温宿县人民检察院
起 诉 书
温宿县检一部刑诉〔2020〕322号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئو ت ئەيىبلەش ( 2020)-نۇمۇرلۇق
جاۋاپكارسXX ، ئەر ، ئۇيغۇر،1996-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نۇمۇرى:XXXXXXXX 6529011996، ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ئاقسۇ شەھىرى X بازىرى X كەنت X-مەھەللە X-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق ،ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسگە ئىگە ،مۇقۇم كەسپى يوق ، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى 9 -ئاينىڭ 8-كۈنىجىنايى ئىشلار بۇيىچە دىلو تۇرغۇزۇلۇپ شۇ كۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.
ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ،جاۋاپكارسXXنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 4-ئاينىڭ22-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىزجاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلغاندا كېلىپ چىقىش ئېھتىمالىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋاپكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۇل دىلو ماتىريالىنى تەكشۇرۇپ كۆردۇق، جاۋاپكار دىلونى ئاددى تەرتىپتە سوتلاشقا قوشۇلدى .
قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكارسXX 2019-يىلى 9 -ئاينىڭ 4 -كۈنى سائەت 02:30 ئەتراپىدا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن 新NXXXXX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ،ئونسۇ ناھىيە مەدىنيەت يولى جۇياڭ پيادىلەر كوچىسى ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارسى بازارلىق ساقىچخانا خادىملىرى تەرپىدىن بايقالغان.
جاۋاپكار سXXنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى ئەدلىيىلىك باھالاش يەكۈنىدەقان تەركىۋىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى mg/100ml146.67غا يەتكەنلىگى ئېنىقلاپ چىقىلغان.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،جاۋاپكارنىڭ ئىقراى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،گۇۋاھچىنىڭگۋاھلىغى ،باھالاش خۇلاسىسى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى،ئۈن-سىن ماتېرىيالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋاپكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكارسXXنىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتەموتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگۈلىمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى شەكىلىنىدۇ.
دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، قانۇن بۇيىچە جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىدا «يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى قوغلۇشۇپ ھەيدەپ، قەبىھ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ياكى يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى مەست ھالەتتە ھەيدىگەنلەرگە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلدۇ، قۇشۇمچە ئىشتىراف قۇيۇلىدۇ » دەپ بەلگىلەنگەن.
جاۋاپكارسXXنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، كېپىللىك مەزگىلىدىكى ئىپادىسى ياخشى، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا بەرگەندە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ. قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۇن جاۋاپكارسۇلتان ئەركىننى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: كىرەمجان ئۆمەر
پۇتۈكچى:ئىزىزجان ئابلەت
2020-يىلى 4-ئاينىڭ30-كۈنى
قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 نۇسقا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى ،بىر نۇسقا ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامسى، بىر نۇسقا دەلىل ئىسپات تىزىسى ،بىرنۇسقا جىنايىتنى تۇنۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى ،بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋابكارسXXھازىرئائىلىسىدە، تېلىفۇن: XXXXXXXXXX
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论