欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(雪某某涉嫌贩卖毒品案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-20 尘埃 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检公诉刑诉〔2019〕XX号 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2019) XX-نومۇرلۇق

 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار شXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى XXXX، XX شەھىرىدىن، XX شەھىرى XX يولى XX-نومۇر XX-كورپۇس XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى زەھەرلىك چىكىملىك (ناتاشا)ئېلىپ سېتىش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇرار جايىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.   

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار شXXنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق.

  مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت

2018-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرى جاۋابكار شXXكە تايىر( سالاھىيتى ئېنىق ئەمەس) كىچىك ئاق رەڭلىك سۇلياۋ خالتىغا قاچىلانغان ئىككى بولاق زەھەرلىك چىكىملىك ( ناتاشا)نى بېرىپ چىكىپ كۆرۈپ بېقىشنى دىگەن، جاۋابكار شXX زەھەرلىك چىكملىك (ناتاشا)نى رXXغا بېرىپ چىكىپ كۆرۈپ بېقىشنى، لازىم بولسا ئىزدەشنى دىگەن، 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى جاۋابكار شXX زەھەرلىك چىكملىك (ناتاشا)نى سېتىپ پايدا تېپىش مەقسىتىدە تXX ( سالاھىتى ئېنىق ئەمەس) بىلەن ئالاقىلشىپ زەھەرلىك چىكملىك ( ناتاشا) ئالىدىغانلىقىنى دىگەندىن كېيىن، تXX ( سالاھىتى ئېنىق ئەمەس) ئۆزىنىڭ ماشىنسى بىلەن XX شەھەر غەربى چوڭ كوچا مەمۇرى مەھكىمە ئائىلىكلەر قورۇسنىڭ ئالدىغا كىلىپ، ماشىنسنىڭ كەينى ساندۇقىدىن ئالدىن تەييارلاپ قويغان ئاق رەڭلىك سۇلياۋ خالتىغا قاچىلانغان بىر بولاق زەھەرلىك چىكملىك ( ناتاشا)نى 100گىرام، باھاسى 6000.00يۈەن دىگەن، جاۋابكار شXX تXXنىڭ دېگىنى بويىچە 100گىرام زەھەرلىك چىكملىك (ناتاشا)نى 6000.00يۈەنگە دىيشىپ، تXXغا ئالدىن 2000.00يۈەننى بېرىدىغان، قالغىنىنى كېيىن بېرىدىغانغا سودىلشىپ، 2000.00يۈەننى ئۈندىدار ئارقىلىق تXXغا ئەۋەتىپ بەرگەن، تXX جاۋابكار شXXكە 100گىرام زەھەرلىك چىكملىك (ناتاشا) بىلەن زەھەرلىك چىكملىك (ناتاشا) سالىدىغان 300يۈەنلىك، 500يۈەنلىك بولاق خالتىسى بىلەن قۇشۇپ بېرىپ قايتىپ كەتكەن، جاۋابكار شXX زەھەرلىك چىكملىك (ناتاشا)نى ئالغاندىن كېيىن، زەھەرلىك چىكملىك چەككۈچى رXXنى XX شەھەر غەربى چوڭ كۇچا مەمۇرى مەھكىمە ئائىلىكلەر قورۇسى XX-بىنا XX-كورپۇس XX-نۇمۇرلۇق ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان ئۆيگە باشلاپ كىرىپ، 500يۈەنلىك بولاققا قاچىلانغان زەھەرلىك چىكملىك (ناتاشا)دىن تۆت بولاقنى 2000.00يۈەنگە سېتىپ، قالغان زەھەرلىك چىكمىلىك (ناتاشا)نى 500يۈەنلىك بولاقتىن 13 خالتىغا قاچىلاپ سېتىش ئۈچۈن تەييارلاپ پايپاق ئىچىگە سېلىپ ياتاق ئۆيدىكى گىلەمنىڭ ئاستىغا يۇشۇرۇپ قويغان، ئېشىپ قالغىنىنى چوڭ بولاق خالتىسى بىلەن ياتاق ئۆينىڭ ئىشكىنىڭ ئۈستىدىكى ئىشكاپقا يۇشۇرۇپ قويغان، 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى XX ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېتكا چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى كۆز قۇلاقنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن جاۋابكار شXXنى XX شەھەر غەربى چوڭ كوچا مەمۇرى مەھكىمە ئائىلىكلەر قورۇسنىڭ قارشى تەرپىدىكى پىيادىلەر يولىدا قولغا چۈشۈرۈپ، جاۋابكار شXXنىڭ يېندىن 0.1گىرام خىرويىن، XX شەھەر غەربى چوڭ كوچا مەمۇرى مەھكىمە ئائىلىكلەر قورۇسى XX-بىنا XX-كورپۇس XX-نۇمۇرلۇق تۇرالغۇسنى ئاختۇرۇش ئارقىلىق 53.2گىرام زەھەرلىك چېكىملىك (ناتاشا)نى قولغا چۈشۈرگەن.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ماددى ئىسپات باھالاش ئورنىنىڭ (2019)17-نومۇرلۇق باھالاشنامىسىدە « شXXتىن تۇتۇپ قالغان 0.1گىرام بويۇمنى خىروئىن، ئۆيىدىن تەكشۈرۈپ تېپىلغان 52.2 گىرام بويۇمنى زەھەر (ناتاشا)» دەپ يەكۈن چىقارغان.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار شXXنىڭ پايدا تېپىش مەقسىتىدە زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ ساتقان قىلمىشىدىن زەھەرلىك چىكىملىك (ناتاشا) ئېلىپ سېتىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋابكار جىنايەت سادىر قىلغاندىن كېيىن باشقىلارنىڭ قىلمىشىنى پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەن. جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ تىنىچ، مۇقىم بولۇشىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جاۋابكار شXXكە «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 347-ماددا، 68-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بىرىشكە تېگىشلىك، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى. 

    تەپتىش: ئايشەمگۈل ئابدۇسەمەت

پۈتۈكچى: ئادىلجان ئابلىتىپ

2019-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى

ئىزاھات: ( 1 ) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلوسى يوللاندى.

( 2 ) جاۋابكار شXX تۇرار جايىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان، تېلىفۇن نومۇرى XXXX

( 3 ) دېلوغا چېتىشلىق زەھەرلىك چېكىملىك ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدە ساقلاقىلىق.

  

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top