىلۇ پاكىتىنى ئېنىقلىدۇق . 

قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە : 

2011-يىلى يىل ئاخىرىدا،جاۋاپكار جاۋXX،ياڭXX(ئايرىم بىرتەرەپ قىلىنىدۇ)نىڭ تۇنۇشتۇرىشى ئارقىسىدا،خۇنەن XX بىئو پەن تىخنىكا شىركىتىنىڭ «XX قارا چاي»غا ئەزا بۇلۇپ كىرگەندىن كىيىن،جاۋاپكار جاڭ XXغا« XX شىركىتى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ XX ناھىيىسىدا بۇلۇپ،بۇ يەر چاي ئۆستۈرىلىدىغان ئەڭ ياخشى جاي،خۇنەندىكى دېھقانلار چايلىرىنى ساتالماپتۇ،دېھقانلارنى نامراتلىقدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن چاي سېتىۋىلىش بىر ساۋاپلىق ئىش،15600 يۈەن تاپشۇرسىڭىز XX قارا چېيىنىڭ ئەزاسى بولالايسىز،ئەزا بولغاندىن كىيىن، ئىستىمالچى بولسىڭىزمۇ،تىجارەتچى بولسىڭىزمۇ بولىدۇ،ئۆزىڭىز تاللايسىز،ئەگەر تىجارەتچى بولسىڭىز،دىھقانلارغا چۇقۇم ئىككى ئىستىمالچى تۇنۇشتۇرۇشىڭىز كېرەك،باشقىلارنى تۇنۇشتۇرۇپ ئەزا تەرەققى قىلدۇرغاندىلا ئاندىن پۇل تاپالايسىز » دەپ تۇنۇشتۇرغان،جاڭ XX بۇ گەپنى ئاڭلاپ،15600 يۈەن تاپشۇرۇپ،« XX قارا چېيى» شاخلىتىپ سېتىش تەشكىلىنىڭ ئەزاسى بولغان.جاۋاپكار جاڭXX ئەزا بولغاندىن كىيىن،جاۋاپكارجاۋXX ئۇنىڭغا داۋاملىق ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇشىنى،ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇش ۋەزىپىىسنى ئورۇندىغاندىلا ئاندىن 110 مىڭ يۈەن پايدا ئالالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.جاۋاپكار جاۋXX يەنە جاڭXX،ۋاڭ XX،ۋۇXXقاتارلىقلارنى ئوخشاش ئۇسۇلدا قىزىقتۇرۇپ ئەزا قىلغان.

 جاۋاپكار جاڭ XX « XX قارا چېيى» شاخلىتىپ سېتىش تەشكىلىنىڭ ئەزاسى بولغاندىن كىيىن، 2012-يىلى يىل ئاخىرىدا،قاراشەھەر ناھىيە XX يېزىسىدا جاۋاپكار ئاXX بىلەن تۇنۇشۇپ،ئۇنىڭغا « XX قارا چېيى»نىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ،ئەزابولغاندىلا سېتىۋالغىلى بولدىغانلىقىنى،ئەزا بۇلۇش ئۇچۇن چۇقۇم 15600يۇەن  ئەزالىق پۇلى تاپشۇرىشى،ئەزا بولۇپ كىرگەندىن كىيىن ئاندىن يىڭى ئەزا تۇنۇشتۇرۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولدىغانلىقىنى، يىڭى ئەزا تەرەققى قىلدۇرغاندىلا ئاندىن 110مىڭ يۇەندىن مۇكاپات ئالالايدىغانلىقىنى ئىيتقان.ھەم جاۋاپكار ئاXXنى جاۋاپكار جاۋXX،ياڭXX بىلەن كۆرۇشتۇرگەن.ياڭXX بىلەن جاۋاپكار جاۋXX جاۋاپكار ئاXXغا«XX قارا چېيى» شاخلىتىپ سېتىش تەشكىلىنىڭ پايدا ئېلىش ئۇسۇلىنى چۇشەندۇرگەندىن كىيىن،جاۋاپكار ئاXX توردا تىزىملىتىش ئارقىلىق « XX قارا چېيى» شاخلىتىپ سېتىش تەشكىلىنىڭ ئەزاسى بولغان.جاۋاپكار ئاXX ئەزا بۇلۇپ كىرگەندىن كىيىن باشقىلارغا «XX قارا چېيى»نىڭ پايدىلىق تەرىپى،ئىقتىسادى قۇرۇلمىسىى،پايدا ئېلىش ئۇسۇلىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق جاۋاپكار خاXXنى ئەزا قىلغان. جاۋاپكار خاXX جاۋاپكار ماXXنى،جاۋاپكار ماXX جاۋاپكار باXXنى ئەزا قىلغان.جاۋاپكار باXX ئوخشاش ئۇسۇلدا ئەزا تەرەققى قىلدۇرغان.بۇ جەريانىدا ئەزا پۇلى 20000يۇەنگە ئۆسكەن.

