欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(认罪认罚案件适用)(艾某某涉嫌盗窃案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-21 尘埃 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕XX号 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ            ئەيىبنامىسى

                                                                    ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) XX-نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار ئەXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX–يىلى XX–ئاينىڭ XX–كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى XXXX، XX ناھىيەسىدىن، قامىلىشتىن ئىلگىرى XX ناھىيە XX بازىرى XX كەنىت XX-مەھەللە XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك بىر يىل ئۈچ ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ توختۇتۇپ قويۇلۇپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق قولغا ئېلىنغان.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئەXXنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. 

            مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

جاۋابكار ئەXX 2019-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى سائەت 21:00 ئەتراپىدا XX بازىرى XX-كەنىت XX-مەھەللىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى گXXنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كىلىپ گXXنىڭ دەرۋازىسىغا قۇلۇپ سېلىقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئوغۇرلۇق قىلىش نىيتىگە كېلىپ گXXنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىنى بىردەم كۆزۈتۈپ تۇرۇپ ئۆيىدە ئادەم يوق ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن ياXXنىڭ ھويلىسى ئارقىلىق گXXننىڭ ئۆيىگە كىرىپ ياتاق ئۆيىدىكى كارۋاتنىڭ ئۈستىدىكى تاماق يەيدىغان جوزىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ قويغان قارا رەڭلىك ئايالچە سومكىسىنى ئاختۇرۇپ، سومكىنىڭ ئىچىدىكى 800.00 يۈەن نەق پۇلنى ئوغۇرلاپ چىقىپ ئۆيىدىكى كىگىزنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ قويغان. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تولۇق ئەسلىگە كەلگەن. جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار ئەXX مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ئەXXنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ مال-مۈلىكىنى يوشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىندۇ، جاۋابكار ئەXX ئىلگىرى قەستەن جىنايەت سادىر قىلغان بۇلۇپ، بەش يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە قايتا جىنايەت سادىر قىلغان تەكرار جىنايەتچى،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددا، 65-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈككە بولغان ئىگىدارلىق ھوقوقىنىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: ئايشەمگۈل ئابدۇسەمەت

پۈتۈكچى: ئامانگۈل تۇرسۇن

2020-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى

  

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىپنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top