شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئا ت جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش [2020] 15-نومۇرلۇق
جاۋاپكار ئا**، ئەر ، ئۇيغۇر، 1982-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك گۇۋاھنامە نۇمۇرى: ********6530221982 ، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە،كەسپى: دېھقان،ئىلگىرى جازالانمىغان.
نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى : شىنجاڭ ئاقتۇ ناھيە بازارلىق ھۆكۈمەت يولى **-كەنت**-گورۇپپا ** يولى ***-نۇمۇر.
جاۋاپكار ئا** خەۋپلىك ھەيدەش جىنايى قىلمىشى ئۈچۈن 2020-يىلى1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ئائىلىسگە كىپىلگە بېرىلگەن .
ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى2020-يىلى 1-ئاينىڭ10-كۈنى جاۋاپكار ئا**نىڭ خەۋپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىز دېلونى قوبول قىلغاندىن كىيىن جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق،«جىنايىتىنى تونۇپ جىنايى جازانى قوبول قىلىش »تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق، جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ۋە دىجۇرنى ئاقلىغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق،بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى كۆرۈپ چىقتۇق،جاۋاپكارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن مەزكۇر دېلوغا« تىز ھۆكۈم قىلىش تەرتىۋى» قوللاندۇق.
تەكشۈرۈپ ئېنقلشمزچە :
2019-يىلى12-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 01:20 لەردە جاۋاپكار ئا** مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ئىچىپ ئۆزىنىڭ新P5337Bنۇمۇرلۇق يىنىك تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلىنى ئاقتۇ ناھىيە بازارلىق ھۆكۈمەت5-كەنت تەرەپتىن ئاقتۇ ناھىيە بارىن يېزا تەرەپكە قاراپ ھەيدەپ مىڭىپ ،ئاقتۇ ناھىيە بازارلىق ھۆكۈمەت 5-كەنت چوڭ كۆۋرۈك يول بۆلىكىگىچە خەۋپلىك ھەيدەپ كەلگەندىن كىيىن ، شۇ ئورۇندا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ئاقتۇ ناھىيە ج خ ئىدارىسى شەھەر ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ ،ئا**نى مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن دىگەن گۇمان بىلەن ئاقتۇ ناھىيە ج خ ئىدارىسى 110قوماندانلىق مەركىزىگە دېلو مەلۇم قىلغان،ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتىنىڭ ساقچىلىرى دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ، نەق مەيدانغا بىرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئا**نى مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن دىگەن گۇمان بىلەن ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019)9628-نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش يەكۈنىدە ئا**نىڭ 100شۇ كۈندىكى ھەر يۈز مىللىلىتىر قېنى تەركىۋىدە 216مىللىگىرام {216mg/100ml }ئىسپىرت مىقدارى بار دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل-ئسپاتلار تۆۋەندىكىچە :
1- يازما ئسپات
1- گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى
1- جاۋاپكارنىڭ ئقرارى
1- باھالاش پىكىرى
5- نەق مەيدان سۈرىتى قاتارلىقلار.
مەھكىمىمىز : جاۋاپكار ئا**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريتى جنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133- ماددا 1-بۆلىكىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن خەۋپىلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئالاھىدە ئەيىپلىدۇق،مەھكىمىڭىزلارنىڭ بۇ دېلونى «تېز ھۆكۈم قىلىش تەرتىۋى »بويىچە قاراپ چىقىپ ،جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىغا
ئۈچ ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى بىرىىش،قوشۇمچە 6000يۈەن شىتىراف قويۇشقا تەكلىپ بىرىمىز ، قانۇن بويىچە جازا بېرشڭىزلارنى سورايمىز .
ھۆرمەت بىلەن :
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ئاقتۇ ناھيلىك خەلق
سوت مەھكىمسگە:
تەپتىش : نۇرىمان تۇرسۇن
تەپتىش ياردەمچىسى :ئابدۇسالام ئوبول
2020 يىلى 1- ئاينىڭ 20-كۈنى
ئىزاھات:
1- جاۋاپكار ھازىر ئائلسىدە كېپلدە.
2 -«جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى »،ئەيىپلەشنامىدىن 8 نۇسقا، ج خ دىلوسى بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论