بۇ جەرياندا،جاۋاپكار ئاXX كورلا شەھەر XX رېستۇرانىدا ئادەم توپلاپ،يىغىلىش ئۆتكۈزگەن.يىغىلىشتا ياXX،جاۋاپكار جاۋXX،جاڭXX،ئاXX قاتارلىقلار «XX قارا چېيى»نىڭ پايدىلىق رولىنى چۇشەندۇرۇپ،ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇش ئەندىزىسى، شۇنداقلا پايدا ئېلىش ئۇسۇلىنى تەشۋىق قىلغان.ھەمدە ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ 110مىڭ يۇەن مۇكاپات ئالغاندىن كىيىن ئەزا تەرەققى قىلدۇرغان ئادەم سانىنىڭ ئاز كۆپلىكىگە ئاساسەن ئالتۇن دىرىكتۇر،قىزىل ياقۇت دىرىكتۇر،يىشىل ياقۇت دىرىكتۇر،ئالماس دىرىكتۇر،پەخرى لىدىر،ئىناۋەتلىك لىدىر دەرىجىسىگە چىقپ،دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن يىڭى تەرەققى قىلغان ئەزالاردىن 2%-7% گىچە ئوخشاش بولمىغان پايدىغا ئېرىشىدۇ، دەپ باشقىلارنى ئەزا بۇلۇشقا قىزىقتۇرغان. 

جاۋاپكار خاXX «XX قارا چاي» شاخلىتىش سېتىش تەشكىلىگە ئەزا بولغاندىن كىيىن، تېخىمۇ كۆپ ئەزا قۇبۇل قىلىش ئۈچۈن، بۇگۇر ناھىيە XX يېزىسىدا يىغىلىش ئۆتكۇزگەن.يىغىلىشتا ياXX،جاۋاپكار جاۋXX،جاڭXX،ئاXX،ماXX قاتارلىقلار سۆز قىلىپ «XX قارا چېيى»نىڭ پايدىلىق تەرىپى،پايدا ئېلىش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرغان.جاۋاپكار ئاXX ئۆزىنى ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇپ،كۆپ پايدىغا ئېرىشتۇرۇپ تۇرمۇشنى ياخشىلاتقان ئۇستىدىكى ئەزالارغا رەھمىتىنى بىلدۇرگەن.ياڭXX،جاۋاپكار جاۋXX،جاڭXX سەھنىگە چىقىپ،XX شىركىتى قانۇنلۇق شىركەت، «XX قارا چېيى»نىڭ قان بېسىم ،قاندىكى ماي ،قاندىكى شېكەرنى چۈشۈرۈش قاتارلىق رولىنىڭ بارلىقىنى، ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇغاندا پۇل تاپقىلى بولدىغانلىقىنى سۆزلەپ،باشقىلارنى ئەزا بۇلۇشقا قىزىقتۇرغان.

جاۋاپكار ئاXX،خاXX،ماXX،باXX قاتارلىقلار تېخىمۇ كۆپ ئەزا قۇبۇل قىلىش ئۈچۈن ،كورلا شەھەر XX مېھمانخانىسىدا يىغىلىش ئۆتكۇزۇپ «XX قارا چېيى» پايدىلىق تەرىپى ۋە پايدا ئېلىش ئۇسۇلىنى چۇشەندۇرۇپ،ئاستىدىكى ئەزالارنىڭ ئۇستىدىكى ئەزالارغا رەھمىتىنى بىلدۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق باشقىلارنى ئەزا بۇلۇشقا قىزىقتۇرغان.جاۋاپكارلار يۇقارقى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاكتىپلىق بىلەن ئەزا تەرەققى قىلدۇرغان.جاۋاپكار جاۋXX جەمئى 169 نەپەر ئادەمنىڭ3720000 يۈەن پۇلىنىڭ ئالدىنىپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولغان،تىزىلىش قەۋەت سانى 11قەۋەتكە يەتكەن، جاۋاپكار جاڭXX جەمئى 165 نەپەر ئادەمنىڭ 3648729يۈەن پۇلىنىڭ ئالدىنىپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولغان،تىزىلىش قەۋەت سانى10قەۋەتكە يەتكەن،جاۋاپكار ئاXX جەمئى 164نەپەر ئادەمنىڭ 3633120يۈەن پۇلىنىڭ ئالدىنىپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولغان،تىزىلىش قەۋەت سانى 9قەۋەتكە يەتكەن،جاۋاپكار خاXX جەمئى 131 نەپەر ئادەمنىڭ 2860320يۈەن پۇلىنىڭ ئالدىنىپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولغان،تىزىلىش قەۋەت سانى8قەۋەتكە يەتكەن،جاۋاپكار ماXX جەمئى 98نەپەر ئادەمنىڭ 2069720يۈەن پۇلىنىڭ ئالدىنىپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولغان،تىزىلىش قەۋەت سانى 7قەۋەتكە يەتكەن، جاۋاپكار باXX جەمئى 38 نەپەر ئادەمنىڭ 860000يۈەن پۇلىنىڭ ئالدىنىپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولغان،تىزىلىش قەۋەت سانى4قەۋەتكە يەتكەن.

جاۋابكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى : ماددى ئىسپات،يازما ئىسپات،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى،باھالاشنامە،تۇنۇتۇش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .  

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋابكار جاۋXX،جاڭXX،ئاXX،خاXX،ماXX،باXXلارنىڭ قانۇنسىز پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ،قارا چايدىن ئىبارەت تاۋارنى ۋاستە قىلىپ،ئاكتىپلىق بىلەن تەشۋىق،دەرس سۆزلەپ،قاتناشقۇچىلارنى قارا چاينى سېتىۋىلىش ئارقىلىق قېتىلىش سالاھىيىتىنى ھازىرلاشنى تەلەپ قىلىپ،بىۋاستە ياكى ۋاستلىك ھالدا ئادەم سانىنى زورايتىشنى ھەق ھېسابلاشنىڭ 

ئاساسى قىلىپ،قاتناشقۇچىلارنى ئەزا كۆپەيتىشكە قىزىقتۇرۇپ،پۇل مالنى ئالداپ،ئىقتىسادى جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، جاۋXX جەمئى 169 نەپەر ئادەمنىڭ3720000 يۈەن پۇلىنىڭ ئالدىنىپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولغان،تىزىلىش قەۋەت سانى 11قەۋەتكە يەتكەن،جاۋاپكار جاڭXX جەمئى 165 نەپەر ئادەمنىڭ 3648729يۈەن پۇلىنىڭ ئالدىنىپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولغان،تىزىلىش قەۋەت سانى10قەۋەتكە يەتكەن،جاۋاپكار ئاXX جەمئى 164نەپەر ئادەمنىڭ 3633120يۈەن پۇلىنىڭ ئالدىنىپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولغان،تىزىلىش قەۋەت سانى 9قەۋەتكە يەتكەن،جاۋاپكار خاXX جەمئى 131 نەپەر ئادەمنىڭ 2860320يۈەن پۇلىنىڭ ئالدىنىپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولغان،تىزىلىش قەۋەت سانى8قەۋەتكە يەتكەن،جاۋاپكار ماXX جەمئى 98نەپەر ئادەمنىڭ 2069720يۈەن پۇلىنىڭ ئالدىنىپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولغان،تىزىلىش قەۋەت سانى 7قەۋەتكە يەتكەن، جاۋاپكار باXX جەمئى 38 نەپەر ئادەمنىڭ 860000يۈەن پۇلىنىڭ ئالدىنىپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولغان،تىزىلىش قەۋەت سانى4قەۋەتكە يەتكەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ  224-ماددىسى 1-مەزمۇننىڭ 2-تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل - ئىسپاتى تولۇق، شاخلىتىپ سېتىش پائالىيىتىگە تەشكىللەش،رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىغىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار خاXX جىنايەت سادىر قىلغاندىن كىيىن ئۆزىنى مەلۇم قىلغان. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 67–ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن يىنىك ياكى يىنىكلىتىپ جازا بىرىلسە بۇلىدۇ دىگەن شەرتىگە ئۇيغۇن. شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 172-ماددىسىدىكى بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن،جاۋابكار جاXX،جاڭXX،ئاXX،خاXX،ماXX،باXXلارنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن : 

                   

كورلا شەھەرلىك خەلق سوت  مەھكىمىسىگە  

تەپتىش :ھاۋاگۇل توختى

                                       تەپتىش :شى چىڭ جۇن

2016 -يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top