ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۇ ت ج ئى چىقىش [2020] -نۇمۇرلۇق
جاۋابكار xxxx، ئەر، xxxx-يىلى x-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: xxxxxxxx65292219، ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئونسۇ ناھيە xx ئولتۇراق رايۇنى xx-بىنا x-ئىشىك xx-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ئونسۇ ناھيلىك خەلق سوت مەھكىمسى تەرپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلنغان بولۇپ، 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بىرلىگەن. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايەت گۇمانى بىلەن قانۇن بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىنغان. 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئۇنسۇ ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار سxxxx چېتىشلىق زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى دېلوسىنى 2020-يىلى 9–ئاينىڭ 4–كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 5–كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كىلىپ چىقىش ئىھتىماللىغى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇختۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دېلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋابكار دېلونى ئاددى تەرتىپتە قاراپ چىقىشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشمىزچە:
1. جاۋابكار س xxxx 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى م xxxxئىسىملىك بىرەيلەننىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئاقسۇ شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر ئايال (سالاھىيىتى ئېنىق ئەمەس) بىلەن تونۇشۇپ، شۇ ئايالدىن 300 يۈەنگە تەخمىنەن 30 گىرام ئەتراپىدا زەھەر (نەشە) سېتىۋېلىپ ، ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى ئاياق قېپىنىڭ ئىچىگە يۇشۇرۇپ قويغان، 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى تەربىيلەش مەركىزىدىن قايتىپ كېلىپ، ئۆزى يۇشۇرۇپ قويغان زەھەر (نەشە) نى تېپىپ چىققان ھەمدە 2020-يىلى 5-ئاي ئەمگەكچىلەر بايرىمى مەزگىلىدە، جاۋابكار س xxxx ئونسۇ ناھىيە سەي دادۈيدە ئولتۇرۇشلۇق ئە xxxx گە 2 بولاق زەھەر (نەشە) نى ھەر بىر بولىقىنى 100 يۈەندىن 200 يۈەنگە ساتقان، ئە xxxx زەھەر (نەشە) سېتۋالغان پۇلنى قىزىل بولاق شەكىلىدە ئۈندىدار ئارقلىق جاۋابكار س xxxx غا بەرگەن.
2. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتراپىدا، جاۋابكار س xxxx ئونسۇ ناھىيە xx ئولتۇراق رايۇنى xx-بىنا x-ئىشىك xxx-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ر xxxxغا ئىككى بولاق زەھەر (نەشە) نى ھەر بىر بولىقىنى 100 يۈەندىن 200 يۈەنگە ساتقان. رxxxx زەھەر (نەشە) سېتۋالغان پۇلنى قىزىل بولاق شەكىلىدە ئۈندىدار ئارقلىق جاۋابكار س xxxx غا بەرگەن.
3. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەتراپىدا، جاۋابكار س xxxx ر xxxx غا بىر بولاق زەھەر (نەشە) نى 100 يۈەنگە ساتقان. ر xxxx زەھەر (نەشە) سېتۋالغان پۇلنى قىزىل بولاق شەكىلىدە ئۈندىدار ئارقلىق جاۋابكار سxxxx غا بەرگەن.
4. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، جاۋابكار سxxxx ئونسۇ ناھيە ھەر بىر بولىقىنى 100 يۈەندىن جەمئىي بىر بولاق زەھەر (نەشە) نى ئەxxx گە سېتىپ بەرگەن. ئەxxx پۇلنى ئۈندىداردا قىزىل بولاق شەكىلىدە جاۋابكار س xxxx غا ئېتىپ بەرگەن.
5. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ باشلىرىدا جاۋابكار سxxxx ھەر بىر بولىقىنى 100 يۈەندىن بىر بولاق زەھەر (نەشە) نى رxxxx غا سېتىپ بەرگەن.
6. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى جاۋابكار سxxxx ھەر بىر بولىقىنى 100 يۈەندىن بىر بولاق زەھەر (نەشە) نى ئەxxxxگە 100 يۈەنگە سېتىپ بەرگەن، ئەxxxx پۇلنى ئۈندىداردا قىزىل بولاق شەكىلىدە جاۋابكار سxxxx غا ئېىتپ بەرگەن.
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 21 دىن 15 مىنۇت ئەتراپىدا، ئونسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېتكا چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىلىرى ئونسۇ ناھىيە xxxx يولى xxxx شىركىتىنىڭ قارشى تەرپىدىكى يول ئۈستىدە باشقىلارغا زەھەر (نەشە) ساتماقچى بولغان جاۋابكار سxxxx نى تۇتۇپ، ماشىنىسىنى ئاختۇرۇش ئارقىلىق سxx xxنىڭ ماشىنىسنىڭ ئىچىدىكى شوپۇر بىلەن قۇشۇمچە شوپۇر ئولتۇرىدىغان ئورۇننىڭ ئوتتۇرسىدىكى جەينەك قويىدىغان كىچىك ساندۇقنىڭ ئىچىدىن سۇلياۋ خالتىغا ئورالغان كىچىك ئۈچ بولاق قوڭۇر رەڭلىك ئۇنسىمان گۇمانلىق بۇيۇمنى (ئومومى ئېغىرلىقى 4.82 گىرام) قولغا چۈشۈرگەن. شۇ كۈنى جاۋابكار سxxxx نىڭ xx ئولتۇراق رايۇنى x-بىنا xx-ئىشىك xx-نومۇرلۇق ئۆيىنى ئاختۇرۇش ئارقىلىق جاۋابكار سxxxx نىڭ ئۆيىدىكى ياتاق ئۆينىڭ ئىچىدىكى كارۋاتنىڭ ئاستىدىكى قىزىل رەڭلىك ئاياق قېپىنىڭ ئىچىگە، سۇلياۋ خالتىغا ئوراپ تىقىپ قويغان بىر بولاق قوڭۇر رەڭلىك ئۇنسىمان گۇمانلىق بۇيۇم (ئومومى ئېغىرلىقى 13.24 گىرام) نى قولغا چۈشۈرگەن. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دىلو بىجىرگۈچىلىرى قولغا چۈشۈرگەن قوڭۇر رەڭلىك ئۇنسىمان گۇمانلىق بۇيۇمدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپاتلارنى باھالاش ئورنىغا ئاپىرىپ باھالاش ئېلىپ بارغان بۇلۇپ، باھالاش پىكىرى بولسا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپات باھالاش ئورنىنىڭ تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا ئەۋرىشكە ئېلىپ ئەكەلگەن گۇمانلىق بۇيۇمنىڭ تەركىبىدە زەھەر (نەشە) بار دەپ بېكىتىلگەن.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راسىت، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىگىدىن گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار سxxxxنىڭ قانۇنسىز پايدا ئېلىش مەقسىتىدە زەھەر ئېلىپ-ساتقان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 347-ماددا بەلگۈلمىسىگە خىلاپ بولۇپ قىلمىشىدىن زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ھەم راسىت، جاۋابكارنى زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۈرۈر. جاۋابكار گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن يىنىكلىتىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. زەھەر ئېلىپ سېتىش جىنايەتلىرىنى جازالاش ئۈچۈن، جاۋابكار س xxxx غا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» 67-ماددا 3-تارماق، 347-ماددا بەلگۈلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۈرۈر. شوڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئۇنسۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: پاتىگۈل ياسىن
پۈتۈكچى: تاھىرجان تۇنياز
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى
【قۇشۇمچە】: (1) جاۋابكار xxxx ئائىلىسىدە كېپىلدە. (2) بىر توپلام دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل-ئىسپاتلار. (3) «گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخىتى» بىر نۇسخا (4) «جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى» بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论