欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(阿某某盗窃案)(公开版)

2021-09-20 尘埃 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

ئۈ ش ت ت 1-ب ج ئە چىقىش (2020) 22–نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار ئا**، ئەر، ئۇيغۇر، 1999-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى **ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6531251999، ئوتتۇرا تېخنىكۇم مۇلۇماتلىق، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئادرىسى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: ** ناھيىسى **كوچىسى **مەھەللىسى **- گۇرۇپ **- نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، شۇ كۈنى جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىز ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جاۋابكارنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئا**ىڭ ئوغرىلىق دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 1 –ئاينىڭ 3-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئېتراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچى ( دىجورنى ئادۇكات ) نىڭ پىكرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2019- يىلى 10- ئاينىڭ 2- كۈنى كەچ سائەت 22 لەردە، جاۋابكار ئا** ،** رايۇنى **يولى ئەتراپىدىكى بىر ئاشخانىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا**نىڭ ئوپپو ماركىلىق، RENO2(128G) تىپلىق يانفۇنىنى ئىشلىتىپ تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئوغرىلىۋالغان. ھەم بۇ يانفۇننى قىز دوستىغا ساتقۇزۇپ، پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتكەن. مال باھا ئىدارىسى دېلوغا چېتىشلىق يانفۇننى 2870.00 يۈەن دەپ باھالىغان. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن، زاڭ مال قايتۇرۇپ كىلىنىپ، ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان.

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانى: زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا**نىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتىرىيالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛

2. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىغى: گۇۋاھچى يا**، مى**لارنىڭ گۇۋاھلىغى؛

3. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى: جاۋابكار ئا**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

5. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى، مال -باھا ئىدارىسىنىڭ باھالاشنامىسى، تۇتۇپ قېلىش ۋە قايتۇرۇش تالۇنى قاتارلىقلار؛

يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ، ھەقىقى، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل- ئىسپاتلارغا قارىتاباشقا پىكرى يوق، ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئېتراپ قىلىشنى خالايدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئا** قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، خۇسۇسىيلارنىڭ كۆپرەك سوممىدىكى مال-مۈلكىنى يوشۇرۇن ئوغۇرلىۋالغان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

تەپتىش: ئايگۈل ئىمىن

تەپتىش ياردەمچىسى: ئابلەت ئابلىز

2020–يىلى 1–ئاينىڭ 15–كۈنى

ئەسكەرتىش:

1. جاۋابكار ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1- قاماقخانىدا قاماقتا؛

2.​ 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە ج خ دېلوسى 2 توپلام بىرگە يوللاندى.

3.​  جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى.

4.​ جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئېتراپ قىلىش كېپىللىك خېتى بىر نۇسخىدىن يوللاندى.

 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top