欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(麦某某诈骗案)(自然人犯罪案件)(公开版)

2021-09-24 尘埃 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

ئۈ ش ت ت 1-بۆلۇم ج ئە چىقىش (2020) 13–نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

جاۋاپكار مە**، ئەر، ئۇيغۇر 1997-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6531221997. ئالىي تىخنكۇم مەلۇماتلىق، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: **ناھيىسى ** يىزىسى **كەنىت **-مەھەللە **-نومۇرلۇق ئۆيدە، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: **شەھەرلىك **رايۇنى ** يولى **ئولتۇراق رايۇنى **-بىنا **-ئىشىڭ **-ئۆي. بۇ قېتىم ئالدامچىلىق جىنايىتگە چىتىشلىق دەپ قارىلىپ2019-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلغان. 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق ئالدامچىلق جىنايىتى  بىلەن قولغا ئېلىش تەستىقلانغان، شۇ ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان. 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار مە**نىڭ ئالدامچىلىق دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2019-يىلى 12–ئاينىڭ 20-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋابكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

1.جاۋابكار مە** 2019-يىلى 8-ئاينىڭ بىشىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ما**گە جىفۇباۋدىن ئاسان قەرىز چۈشۈرۈپ بىرىمەن دىگەننى باھانە قىلىپ زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىنىڭ 49000يۈەن پۇلنى ئالداپ ئىلۋالغان، پۇلنى خەجلەپ  تۈگەتكەن.

2. جاۋابكار مە**2019-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى  زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئى**غا ئۆزىنى  ئۆي مۈلۈك شىركىتىدە ئىشلەيمەن دەپ  بەخىت يولى ئولتۇراق رايۇنىدىن ئۆي ئېلىپ بېرىمەن ئالدىن زاكالەت پۇلى تاپشۇرسىز دەپ  10مىڭ يۈەن پۇلنى ئالداپ ئىلۋالغان، پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن.

3. جاۋابكار مە** 2019-يىلى 8-ئاينىڭ بىشىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بۇ**غا ئۆزىنى  ئۆي مۈلۈك شىركىتىدە ئىشلەيمەن دەپ  خەلق يولىدىكى بىر ئۆينى ئىلىپ بىرىمەن پۇلىڭىزنىڭ يەتمىگەن قىسمىنى شىركەت قەرىز ئىلىپ بىرىدۇ دىگەننى باھانە قىلىپ   29مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئىلىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. 

جاۋابكار 3قېتىمدا باشقىلارنىڭ جەمئى 88مىڭ يۇەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان بولۇپ دىلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكارنىڭ ئائىلە تاۋاباتى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بارلىق ئىقتىسادى زىيىنىنى تۆلەپ بەرگەن. 

جاۋابكار مە** 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى تىيانشان رايونلۇق جىنايى ئىشلار ئەترىتىگە چاقىرتىلغان.

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. يازما ئىسپات: جاۋابكار مە**نىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، 

2. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانى: زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ما**، ئى**، بۇ**ارنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتىرىيالى ۋە گەپ سوراش خاتىرىسى؛

3. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى: جاۋابكار مە**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

4. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى، بانكا تالۇنلىرى ،ئۇندىدار خاتىرىسى، پۇل قايتۇرغانلىق ھۆججەت.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار مە**نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ ،باشقىلارنىڭ سوممىسى زور مىقداردىكى پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

                                 تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن    

                     تەپتىش ياردەمچىسى: مەردان ھۈسەنجان 

2020–يىلى 1–ئاينىڭ 10–كۈنى

ئەسكەرتىش:

1. جاۋابكار مە** ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قامخانىدا قاماقتا؛

2.​ 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش دىلو ماتىرىيالى 2 توپلام بىرگە يوللاندى.

3.​ ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش تەكلىپى ۋە جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.

4.جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top