欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(赛某某盗窃案)

2021-09-24 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                           

 ئا ش ت ئەيىبلەش (2020) 152-نۇمۇرلۇق

    ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار سەxx، ئەر، ئۇيغۇر، 58 ياش، كىملىك نۇمۇرى: xxxxxxxx6529011961، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر xx يېزا xx- كەنىت xx- گۇرۇپ xx- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن .

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى (2020) 567-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ،جاۋابكارغا ھوقۇق- مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى، ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار سەxx 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 14:00 لەر ئەتراپىدا زىيانلانغۇچى ياxx ھەمدە زىيانلانغۇچى ياxxىنىڭ بىرنەچچە دوسلىرى بىلەن بىللە xx بازىرى xxرايوننىڭ ئالدىدىكى دۇكانغا كىرىپ ھاراق ئىچكەن، سورۇن ئارلىقىدا زىيانلانغۇچى ياxx سورۇندىكىلەرگە «توكسكلىتىمنى يولنىڭ بويىدىكى كىچىك باغچىنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويدۇم»دېگەن. سائەت 18:00 لەر ئەتراپىدا جاۋابكار سەxx سورۇندىن چىقىپ ئۆيىگە قايتىش يولىدا، زىيانلانغۇچى ياxxىنىڭ «توكسكلىتىمنى يولنىڭ بويىدىكى كىچىك باغچىنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويدۇم»دېگەن گېپىنى ئېسىگە ئېلىپ، زىيانلانغۇچى ياxx توكسكىلىتىنى توختىتىپ قويغان يەرگە بېرىپ 3465 يۈەن قىممتىدىكى 新电Nxxxx نومۇرلۇق xxماركىلىك xx رەڭلىك ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنى ئۇغۇرلاپ كەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلگەن .

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش خۇلاسىسى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋابكار سەxxنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق. جاۋابكار سەxx جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى، ئۇنىڭ قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن. شۇڭا جاۋابكار سەxxنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 264-ماددا،67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش مۇۋاپىق دەپ قاراپ،«جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق . 

تەپتىش: ھۈسەنجان موللىمىن

2020-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى

ئىزاھات:

1. جاۋابكار ئائىلىسىدە كىپىلدە .

 2 . 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، بىر  توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top