欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(麦某某涉嫌故意毁坏财物案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-19 尘埃 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕XX号 

 

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ                                       ئەيىبنامىسى 

ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020)XX–نومۇرلۇق 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار مXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نومۇرى XXXX، XX ناھىيە XX بازىرى XX كەنىت XX-مەھەللە XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن مال-مۈلۈكنى قەستەن ۋەيران قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار مXXنىڭ مال-مۈلۈكنى قەستەن ۋەيران قىلىش جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى يەتكۈزۈپ، جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق.

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

جاۋابكار مXX 2019-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى سائەت 23:00 ئەتراپىدا، ئۆزىنىڭ XX ناھىيە XX بازىرى XX-كەنىت XX-مەھەللىدىكى خامانلىقىدا، زىيانلانغۇچى قXXنىڭ 7000 يۈەن قىممىتىدىكى بىر تۇياق موزىيي بىلەن ئۆزىنىڭ كالىسىنىڭ«يېيىپ قويغان قۇنىقى» نى يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، موزاي بىلەن كالىنى ئۆيىگە ھەيدەپ ئەكىلىپ قوتىنىغا سولاپ قويغان. ئەتىسى يەنى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 12 ئەتراپىدا جاۋابكار مXX قۇنىقىنى زىيانلانغۇچى قXXنىڭ موزىينىڭ يەپ كەتكەنلىكىگە قورسىقى كۈپۈپ، يۇقارقى موزاينى ئۆيىنىڭ كەينىدىكى كالا قوتىنىنىڭ ئىچىدە، چادۇ بىلەن بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈپ گۆشى، تېرىسى ۋە كاللا-پاچىقىنى ئوغۇت خالتىسىغا قاچىلاپ، ئۆزىنىڭ خامانلىقىغا ئاپىرىپ تاشلىۋەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكار زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بەرگەن. 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك باھا بېكىتىش ئىدارىسىنىڭ (2019)XX-نومۇرلۇق باھالاش دوكلاتىدا «جاۋابكار مXX ئۆلتۈرۈپ تاشلىۋەتكەن موزاينىڭ قىممىتىنى 7000 يۈەن» دەپ باھالاپ بىكىتكەن. 

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار XX يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەم ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار مXXنىڭ ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە پۇقرالارنىڭ مال-مۈلىكىنى قەستەن بۇزىۋەتكەن قىلمىشىدىن مال-مۈلۈكنى قەستەن ۋەيران قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈككە بولغان ئىگىدارلىق ھوقوقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جاۋابكارغا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 275-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تېگشلىك، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، مال-مۈلۈكنى قەستەن ۋەيران قىلىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: ئايشەمگۈل ئابدۇسەمەت

پۈتۈكچى: ئادىلجان ئابلىتىپ

2020-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىپنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە، ئالاقىلىشىش تېلىفون نومۇرى XXXX

(3) دېلوغا چېتىشلىق بولغان بىر دانە چادو دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

 (4) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top