乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕579号
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىبلەش (2020) -نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار سەيxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xx. ئۇچتۇرپان ناھىيە xx يېزا xx-كەنىت xx-مەھەللە xx-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، كەسپى دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020–يىلى 7–ئاينىڭ 15–كۈنى ئوغرىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار سەيxxنىڭ ئوغرىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار سەيxx 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاقسۇغا ئىشلەمچىلىك قىلىغىلى كىرىپ ياتاقتا يېتىش جەرياندا، تېلفۇنى ئارقىلىق توردا قىمار ئويناپ يېنىدىكى پۇلنى ئۇتتۇرۋەتكەن، ئاندىن خوشنىسى يەنى زىيانلانغۇچى ئۆxxنىڭ چىقىمداندىكى پۇلنى ئوغۇرلاش نىيىتىگە كىلىپ، ئۆزىنىڭ تېلفۇنىدا ئۆxxنىڭ چىقىمداننى ئېچىپ، ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ جەمئى توققۇز قېتىمدا زىيانلانغۇچى ئۆxxنىڭ 7849.00 يۈەن (يەتتە مىڭ سەككىز يۈز قىرىق توققۇز يۈەن) پۇلىنى ئوغرىلاپ، تېلفۇنى ئارقىلىق توردا قىمار ئويناپ ئۇتتۇرۋەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كېين زىيان تولۇق ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتلار ماددى ئىسپات، يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار سەيxx يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەم ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار سەيxxنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقتىسىدە پۇقرالانىڭ مال-مۈلكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللنىدۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسسدىكى بەلگىلىمىگە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. لىكىن جاۋابكارغا جازا ئۆلچىگەندە جاۋابكارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، تۆۋە قىلىش ئىپادىسىنىڭ بارلىقى، زىياننى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىگى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىشقا بۇلىدۇ. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن
پۈتۈكچى: گۈلجامال ئابدۇقادىر
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى
ئىزاھات: (1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە. xx
(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论