欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(赛某某危险驾驶案)(公开版)_温宿县人民检察院

2021-09-21 尘埃 评论0

温宿县人民检察院 

起 诉 书

温宿县检一部刑诉〔2020〕146号 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                     ئو ت ئەيىبلەش ( 2020) 146 –نۇمۇرلۇق  

    جاۋاپكار سەXX، ئەر ، ئۇيغۇر، XX19-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نومۇرى: XXXXXXXX6529221989 ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىھقان، XXXX ناھىيە XX يېزا XX كەنت XX-مەھەللە XX-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان .خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن  2019-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۇنى تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن. 

    ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار سەXXنى  خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى بىلەن، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان،  مەھكىمىمىز  دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن  جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلغاندا كېلىپ چىقىش ئېھتىمالىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋاپكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۇل دىلو ماتىريالىنى تەكشۇرۇپ كۆردۇق، جاۋاپكار دىلونى  ئاددى تەرتىپتە سوتلاشقا قوشۇلدى .

      قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە:

   جاۋاپكار سەXX 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۇنى، سائەت 16:22 مىنۇتلار ئەتراپىدا، ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە، پىراۋىسىز، نۇمۇر تاختىسى يوق، ئىككى چاقلىق موتىسىكىلىتىنى مىنىپ، XXXX ناھىيە XX بازار XX دەرياسى ئامانلىق تەكشۈرۈش چازىسى يول بۆلىكىدە كىتىۋاتقاندا، توپقان ساقچىخانا ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقالغان.

   ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىىنىڭ  قان ئەۋرىشكىسىنى باھالاش يەكۇنىدە، جاۋاپكار سەXXنىڭ   قان تەركىبىدە 100ml/162.13mgئىسپىرىت مىقدارى بارلىقى ئېنىقلانغان.

     يۇقارقى   پاكىتنى   يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقراى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش خۇلاسىسى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

مەھكىمىمىزنىڭ مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار سەXXنىڭ ھاراق ئىچىپ، مەست ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى شەكىلىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق ھەم راست، قانۇن بويىچە جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىدا «يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى قوغلۇشۇپ ھەيدەپ، قەبىھ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ياكى يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى مەست ھەيدىگەنلەرگە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلدۇ، قۇشۇمچە ئىشتىراف قۇيۇلىدۇ » دەپ بەلگىلەنگەن.

جاۋاپكار سەXXنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، كېپىللىك مەزگىلىدىكى ئىپادىسى ياخشى، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا بەرگەندە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ. قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۇن جاۋاپكار ئوسمان سايىمنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

       ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

                                           تەپتىش: نىجات ئەسقەر             

                                          پۇتۈكچى: شىرزات نۇرمەممەت   

                                       2020-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى

قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 نۇسقا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى ،بىرنۇسقا ئاددى  تەرتىپ  قوللىنىش تەكلىپنامسى، بىر نۇسقا دەلىل  ئىسپات تىزىسى ،بىرنۇسقا  جىنايىتنى تۇنۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى ،بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى  قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى. (2) جاۋابكار سەXX ھازىرئائىلىسىدە، تېلفۇن نۇمۇرى 137XXXXXXXX.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top