温宿县人民检察院
起 诉 书
温宿县检一部刑诉〔2020〕620号
ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئو ت ج ئى چىقىش ( 2020) -نومۇرلۇق
جاۋابكار xxxx، ئەر، ئۇيغۇر،xxxx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان،كىمىلىك نومۇرى:xxxxxxx65292219، دېھقان، تولۇقسىز ئوتتورا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئونسۇ ناھىيە xx بازىرى xx كەنت x-مەھەللە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. ئونسۇ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى بىرتەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بېرىلگەن.
ئونسۇ ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار سxxxxنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى بىلەن 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىز دىلونى قوبول قىلغاندىن كېيىن، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تونۇپ، قىلمىشنى ئىقرا قىلسا كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنىي ئاقىۋېتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دېلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق.جاۋابكار تېز تەرتىپتە سوتلاشقا قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار سxxxx 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 16لار ئەتىراپىدا، ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە 新Nxxxxنومۇرلۇق زۇڭشىن ماركىلىق،قىزىل رەڭلىك، ئىككى چاقلىق موتوسىكلىتنى ھەيدەپ، ئونسۇ ناھىيە xxxx بازىرى xxxx كەنت x-مەھەللە يول بۆلىكىدە كىتىۋاتقاندا، شۇ يول بۆلىكىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترەت ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان.
شىنجاڭ خۇۋاتوڭ ئەدلىيلىك باھالاش مەركىزىنىڭ باھالاش پىكىرنامىسدە جاۋابكار سxxxxىڭ قاندىكى ئىسپىرىت تەركىبى mg/100ml271.44 دەپ يەكۈن چىقرىلغان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلنىڭ گۇۋالىقى،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلۇنۇش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئۇيغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن گۇناھىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزمۇنداق قارايدۇ : جاۋابكار سxxxxىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بولۇپ، قىلمىشدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.
دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل -ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، جاۋابكارنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر. جاۋاپكار گۇناھىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسى، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددا بەلگىلمىسگە ئاساسەن يېنىكلىتىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بۇلىدۇ. قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلشى ئۈچۈن، جاۋابكار سxxxxنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقى بەلگۈلىمە بويىچە جازا بېرىش زۆرۈر. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش :پاتىگۈل ياسىن
پۈتۈكچى: تاھىر تۇنىياز
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، 3 نۇسقا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى،بىر نۇسقا تېز تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامسى، بىر نۇسقا دەلىل ئىسپات تىزىسى ،بىرنۇسقا جىنايىتنى تۇنۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى،بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋابكار سxxxxھازىرئائىلىسىدەكېپىلدە، ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نومېرى: xxxxxx151
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论