كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ك ش ت ج ئەيىپلەش ( 2019 )1452–نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ئەXX، ئەر، 1986-يىل XX-ئاينىڭ XX-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:XXXXXX6528011986 ، ئۇيغۇر،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسپى:دىھقان،نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىنجاڭ كورلا شەھىرى XX يېزا ھۆكۇمەت XX-نۇمۇر، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورۇن: كورلا شەھىرى XX يېزا XX كەنىتXX-گۇرۇپXX-نۇمۇر، ،بۇرۇن جازالانمىغان، 2019-يىلى 05-ئاينىڭ 14-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن .
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئەXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، شۇكۇنى جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئالدۇق، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار دىلونى تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار ئەXX 2019-يىلى02-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 21:52لەر ئەتراپىدا، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە新MXXX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ،كورلا شەھىرى XX يېزا XX يۇلى ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە،مەشغۇلات توغرا بولماي ماشىنا كونتۇرۇللىقىنى يوقۇتۇپ،يول ياقىسىدىكى ئېرىققا كىرىپ كەتكەن،نەتىجىدە قاتناش ۋاستىسىنىڭ بۇزۇلىشىدەك قاتناش ۋەقەسى سادىر بولغاندىن كىيىن، شۇ يول بۆلىكىدە ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان قوشېرىق ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى تەرپىدىن بايقىلىپ،نەق مەيداندا تۇتۇلغان.
شىنجاڭ XX ئەدىلىيەلىك تەكشۈرۈش مەركىزى (2019) XX-نۇمۇرلۇق زەھەرلىك ماددا لابراتۇريېلىك تەكشۈرەش دوكلاتىدا جاۋاپكار ئەXXنىڭ قېنىدا ھەر يۈز مىللىلېتىردا236مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى بار دەپ يەكۈن چىقارغان.
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى (2019)XX-نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسى چىقىرىپ ،بۇ قېتىمقى قاتناش ۋەقەسىدە ئەXX بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ باھالاپ بىكىتكەن.
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى: يازما ئىسپات،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاشنامە، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش سۆرەتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار ئەXX ئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكارئەXXنىڭ قاتناش- ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدەپ ۋەقە سادىر قىلغان قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسى 1-مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكار ئەXXنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش :ھاۋاگۈل توختى
گۈلبانۇم قادىر
2019-يىلى12-ئاينىڭ14-كۈنى
ئەسكەرتىش :
(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام،10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
(3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتراپ قىلىش تىلخېتى بىر نۇسخا
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论