欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(莫某某危险驾驶案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-20 尘埃 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕139号 

  ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ                                             ئەيىبنامىسى 

                                                                 ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) 139-نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار مXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX19–يىلى XX–ئاينىڭ XX–كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرىXXXXXXXX 65292719، ئۇچتۇرپان ناھىيە XX يېزا X-كەنىت X-مەھەللدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار مXXنىڭ   خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى دىلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرى ۋە جىنايىتنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلدى.

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

جاۋابكار مXX 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 00:00 ئەتراپىدا ئۇچتۇرپان ناھىيە XX يېزا X-كەنىت كومېتىتى ئەتراپىدىكى ھاراق دۇكىنىدا ئاغىنىسى تۇرسۇن ئالىم بىلەن ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، كەنىت كومېتىتى ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان يېزىنىڭ نامىدىكى چېگرا قوغدىغۇچىلار ئىشلىتىدىغان BFXXXX-乌 نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىنى مەسىت ھەيدەپ مېڭىپ، ئۇچتۇرپان ناھىيە بازىرى يېڭى شەھەر ئولتوراق رايۇنى 5-رايۇندىكى «سىمىز كالا» خوگوخانسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقالغان. 

شىنجاڭ خواتوڭ قاتناش ھادىسسى بۇيۇملىرىنى ئەدىلىيىلىك باھالاش ئورنى (2019) 5064-نومۇرلۇق ئەدىلىيىلىك باھالاشنامىسىدا «مXXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرىتنىڭ مىقدارى 238.86 مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقارغان. 

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىبى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ، جاۋابكار م  XXيۇقارقى قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار مXXنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش تىرانسىفورىت قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق. «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، جاۋابكارغا جىنايىتىنى تولۇق تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، قاندىكى ئىسپىرىتنىڭ مىقدارى، قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن يول بۈلىكى ۋە مۇساپە، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى ۋە خەۋىپى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىش ۋە ئىشتىراپ قۇيۇش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

مۇئاۋىن باش  تەپتىش: ئەكبەرجان ئابلەت

مۇۋەققەت تەپتىش: ياقۇپجان ئىمام

2020يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى

ئىزاھات:  (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلوسى يوللاندى.

              (2) جاۋابكار كاپالەتچىگە بېرىلگەن، ئالاقىلىشىش نومۇرى: 181XXXXXXXX .    

      (3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسدىىن بىر نۇسقا يوللاندى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top