乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕XX号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020)XX –نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار سXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى XXXX، XX ناھىيەسىدىن، كاپالەتچىگە بېرىلىشتىن ئىلگىرى XX ناھيە XX يېزا XX-كەنىت XX-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسپى دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەۋپلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار سXXنىڭ خەۋىپلىك ھەيىدەش جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى يەتكۈزۈپ، جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، جاۋاپكار بۇ دېلونى تېز سوت قىلىش تەرتىپىنى قوللۇنۇپ سوتلاشقا قۇشۇلدى.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتكەن پاكىت
جاۋابكار سXX 2019-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى سائەت 20:00 لەر ئەتىراپىدا ئاغىنىسى تXX بىلەن XX يېزا XX-كەنت كومىتىتى ئالدىدىكى ھاراق دۇكىنىدا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، شۇكۈنى سائەت 21:30 لەر ئەتراپىدا دۇكاندىن چىقىپ ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن دۇكاننىڭ ئالدىغا توختىىتپ قويغان تXXنىڭ موتوسىكىلىتىنى مىنىپ كەينىگە تXXنى مىندۈرۈپ ھەيدەپ ماڭغاندا، شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان XX يېزا XX-كەنىت ساقچى ئىشخانىسىدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن ھاراق ئىچىپ موتوسىكىلىت ھەيدىگەنلىكى بايقالغان. جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى بۇيۇملارنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنى «سXXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئالىكوگۇل مىقدارى 208.59مىللىگىرام دەپ (2019) 6190-نومۇرلۇق ئەدىليىلىك باھالاش يەكۈنى چىقارغان.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار سXX مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار سXXنىڭ ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىدىكى خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە دۆلەتنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تەرتىۋىنىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارغا قىلمىشىنى تولۇق تۇنۇش، تۆۋە قىلىش ئىپادىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىپ، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىسلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىسلار قانۇنى» 15-ماددىسدىكى بەلگىلىمىسگە ئاساسەن جاۋاپكار سXXگە تۆت ئاي ئون كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە ئىشتىراپ قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: ئايشەمگۈل ئابدۇسەمەت
پۈتۈكچى: ئادىلجان ئابلىتىپ
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى
ئىزاھات: (1) 13 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە، ئالاقىلىشىش تېلىفون نومىرى: XXXX
(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论